5- ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 53- قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئېچىپ، مۇشۇ ئاينىڭ 29- كۈنى دائىمىي كومىتېتنىڭ 10- يىغىنىنى ئېچىشنى قارار قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا دائىمىي كومىتېت 10- يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى ھەم ئورۇنلاشتۇرۇش پىكرى قاراپ چىقىلدى. مۇدىرلار يىغىنىنىڭ تەكلىپ قارالمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10- يىغىنىدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىدا ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزاملىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە چېتىلىدىغان مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تەڭشەش مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارارى (لايىھە)» قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يېزا - كەنت تازىلىقى نىزامى»، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنىنىڭ <بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئارشاڭ شىنجاڭ شىمال سەمەندەرى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3- يىغىنىنىڭ <بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تارىم توغراقلىقى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش نىزامى>غا، <بايىنبۇلاق ئوتلىقىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ <باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداش نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» تەكشۈرۈلىدۇ.
يىغىندا يەنە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2019- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك خامچوتىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى لايىھەسى (لايىھە) ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ، 2019- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك خامچوتىنى تەڭشەش لايىھەسى تەكشۈرۈپ تەستىقلىنىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ يەسلى مائارىپى خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ يەسلى مائارىپى خىزمىتى ئەھۋالى مەخسۇس تېما بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چېگرا باشقۇرۇش نىزامى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستاتىستىكا قانۇنى» ھەم «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىستاتىستىكا باشقۇرۇش نىزامى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش نىزامى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى قاتارلىقلار ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ؛ كادىرلارنى تەيىنلەش - قالدۇرۇش تەكلىپ لايىھەسى قاراپ چىقىلىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن جۇ خەيلۈن، لى شۆجۈن، دۇڭ شىنگۇاڭ، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل يىغىنغا قاتناشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، ھەرقايسى خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.