5- ئاينىڭ 22- كۈنى ئېچىلغان قاراماي - چۆچەك تۆمۈريولىدا قاتناش باشلاش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان قارامايدىن چۆچەككىچە بولغان تۆمۈريولدا 5- ئاينىڭ 30- كۈنى قاتناش باشلىنىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدىكى پويىز قاتنىمىغان ئەڭ ئاخىرقى ۋىلايەت، ئوبلاست مەركىزىي شەھىرى − چۆچەك شەھىرىگە پويىز قاتنىماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلىدىكەن.
قاراماي - چۆچەك تۆمۈريولى شىنجاڭ تۆمۈريول تورى كۈيتۈن - بېيتۈن تۆمۈريولىنىڭ بىر تارماق لىنىيە تۆمۈريولى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 271 كىلومېتىر، كۈيتۈن - بېيتۈن تۆمۈريولىدىكى ئاقبۇلاق بېكىتى بىلەن تۇتىشىدۇ، قاراماي شەھىرى، ئاقبۇلاق نېفىتلىكىنى بويلاپ شىمالغا سوزۇلۇپ، تولى ناھىيەسىنىڭ تۆمۈرتام بازىرى، دۆربىلجىن ناھىيەسىدىن ئۆتۈپ چۆچەك شەھىرىگە تۇتىشىدۇ. پىلانغا ئاساسەن، قاراماي - چۆچەك تۆمۈريولى بويىدىكى بېكەتلەر ئىچىدە، تۆمۈرتام بېكىتى، دۆربىلجىن بېكىتى ۋە چۆچەك بېكىتى يولۇچىلار بېكىتى بولۇپ، چۆچەك بېكىتىنىڭ قۇرۇلۇشى پۈتۈپ 5- ئاينىڭ 30- كۈنى يولۇچى توشۇش كەسپىنى يولغا قويىدۇ، تۆمۈرتام بېكىتى، دۆربىلجىن بېكىتىدە ھازىر قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتىدۇ، قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن ئارقا - ئارقىدىن قاتناش باشلىنىدۇ.
شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ھەركۈنى ئۈچ جۈپ يولۇچىلار پويىزىنى قاتنىتىپ ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ، ئۈچ جۈپ پويىزنىڭ بېلىتى 5- ئاينىڭ 23- كۈنى سائەت 10دىن باشلاپ سېتىلدى. پويىزنىڭ بېلەت باھاسى: ئۈرۈمچىدىن چۆچەككىچە بولغان پۈتۈن مۇساپىدىكى قاتتىق ئورۇندۇقنىڭ بېلىتى 93يۈەن، قاتتىق كارىۋاتنىڭ ئۈستى، ئوتتۇرىسى، ئاستىنىڭ باھاسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 163يۈەن، 168يۈەن، 174يۈەن، يۇمشاق كارىۋاتنىڭ ئۈستى، ئاستىنىڭ باھاسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 251 يۈەن، 263 يۈەن؛ چۆچەكتىن كۈيتۈنغىچە بولغان قاتتىق ئورۇندۇقنىڭ بېلەت باھاسى 64.5 يۈەن، قاتتىق كارىۋاتنىڭ ئۈستى، ئوتتۇرىسى، ئاستىنىڭ باھاسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 115.5 يۈەن، 119.5يۈەن، 122.5 يۈەن، يۇمشاق كارىۋاتنىڭ ئۈستى، ئاستىنىڭ باھاسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 175.5 يۈەن، 182.5 يۈەن.
تارباغاتاي ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر، قوشۇمچە تۆمۈريول ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما لىن مۇنداق دېدى: چۆچەك شەھىرى ھازىر شىنجاڭدىكى بىردىنبىر پويىز قاتنىمىغان ۋىلايەت، ئوبلاست مەركىزىي شەھىرى، قاراماي - چۆچەك تۆمۈريولىدا قاتناشنىڭ باشلىنىشى تارباغاتاي ۋىلايىتىدە تاشيول، تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئىستېرېئولۇق ئۇنىۋېرسال قاتناش تورىنى بەرپا قىلىدۇ، بۇ تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى ھەرمىللەت ئاممىنى بىخەتەر، ئازادە، تېجەشلىك تۆمۈريول سەپىرى شەكلى بىلەن تەمىنلەپ ۋە شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى يولۇچىلارنىڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىگە بېرىپ سەيلە قىلىش، ساياھەت قىلىش، سودا قىلىش قاتارلىق ئىشلىرىغا قولايلىق يارىتىپلا قالماي، يەنە تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ مول قېزىلما بايلىقلىرىنى سىرتقا توشۇش، «سىرتقا چىقىرىش» ئۈچۈن «ئالتۇن لىنىيە» ئېچىپ بېرىدۇ.