导航切换

قاراماي - چۆچەك تۆمۈريولىدا قاتناش باشلاندى

شىنجاڭدىكى ئەڭ ئاخىرقى ۋىلايەت، ئوبلاست مەركىزىي شەھىرىگە پويىز قاتنىماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى

日期:2019年05月31日
来源:新疆日报
【字体:

5- ئاينىڭ 30- كۈنى سائەت 10دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، چۆچەك پويىز ئىستانسىسىدا، چۆچەك - ئۈرۈمچى K9858- قېتىملىق نۆۋەتچى پويىزنىڭ ئاستا - ئاستا قوزغىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى ئەڭ ئاخىرقى ۋىلايەت، ئوبلاست مەركىزىي شەھىرى − چۆچەك شەھىرىگە پويىز قاتنىماسلىق تارىخى ئۆزگەرتىپ يېزىلدى.

شۇ كۈنى، قارامايدىن چۆچەككە قاتنايدىغان تۆمۈريولدا رەسمىي قاتناش باشلىنىپ، چۆچەك شەھىرى جۇڭگو تۆمۈريول تورىغا رەسمىي كىرگۈزۈلدى ھەم جۇڭگودىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا قاتنايدىغان 3- تۆمۈريول چوڭ يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنىگە ئايلاندى.

چۆچەك ۋوگزالىدا، بۇ تارىخىي خاراكتېرلىك پەيتكە ئورتاق گۇۋاھ بولۇۋاتقانلاردىن كارخانىلار ۋەكىللىرى، قۇرۇلۇشچىلار، ئاككوردىيون چېلىۋاتقان پېشقەدەملەر، لەرزان ئۇسسۇل ئويناۋاتقان قازاق قىزلىرى بار ئىدى... «داقا - دۇمباق چېلىپ پويىزنى كۈتۈۋېلىپ، قەلبىم بەك شادلاندى، بۇنىڭدىن كېيىن سەپەر قىلىش تېخىمۇ قولايلاشتى، ساياھەت، ئېكسكۇرسىيە قىلىپ جاھان كۆرىدىغان بولدۇق...» ۋوگزالنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا چۆچەك شەھىرىنىڭ ئەرگۇڭ بازىرى ئاياغ قاراڭگۇر كەنتىدىكى 79 ياشلىق كەنت ئاھالىسى ۋاڭ يۇڭگۇڭ كۇەيبەن ئارقىلىق قەلبىدىكى ھاياجېنىنى ئىپادىلىدى.

قاراماي - چۆچەك تۆمۈريولى دۇنياغا داڭلىق «ئالۋاستى شامال رايونى» − مايتاسنى كېسىپ ئۆتىدۇ. تۆمۈريول ياسىلىشتىن ئىلگىرى، ھەر يىلى قىشتا ھاۋا تۇيۇقسىز ئۆزگەرسە، ساياھەتچىلەر مايتاستا توسۇلۇپ قالاتتى. قىش پەسلىدە سەپەر قىلغاندا توسالغۇغا ئۇچرىماسلىق چۆچەك خەلقىنىڭ ئارزۇسى ئىدى.

چۆچەك شەھىرىدىكى 83 ياشلىق شەھەر ئاھالىسى جى بىخۇڭ چۆچەكتىن تۇنجى قېتىم قارامايغا بارىدىغان پويىز بېلىتىنى سېتىۋېلىپ، شۇ كۈنى ئەتىگەندىلا ۋوگزالغا يېتىپ كەلدى. «ئىلگىرى قىشتا يىراققا بارساق قار - شىۋىرغاندا يولنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىدىن ھەممىدىن بەك ئەنسىرەيتتۇق، پويىزنىڭ قاتنىشىغا كۆپ يىل تەلمۈردۇق، بۇ كۈن ئاخىر يېتىپ كەلدى، مەن بەك ھاياجانلاندىم!» دېدى جى بىخۇڭ مۇخبىرغا.

20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، تارباغاتاي ۋىلايىتى تۆمۈريول قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇپ، 2002- يىلى قاراماي - چۆچەك تۆمۈريولى قۇرۇلۇشى لايىھەسى تەتقىقاتىنى قانات يايدۇردى، 2014- يىلى 4- ئايدا قارامايدىن تۆمۈرتامغىچە بولغان بۆلەكتە تۆمۈريول قۇرۇلۇشى رەسمىي باشلاندى؛ 2016- يىلى 9- ئايدا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاراماي - چۆچەك تۆمۈريولى 2- قارارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ مۇمكىنلىك تەتقىقات دوكلاتىغا تەستىقىي جاۋاب بەردى؛ 2017- يىلى 4- ئاينىڭ 7- كۈنى، قاراماي - چۆچەك تۆمۈريولىنىڭ تۆمۈرتامدىن چۆچەككىچە بولغان بۆلىكىدە رەسمىي قۇرۇلۇش باشلاندى. 2019- يىلى 5- ئاينىڭ 12- كۈنى، كۆپ تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، قاراماي - چۆچەك تۆمۈريولى تۈرى بىخەتەرلىكنى باھالاش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئۆتتى.

ئىگىلىنىشىچە، قاراماي - چۆچەك تۆمۈريولى كۈيتۈن - بېيتۈن تۆمۈريولىنىڭ قاراماي شەھىرى چېگراسى ئىچىدىكى ئاقبۇلاق ۋوگزالىدىن باشلاپ ياسالغان بولۇپ، تولى ناھىيەسىنىڭ تۆمۈرتام بازىرى، دۆربىلجىن ناھىيەسىدىن ئۆتۈپ، ئاخىرقى بېكەت چۆچەك شەھىرىگە بارىدىكەن، يول بويى يەتتە بېكەت تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئومۇمىي مۇساپىسى 272.79 كىلومېتىر كېلىدىكەن. شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ھەر كۈنى ئۈچ جۈپ يولۇچىلار نۆۋەتچى پويىزىنى ئورۇنلاشتۇرىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىدىن چۆچەككە ئىككى جۈپ پويىز قاتنايدىكەن، 5- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن باشلاپ قاتناش باشلىنىدىكەن؛ چۆچەكتىن كۈيتۈنگىچە بىر جۈپ پويىز قاتنايدىكەن، 5- ئاينىڭ 31- كۈنىدىن باشلاپ قاتناش باشلىنىدىكەن. ئۈرۈمچىدىن چۆچەككىچە بېلەت باھاسى 93 يۈەندىن باشلىنىدىكەن، باشقا قاتناش ۋاسىتىسى بىلەن سەپەرگە چىقىشقا قارىغاندا تېخىمۇ ئەرزان ئىكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۈ بىن مۇنداق بىلدۈردى: قاراماي - چۆچەك تۆمۈريولىنىڭ پۈتۈپ قاتناش باشلىنىشى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ قاتناش بوغما ھالىتىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، «شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان قاپلىغان، شىنجاڭغا كىرىش - چىقىش تېزلىتىلگەن» نىشاننى تېزدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پايدىلىق، بۇ، تارباغاتاينىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا مۇھىم، زور تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، غەربكە ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى سىلجىتىشىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.