5- ئاينىڭ 17- كۈنى، ئاپتونوم رايون تەيۋەنگە قاراتقان خىزمەت يىغىنى ئاچتى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەيۋەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا مۇراجىئەتنامە» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەيۋەن خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي، كەسكىن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەيۋەنگە قاراتقان تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۈنجېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ تەيۋەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ ۋە ئۇنى توسۇپ، «ئىككى قىرغاقتىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى» ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ - تەيۋەن ئىككى جاينىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش، شىنجاڭ - تەيۋەن ئىككى جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي يۇغۇرما تەرەققىياتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئورتاق ئەۋج ئالدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: «31 تەدبىر»نى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە، خاتىرجەم ماكانلىشىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇش، قوللاش ۋە جەلپ قىلىش كېرەك. شىنجاڭدىكى تەيۋەنلىك سودىگەرلەر، تەيۋەن كارخانىلىرىغا قارىتىلغان يېتەكچىلىك مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭدىكى تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك سودىگەرلەرنىڭ يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا سىڭىشىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغداپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.