导航切换

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز گوتەي گۇرۇھىنىڭ مەمۇرىي لىدىرى لىن شاۋبو بىلەن كۆرۈشتى

日期:2025年04月30日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئۈرۈمچىدە گوتەي گۇرۇھىنىڭ مەمۇرىي لىدىرى لىن شاۋبو ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ما شىڭرۇي لىن شاۋبو ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئالماشتۇرۇش، زىيارەتتە بولۇشىنى قارشى ئالدى، گوتەي ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شياڭگاڭدىن ئۈرۈمچىگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، ئىچكى - تاشقى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى پائال كېڭەيتتى، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى، ھاياتىي كۈچىنىڭ ئۇرغۇشى خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ تىرانسپورت كۈچى ۋە مۇلازىمەت كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. گوتەي ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بۇ قېتىم شىنجاڭ - شياڭگاڭ بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىشى ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە ئىستراتېگىيەلىك نەزەر ۋە سەزگۈر بازار ئېڭىنى نامايان قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، شىنجاڭ بىلەن شياڭگاڭنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇش، رايونلارنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەھمىيىتى زور. گوتەي گۇرۇھىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ بىلەن بىرلىكتە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، جەلپ قىلىش كۈچى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ كەڭ ساھەدە كېڭەيتىشنى كۆزدە تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق رايون بازارلىرىنى پائال ئېچىپ، تېخىمۇ چوڭ تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

لىن شاۋبو گوتەي گۇرۇھىنىڭ كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: شياڭگاڭ بىلەن ئۈرۈمچى مۇھىم تۈگۈن شەھەر، بۇ قېتىم ئىككى جايدا بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىش شياڭگاڭ بىلەن شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشىنىڭ ئاكتىپ ۋەزىيىتىگە ماسلىشىشتىكى ئەمەلىي تەدبىر، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا قاتارلىق رايونلار ئارا ئالاقىلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ، بۇ، گوتەي ئاۋىياتسىيەسى ئۈچۈن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ يۈرۈشۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى تەرتىپلىك زىچلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، گوتەي ئاۋىياتسىيەسىنىڭ خەلقئارالىشىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرى ۋە مەدەنىيىتىنى پائال تونۇشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، رايونلارنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ قوشۇشنى خالايمىز.

جۇ لىفەن، ئاپتونوم رايون ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، شېنجېن، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.