导航切换

مەركەز قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئىلى، قىزىلسۇ، تۇرپانغا چۆكۈپ نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك خىزمىتىنى قانات يايدۇردى

日期:2019年05月20日
来源:新疆日报
【字体:

5- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە، مەركەز قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش 21- نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرىگە چۆكۈپ نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىم تۆۋەنگە چۆكۈپ نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىشتىكى ئاساسىي مەقسەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەۋقەنى «مۇقىملىق»تىن ئىبارەت بۇ ئومۇمىي ۋەزىيەتكە قويۇپ، مەخسۇس كۈرەشنى يېتەكچى قىلىپ، يەرلىكنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ھەقىقىي ياخشى قوغدىشىغا تۈرتكە بولۇش. نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىكنىڭ پىشاڭلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىنغان جايلارنىڭ تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلىشى، مەسىلىلەرنى بايقىشى، تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، كۈرەش تاكتىكىسىنى قاراتمىلىق ھالدا تەڭشەپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەخسۇس كۈرەشتە مۇتلەق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، نۇقتىلىق، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش، چوڭقۇر قېزىپ ئۈزۈل - كېسىل تەكشۈرۈش، مۇناسىۋەت تورىنى بۇزۇش، مۇھاپىزەت كۈنلۈكىگە زەربە بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كۈچىشى كېرەك. قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى تەشۋىقات پائالىيىتىنى كۆپ نۇقتىدىن، تولۇق قاپلىغان، ئىستېرېئولۇق ھالدا چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كۈچلۈك تەشۋىقات ھۇجۇمى ئارقىلىق قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ماسلاشتۇرۇش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، قارا، رەزىل كۈچلەر ئاسان كۆرۈلىدىغان، كۆپ كۆرۈلىدىغان جايلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، تۈزەپ، نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەرنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقىنى قەتئىي، تەلتۆكۈس يوقىتىش كېرەك؛ بىر تەرەپتىن نازارەت قىلىپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈم ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك.

ھەرقايسى جايلار بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئاڭلىق، تەشەببۇسكار ھالدا قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مەركەز نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ كىرىپ ئورۇنلىشىپ نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى پۇرسەت بىلىپ، قانۇن بويىچە زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»نى چوڭقۇر قېزىپ، ئۈزۈل - كېسىل تەكشۈرۈپ، كەسپىي تارماقلارنى تۈزەش ۋە تۈزۈلمە مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىددەتلىك ھۇجۇمنى بوشاشتۇرماي، قاتتىق زەربە بېرىپ تۈزەشتە يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، باشقۇرۇش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرىمىز.