导航切换

ئاپتونوم رايونلۇق «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى» خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى

«ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى»دىكى تۈرلۈك تەلەپلەرنى قەتئىي جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

日期:2019年05月19日
来源:新疆日报
【字体:

5- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى» خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈزەش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھى، ھەمدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ «شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)ىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەملىكەتلىك ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، شەھەرلىك پارتكوم بەنگۇڭتىڭى مۇدىرلىرى مەخسۇس تېمىلىق يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى» خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى» خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەركەز «ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ ھەم «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى» خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلامغا رىشتە باغلايدىغان، كادىرلارغا كۆيۈنىدىغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى تولۇق نامايان قىلدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ چىڭ تۇتۇش قەتئىي ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى، ئاساسىي قاتلام ئۈچۈن باغلاقنى بوشىتىپ يۈكنى يېنىكلىتىدىغان، كەڭ كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان ئەمەلىي ئىشلەش يۆنىلىشى تىكلەپ بەردى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلامنى بەزى ئەھمىيەتسىز ئىشلاردىن خالاس قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، «ئىككى باشنى تۇتۇش»تا چىڭ تۇرۇش كېرەك، بىر باشتا ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى چوڭ بەنزىلەر ياخشى ئۈلگە بولۇشى، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك؛ يەنە بىر باشتا ناھىيە، يېزا ھەر دەرىجىلىكنىڭ يۈكنى يېنىكلىتىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا چوڭقۇر ئىگىلەپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، يۈكنى يېنىكلىتىشتىكى بارلىق تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، كادىرلارغا باھا بېرىش، ئۇلارنى تەكشۈرۈپ باھالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، قېلىپلاشتۇرۇپ، كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كادىرلارنىڭ ئىش قىلىش - نەتىجە يارىتىش ئاكتىپلىقىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. يىغىن ئىستىلى، يېزىقچىلىق ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، ئىخچاملاش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈشكە يوللاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىخچاملاشنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ باھالاش زىيادە كۆپ، زىيادە تەكرار بولۇش، زىيادە ئىز قالدۇرۇش ھادىسىلىرىنى قەتئىي ئۆزگەرتىپ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ باھالاش ئىش تۈرلىرىنى زور كۆلەمدە ئىخچاملاپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش، جاۋابكارلىققا تارتىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنى يۈكنى تاشلاپ، باشقىچە خىياللاردا بولماي خىزمەت قىلىدىغان قىلىش كېرەك. خىزمەت رىتىمىنى ئىگىلەپ، «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى»غا دائىر ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا تەشۋىق قىلىپ، خەۋەر قىلىپ، قويۇق ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتى يارىتىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى جى جېڭ، سارقىت ئاقان يىغىنغا قاتناشتى.