导航切换

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى يوقلاپ ھال سورىدى

日期:2019年06月02日
来源:天山网
【字体:

5- ئاينىڭ 30- كۈنى 3- قېتىملىق «مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى كۈنى». ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن تيەن ۋېن، جى جېڭ، جاڭ چۇنلىن، رېن خۇا، مەڭلىك سېيت قاتارلىقلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ۋاڭ شياۋدۇڭ، لى نەنفاڭ، تەلئەت ئوبۇل، ۋاڭ شياۋدۇڭ، دېڭ مىڭجياڭ، خەن پېڭ، خۇاڭ يۇڭ، ليۇ بىن، ۋاڭ ۋېيچىڭ، ۋاڭ خۇڭ، ئىسراپىل ئەبەي، چېن يانىڭ قاتارلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇنەۋۋەر پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى يوقلاپ ھال سورىدى، ئۇلارغا سالام يوللىدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

لى پېڭشىن قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرمىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولۇپ، ۋەزىيەت سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىپ، ھەرمىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشى كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ جاپالىق ئەجىر قىلىشىدىن ۋە خالىس تۆھپە قوشۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ. كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى يۈكسەك ئىرادە تىكلەپ، تىرىشچان بولۇپ، كەسىپنى قەدىرلەپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىپ، ئۆزىنىڭ كەسپىي ئارتۇقچىلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىلىم - پەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش بۇرچىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك پەن - تېخنىكا تىرىكىگە ئىگە قىلدى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: كارخانىلارنى سۇبيېكت قىلىش، بازارنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پەن - تېخنىكا ئالدىنقى سېپىنى نىشانلاپ، ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە كارخانىلار تەتقىق قىلىپ ئېچىش سۇپىسى قاتارلىق تۈرلۈك سۇبيېكتلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇش كېرەك. بىر تۈركۈم پەن - تېخنىكا باشلامچى ئىختىساسلىقلىرىنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈپ، كىرگۈزۈپ، مۇكەممەل ئىختىساسلىقلار زاپاس قوشۇنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يېڭىلىق يارىتىشچان شىنجاڭ قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، پۇختا ئىختىساسلىقلار ئاساسى سېلىش كېرەك. كەڭ پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى تەشكىلاتلىرى «پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ئائىلىسى»لىك رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مۇكاپاتلاش مېخانىزمى، ئادىمىيەت غەمخورلۇقى قاتارلىق جەھەتلەردە دەل جايىدا كۈچەپ، تىرىشىپ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى مۇنداق بىلدۈردى: ھەققانىيەتكە ئىنتىلىدىغان، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەيدىغان، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان ئىلىم - پەن روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىجادىيەتلىك قوزغىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇھىم ۋەزىپىسىنى ھەقىقىي زىممىمىزگە ئېلىپ، ھەرقايسى ساھە ۋە ئىش ئورۇنلىرىدا ئەقىل - پاراسىتىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى ياڭ، جاڭ يەنفاڭ، لياڭ لىخۇا، جاڭ يۈنمېي، شيې خۇيبيەن، چېن چياڭۋېي يازغان)