نۇرلان ئەبىلمەجىن ئۈرۈمچىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىجاڭ يەنفاڭ،ئىختىيارىي مۇخبىرگو بىڭخەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونى، تىيانشان رايونىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تۈر قۇرۇلۇشى، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى زىچ يېقىنلىشىپ قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى سۈپىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىش، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.
نۇرلان ئەبىلمەجىن سايباغ رايونى يۇڭفېڭ بازىرىدىكى بويۇڭ 1 - قۇدۇقىغا كېلىپ، گېئولوگىيەلىك چارلاشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، رايون نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقىنىڭ تارقىلىشى ۋە چارلاش - تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، ئالاقىدار يولداشلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىستراتېگىيەلىك نەزەرنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى چۆرىدەپ، رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، نېفىت - تەبىئىي گاز چارلاش - ئېچىش ۋە زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. ئىلمىي دەلىللەپ، قۇدۇق ئورۇنلاشتۇرۇش، چارلاش - تەكشۈرۈش سالمىقىنى پۇختا زورايتىپ، تىرىشىپ يېڭى ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، رايوننىڭ تەرەققىيات يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.
چېڭنەن خەلقئارا سودا ئەشيا ئوبوروت پورتى تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، نۇرلان ئەبىلمەجىن تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ تىجارەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئىلمىي پىلانلاپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئاقىل ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسىنى يۇغۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈپ، تىرىشىپ سودا ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى كەڭ بازارغا يۈزلەندۈرۈشكە تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقان - چارۋىچىنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يىتەكلەش كېرەك.
نۇرلان ئەبىلمەجىن سايباغ رايونىنىڭ يۇڭفېڭ بازىرى يۇڭشېڭ كەنتى، شاڭسى كەنتى، تىيانشان رايونىنىڭ خۇڭيەن كوچا باشقارمىسى ئۇلانباي كەنتىگە كېلىپ، يېزا - كەنت خاس كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال تىجارەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. تەرەققىياتنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش كۈچىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، كەڭ دېھقانلارنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇرغۇتۇپ، ئۇلارنى گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇش يولىدا ئىشەنچكە تولۇش، غەيرىتىنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
ئۇلانباي قەدىمىي شەھەر خارابىسىدە، نۇرلان ئەبىلمەجىن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمىتى ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسىنىڭ شىنجاڭدا نامايان قىلىنىشى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى تومۇرىنىڭ شىنجاڭدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىشى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنىڭ شىنجاڭدىكى ئەمەلىيىتىگە دائىر پاكىتلارنى تېخىمۇ كۆپ جانلىق ئىزاھلاپ ۋە كۈچلۈك بايان قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاقلىقىنى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش تارىخىي پاكىتىنى نامايان قىلىدىغان سۆز سىستېمىسى ۋە ئۈنۈملۈك ۋاسىتىنى بەرپا قىلىش داۋامىدا تېخىمۇ زور نەتىجە يارىتىشنى نامايان قىلىش كېرەك.
ليۇ خۇيجۈن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.