5- ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 6- قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى تاماملىغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە يېپىلدى، يىغىندا «سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش نىشاننى پۇختا ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالار ئىدىيەنى قوراللاندۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش ۋە مۇھاكىمە قىلىش نەتىجىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئاڭلىق بولۇشنى ئۆگىنىپ چىقىشى، سادىقلىق، مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئۆگىنىپ چىقىشى، سىياسىي كېڭەشتىكىلەرگە خاس روھنى ئۆگىنىپ چىقىشى كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك.
نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش كېرەك. ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان ئۇل خاراكتېرلىك خىزمەتنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئەلرايىنى قولغا كەلتۈرۈش، كۈچنى مۇجەسسەملەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى چىن كۆڭلىدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەش كېرەك.
نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: بۇرچ - ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ سىياسىي كېڭىشىنىڭ يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلىش كېرەك. سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىدا «قاتتىق بولۇپ»، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئورۇنداش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتا «جىددىي بولۇپ»، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش، بىرىكمە كۈچنى ئاشۇرۇش كېرەك. پىكىر - تەكلىپ بېرىش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتە «ھەرىكەتكە كېلىپ»، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. ۋەزىپىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىدا «كۈچىيىپ»، كۈچلۈك قابىلىيەتنى تاۋلاپ، دەۋر قەدىمىگە يېتىشىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ ياخشى قاتناشقۇچىلىرى، ئەمەلىيەتچىلىرى، ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرىدىن بولۇش كېرەك.
يىغىندا كادىرلار ئىشلىرىغا ئالاقىدار ئىشلار ماقۇللاندى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيەسى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ماغاۋ سېيىتقامزا، مۇئاۋىن رەئىس، قوشۇمچە باش كاتىپ جاڭ بو، مۇئاۋىن رەئىسلەردىن مۇتەللىپ ئوبۇل، ئىلھام سابىر، ما شيۇڭچېڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز يىغىنغا قاتناشتى.