ــــ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش»باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى
«بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنىڭ 70- يىلى، مۇشۇ پەيتتە بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش دەل ۋاقتىدا بولدى.» 5- ئاينىڭ 31- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى، چوڭقۇر روھلاندۇردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، مەسئۇلىيەت، بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش روھىنى ئۇرغۇتۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى، بولۇپمۇ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.
■ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي پەزىلەتنى تاۋلاش
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىش، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش كاتىپ يې مېيجىن مۇنداق بىلدۈردى: ئۈزلۈكسىز «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مەنىۋى كالتسىينى تولۇقلاپ، ئىدىيەدىن ئىبارەت بۇ رولنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەيدىغان سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىمىزگە ئالىمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى نازارەت قىلىش ئىشخانىسىنىڭ كادىرى يۈەن پىڭگېن مۇنداق دېدى: ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي پەزىلەتنى تاۋلاپ، يېڭى دەۋر ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرىغا يۈكلىگەن مۇقەددەس بۇرچنى زىممىمىزگە ئالىمىز.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگەنگەندىن كېيىن، تۇرپان شەھىرى توقسۇن ناھىيەسىنىڭ شا يېزىسى بۇلاقبېشى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زىبىبۇل ئەنەيتۇل قەتئىي ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن چوقۇم باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر ئاممىنى قەلب تۆرۈمگە قويۇپ، جان - دىلىم بىلەن كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن».
■ نىشان - تەلەپنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئومۇمىي تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتىنىڭ نازىرى جاڭ شياۋلېي مۇنداق بىلدۈردى: پەن - تېخنىكا نازارىتى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئىجادىيەتلىك قوزغىتىش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىگە سېلىشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچقا سېلىشتۇرۇپ، مەسىلىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، خىزمەتتىكى كەمتۈكلۈكنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەسىلە تىزىملىكىنى چىقىرىپ، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتىدۇ.
ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جۇ شىن مۇنداق دېدى: «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشتا، دىققەتنى ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، رەھبىرىي كادىرلارنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىش، باشلامچىلىق بىلەن سېلىشتۇرۇش، باشلامچىلىق بىلەن تۈزىتىش، باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، ھەقىقىي تۈردە باشلامچىلىق، نەمۇنىلىك، ئۆلچەم بايرىقىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئەمەلىي بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى يېڭى ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا، يېڭى خىرىسنى يېڭىشكە، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك.
«مەھەللە كادىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا، مەھەللە خىزمىتىدە ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئاممىنى مەركەز قىلىپ، ھەر ۋاقىت ئاممىنىڭ ھال - ئەھۋالىنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈشىمىز كېرەك.» ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى خۇييۆ مەھەللىسىنىڭ كادىرى تۇرسۇنئاي ھامۇت مۇنداق بىلدۈردى: چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى خىزمەت جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاھالىلەرنىڭ بېشىنى قاتۇرۇۋاتقان ئىشلارنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاھالىلەرنى تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمىز.
■ ئىستىلنى ئۆزگەرتىپ ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەش جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كۈچنى مۇجەسسەملەش
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەتنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، تىرىشىپ ئەڭ ياخشى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى دېڭ شۈەنبىن مۇنداق بىلدۈردى: «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئېتىقاد ئاساسى، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى، پاكلىق ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، كەڭ كادىرلارنى ئەمەلىيەت، خەلق، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرىمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ قەشقەر شەھىرىنىڭ نەزەرباغ بازىرى ئالغا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى لى فاڭ مۇنداق دېدى: «پۈتۈن كەنتتىكى كادىرلار ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، پۈتۈن كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىمىز».
«ئىجابىي تىپلارنى تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئەتراپىدىكى ئىشەنچلىك، ئۆگىنىشكە تېگىشلىك ئىلغار شەخسلەرنى تەشۋىق قىلىپ، ئۆرنەك قىلىشقا، ئومۇملاشتۇرۇشقا بولىدىغان بىر تۈركۈم ياخشى تەجرىبىلەرنى كېڭەيتىش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكوم ئاخبارات مەركىزى، مەمۇرىي مەھكىمە ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سۈي جىڭغا مەسئۇلىيىتىنىڭ مۇھىم، زورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: تارباغاتاي ۋىلايىتى تەشۋىقات سىستېمىسى باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىلغار تىپلارنى تىرىشىپ ياخشى تەشۋىق قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىستىلنى ياخشىلاپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.
(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يەنفاڭ، لى ياڭ، لياڭ لىخۇا، شيې خۇيبيەن، ھەبىبە، مېھرىگۈل ناسىر، جاڭ جىلى، جاڭ تىڭ، جاڭ رۇيلىن، چېن چېن، ئىختىيارىي مۇخبىرى شياڭ خۇڭ يازغان)