导航切换

ئاپتونوم رايونىمىز يېشىل كان بەرپا قىلىشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرىدۇ

2020- يىلىغا بارغاندا تىرىشىپ 400دىن ئارتۇق يېشىل كان قۇرۇپ چىقىدۇ

日期:2019年05月20日
来源:新疆日报
【字体:

2019 شىنجاڭ كانچىلىق تەرەققىياتى ھەم يېشىل كان قۇرۇلۇشى باشلىقلار مۇنبىرىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپ ساندىكى چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى كانلار يېشىل كان بەرپا قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان ياكى قانات يايدۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، 2020- يىلىغا بارغاندا تىرىشىپ 400دىن ئارتۇق يېشىل كان، ئالتە يېشىل كانچىلىق تەرەققىيات ئۈلگە رايونى قۇرۇپ چىقىلىدىكەن.

بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىز شىنجاڭ كانچىلىق بىرلەشمىسى ۋە شىنجاڭ تەبىئىي بايلىق پىلانلاش يۇرتىنى ئۈچىنچى تەرەپ باھالاش ئاپپاراتى قىلىپ، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار كەسىپ ئۆلچىمىنى باھالاش ئاساسى قىلىپ، يېشىل كان بويىچە ئۈچىنچى تەرەپ باھالىغان كاندىن يېڭىدىن 12نى كۆپەيتىشنى تاماملاپ، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ يېشىل كان ئامبىرىغا كىرگۈزۈش تەلىپىگە يەتكەن كان ئومۇمىي سانىنى 38گە يەتكۈزدى.

شىنجاڭ كانچىلىق بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن بىرلەشمە باشلىقى جاڭ جىمىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز كۆمۈر، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز، ئالتۇن، ھاك تاش، شېغىل قاتارلىق ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاساسلىق كۆپ مىقداردا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئون خىل كان تۈرى كەسپىنىڭ يېشىل كان قۇرۇش ئۆلچىمىنى بېكىتىۋاتىدۇ. ئۆلچەم بېكىتىلگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، كارخانا ئۆزى قۇرىدىغان، ئۈچىنچى تەرەپ باھالايدىغان، جەمئىيەت نازارەت قىلىدىغان خىزمەت سىستېمىسى ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېشىل كان قۇرۇلۇشى تېخىمۇ تېزلىتىلىدۇ.