5- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئاپتونوم رايون داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا بۇلتۇر 7- ئايدا لاسادا ئېچىلغان داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيانقى خىزمەت ئەھۋالى خۇلاسىلىنىپ، ئالماشتۇرۇلۇپ، ساقلانغان مەسىلىلەر تەتقىق قىلىندى، ئانالىز قىلىندى، ۋەزىپىلەر يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، مەسئۇلىيەت چىڭىتىلىپ، داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇندى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جى جېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. بوشاشماي كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇشتا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دىققەتنى دوختۇرخانىلارنىڭ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرىشىپ داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈش كېرەك. ياردەمگە ئېرىشكۈچى دوختۇرخانىلاردا ئۇزاققىچە ياردەم بېرىش - يۆلەش يىرىك پىلانىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق پەنلەر، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋە داۋالاش - ئوقۇتۇش تەتقىقات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ياردەم بېرىشنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە ئۇقۇم دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۈنۈمىنى يەنىمۇ زورايتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ياردەم بەرگۈچى، ياردەمگە ئېرىشكۈچى ئىككى تەرەپتىكى كۆپ تارماق، كۆپ قاتلام بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر ھەمتۈرتكە بولۇپ، ھەمكارلىشىپ ماسلىشىپ، داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.