شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىگو لىڭخەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەم مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، 2426 كىشى تەقدىرلەندى. شىنجاڭدىن 38 كىشى شەرەپ بىلەن مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى دېگەن نامغا ئېرىشتى، 14 كىشى شەرەپ بىلەن مەملىكەتلىك ئىلغار خىزمەتچى دېگەن نامغا ئېرىشتى.
بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ 17 - قېتىم مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى باھالاپ تەقدىرلىشى ھېسابلىنىدۇ. ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ۋە ياسىمىچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمگەكچىلەردىن باشقا، يەنە ھۈنەر - سەنئەت ئۇستىسى، چياڭزۇلار كەشتىچىلىك ھۈنەر - سەنئەت يېتەكچىسى قاتارلىق جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلغۇچىلار، شۇنداقلا ۋەيمەي توشۇغۇچى، تېز يوللانمىنى ئۇلاپ توشۇغۇچى، ئائىلە مۇلازىمىتى بويىچە تەربىيەلەش ئۇستىسى قاتارلىق يېڭى كەسىپ ئەمگەكچىلىرىمۇ بار.
شىنجاڭ تىيانشان يۇڭ توقۇمىچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى يۇڭ توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى جۇ كەيلى، ئاتۇش شەھىرى تۈگۈرمىتى يېزىسىدىكى دېھقان چېگرا قوغدىغۇچى تۇردى ئوسمان، چاغانتوقاي ناھىيەسى جاڭا جەر يېزىسى ئىتتىپاق غەربىي كەنتىدىكى دېھقان لى يىنخۇا قاتارلىق 38 كىشى مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى نامىغا ئېرىشتى؛ شىنجاڭ گېزىتخانىسى خەنزۇچە گېزىت چىقىرىش بۆلۈمى تەھرىر 2 - گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، مۇدىر مۇھەررىر لى خەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى چوڭ ئەترىتى ليەنخۇ يولى ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش پونكىتىنىڭ 1 - دەرىجىلىك شياۋفاڭجاڭى لى جيەنۋېي، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ھايۋانات ئىلمى شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى ليۇ ۋۇجۈن قاتارلىق 14 كىشى مەملىكەتلىك ئىلغار خىزمەتچى نامىغا ئېرىشتى.