导航切换

ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى

قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتتى

日期:2019年05月19日
来源:新疆日报
【字体:

قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئەستايىدىل تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئەدلىيە مەمۇرىي سىستېمىسىنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشىنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتتى.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش قانۇنچىللىق تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئاپتونوم رايوننىڭ يىللىق قانۇنچىللىق تەشۋىقاتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، يىللىق قانۇن ئومۇملاشتۇرۇش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا كىرگۈزۈپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش قانۇنچىللىق تەشۋىقات - تەربىيەسىگە قارىتا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش قانۇنچىللىق تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ قانۇنچىللىق ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى قويۇق كەيپىياتىنى شەكىللەندۈردى.

قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى «پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئەدلىيە مەمۇرىي سىستېمىسىنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىگە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ماسلىشىپ ياخشى ئىشلىشى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» «ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى»نى تۈزۈپ، بېسىپ تارقىتىپ، قانۇنچىللىق تەشۋىقاتى، ئادۋوكاتلارنى باشقۇرۇش قاتارلىق كۆپ جەھەتلەردىكى كۈچلەرنى ئۈزلۈكسىز بىرىكتۈرۈپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى فۇنكسىيەلىك رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنى «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەر جىنايى دېلولىرىنى بېجىرىشكە ئالاقىدار بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى»، مەملىكەتلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ «ئادۋوكاتلارنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەر جىنايى دېلولىرىنى بېجىرىشتىكى ئاقلاش ۋاكالەتچىلىكى خىزمىتى توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر»ى قاتارلىقلارنى يېشىپ چۈشەندۈرۈشكە تەكلىپ قىلدى، ئاپتونوم رايون بويىچە 230 ئادۋوكاتنى قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۇرسىغا قاتنىشىشقا تەشكىللىدى.

ئاپتونوم رايون بويىچە ھەرقايسى جايلاردىكى ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرى، ئادۋوكاتلار جەمئىيەتلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى، تەپتىش، سوت قاتارلىق تارماقلار بىلەن ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئادۋوكاتلارنىڭ قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق دېلولارنى بېجىرىشتىكى تۈرلۈك دەۋا ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈردى. ھەرقايسى جايلاردىكى ئادۋوكاتلار جەمئىيەتلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ دېلوغا يېتەكچىلىك قىلىش مەخسۇس گۇرۇپپىلىرىنى قۇرۇپ، ئادۋوكاتلىق ئورنى ۋە ئادۋوكاتلارنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەر جىنايى دېلولىرىنى بېجىرىشتىكى ئاقلاش ۋاكالەتچىلىكى خىزمىتىنى قوللىدى ۋە كاپالەتلەندۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى يەنە ئەدلىيە مەمۇرىي سىستېمىسى زىممىسىگە ئالغان مەسئۇلىيەت، ۋەزىپىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىدىكى تۈرلۈك خىزمەت، ۋەزىپىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، «بىرنى بىرتۇتاش پىلانلاش، تۆت چوڭ فۇنكسىيە» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك ئەدلىيە مەمۇرىي مۇلازىمەت كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ.