导航切换

باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

日期:2019年06月01日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10- يىغىنى يېپىلدى

باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5- ئاينىڭ 31- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10- يىغىنى يېپىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 52 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

يىغىندا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىدا ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزاملىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە چېتىلىدىغان مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تەڭشەش مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارارى» ماقۇللاندى، ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق «بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ <بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئارشاڭ شىنجاڭ شىمال سەمەندەرى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» «بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ <بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تارىم توغراقلىقى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش نىزامى> <بايىنبۇلاق ئوتلىقىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» «باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ <باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداش نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى، ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق 2019- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك خامچوتىنى تەڭشەش لايىھەسى قارارى ماقۇللاندى، ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق كادىرلارنى تەيىنلەش - قالدۇرۇش ئىشلىرى ماقۇللاندى.

يىغىندا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت خىزمەتچى خادىملىرىغا تەيىننامە تارقىتىلدى ھەم ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق - مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي پەزىلەتنى ئاڭلىق تاۋلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋرگە مۇناسىپ نەتىجە يارىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، چىقىرىش، تۈزىتىش، بىكار قىلىش، ئىزاھلاشنى تەڭ تۇتۇش ۋە جىددىي ئېھتىياجلىقلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان نىزام - بەلگىلىمىلەرنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ، چىقىرىپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك؛ نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور مەسىلىلەر ۋە خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نازارەت قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كېسەل مەنبەسىنى ئېنىقلاپ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش، ئاخىرغىچە تۇتۇش كېرەك؛ ۋەكىللەر خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ۋەكىللەرنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ۋەكىللەرنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىنى ياخشى تەشكىللەپ، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلىرىنىڭ بېجىرىلىش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ۋەكىللەرنى سادىقلىق بىلەن پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشقا، سەمىمىيلىك بىلەن خەلق ئۈچۈن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشقا، ياخشى كۆۋرۈك، رىشتە بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرى جۇ خەيلۇن، لى شۆجۈن، دۇڭ شىنگۇاڭ، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قادىلبېك قامزا، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى باھارگۈل سەمەت، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى لى يۇڭجۈن، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار، دائىمىي كومىتېت خىزمەت تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق بىر قىسىم ۋەكىللىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى ھەمدە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.