«قارا كۈچلەر بولسا قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىك بولسا رەزىللىكنى تۈگىتىش، قالايمىقانچىلىق بولسا قالايمىقانچىلىقنى تۈزەش» باش تەلىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بازار زومىگەرلىرى، زورلاپ ئېلىپ سېتىش، ساختا، ناچار تاۋارلارنى ياساپ سېتىش قاتارلىق قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق يىپ ئۇچلىرىنى نۇقتىلىق رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، بازار ساھەسىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
5- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى 20دىن ئارتۇق قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىمنى تەشكىللەپ، ئۈچ ھەرىكەت گۇرۇپپىسىغا بۆلۈپ، خۇالىڭ قاشتېشى شەھەرچىسىدىكى 12 تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئاپپاراتىنى تەكشۈردى. ھەرقايسى تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئاپپاراتلىرىنىڭ سالاھىيىتى، تەكشۈرۈشنى بېكىتىش ئۈسكۈنىسى، تەكشۈرۈشنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىنچىكىلەپ ئايرىش ئارقىلىق، بەش ئاپپاراتتا تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئېلىپ بارمايلا ئۆزى خالىغانچە يالغان تەكشۈرۈش دوكلاتى گۇۋاھنامىسى چىقارغانلىق ئەھۋالىنىڭ ساقلانغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە، گۇۋاھنامە بىلەن ئەمەلىي بۇيۇمنىڭ بىردەك بولماسلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ ساقلانغانلىقىنى بايقىدى.
«ئۆزى خالىغانچە ساختا تەكشۈرۈش دوكلاتى گۇۋاھنامىسى چىقىرىش بازارنىڭ تىجارەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى، <زىيانداش>لارغا قەتئىي زەربە بېرىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىستېمالچىلارنى خاتىرجەم سېتىۋالالايدىغان، خاتىرجەم ئىشلىتەلەيدىغان قىلىش كېرەك» دېدى شۇ كۈنى ئەترەت باشلاپ تەكشۈرۈشكە چىققان ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى قانۇن ئىجرا قىلىش تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى چېن شۈەنبو.
قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىخو شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى 7912 كارخانا ۋە يەككە تىجارەتچىنى زىيارەت قىلىپ، ئاممىنى ئەتراپىدىكى ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سالغان ھەرخىل «كۆكتات زومىگىرى» «كەسىپ زومىگىرى» «بازار زومىگىرى»نى پاش قىلىشقا كەڭ سەپەرۋەر قىلدى.
5- ئاينىڭ 5- كۈنى، ساغلاملىق بۇيۇملىرى بازىرىدىكى قالايمىقانچىلىق، چاي بازىرىدىكى قالايمىقانچىلىق، ماركىسى، بەلگىسى بولماسلىق قالايمىقانچىلىقى قاتارلىقلارغا قارىتا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش، تەكشۈرۈش خادىملىرى تەۋەلىك رايونىدىكى ھەرقايسى چوڭ سودا ساراي، تاللا بازار، يېمەك - ئىچمەك بازارلىرىدا قاتتىق زەربە بېرىش، قاتتىق تەكشۈرۈش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كەسىپتىكى قالايمىقانچىلىقلارنى مەركەزلىك تۈزەش ھەرىكىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ساھەسىدىكى قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق، قالايمىقانچىلىققا چېتىشلىق مەسىلىلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، يىپ ئۇچلىرىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، دېلو بېجىرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كەسىپتىكى قالايمىقانچىلىق كۆپ يۈزبېرىدىغان، ئاسان يۈزبېرىدىغان ساھەلەرنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق جازالاپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار تەرتىپىنى قوغداپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىدىكەن.