2025 - يىلى «1 - ماي» يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ ئالتە تىپىك مەسىلىنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. كونكرېت تۆۋەندىكىچە:
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا خىزمىتى كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى پەرھات روزىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەتنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2013 - يىلىدىن 2023 - يىلىغىچە، پەرھات روزى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نۇرغۇن باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغا قىلغان ئالىي دەرىجىلىك ئاق ھاراق، گىلەم قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان؛ خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى، قەشقەر شەھىرى قاتارلىق جايلاردا ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەتنى كۆپ قېتىم بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قوبۇل قىلغان. پەرھات روزىدا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلدى، ئۇ بەھرىمەن بولىدىغان تەمىنات بەلگىلىمە بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر چيەن جېڭفېڭنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەت، ساياھەت پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2014 - يىلىدىن 2024 - يىلىغىچە، چيەن جېڭفېڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نۇرغۇن باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغا قىلغان ئالىي دەرىجىلىك ئاق ھاراق، قاشتېشى قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان؛ خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەتنى كۆپ قېتىم بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قوبۇل قىلغان؛ خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان چېڭدۇ، سەنيا قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ساياھەت قىلىشنى كۆپ قېتىم قوبۇل قىلغان، ئالاقىدار خىراجەتنى خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى تۆلىگەن. چيەن جېڭفېڭدا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.
كورلا شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس شيەن جىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەتنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2013 - يىلىدىن 2024 - يىلىغىچە، شيەن جى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نۇرغۇن باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغا قىلغان ئالىي دەرىجىلىك ئاق ھاراق، ماي قاچىلاش كارتىسى قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان؛ خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەتنى كۆپ قېتىم بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قوبۇل قىلغان. شيەن جىدا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.
تارباغاتاي ۋىلايەتلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسىنىڭ سابىق دوختۇرخانا باشلىقى جيا شۆبىننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ ئاپتوموبىلىنى ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىش، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەت، ساياھەت پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2013 - يىلىدىن 2024 - يىلىغىچە، جيا شۆبىن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نۇرغۇن باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغا قىلغان ئالىي دەرىجىلىك ھاراق - تاماكا، چاي قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان؛ خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى، چۆچەك شەھىرى قاتارلىق جايلاردا ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەتنى كۆپ قېتىم بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قوبۇل قىلغان؛ خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان چۇڭچىڭ، نەنجىڭ، سۇجوۋ، چاڭشا قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ساياھەت قىلىشنى كۆپ قېتىم قوبۇل قىلغان، ئالاقىدار خىراجەتنى خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى تۆلىگەن؛ باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ ئاپتوموبىلىنى ئۇزاق مەزگىل ھەقسىز ئارىيەت ئېلىپ ئۆزى ئىشلەتكەن. جيا شۆبىندە يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەبىئىي بايلىق ئىدارىسىنىڭ سابىق 4 - دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى ما ۋېنلياڭنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەتنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2016 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە، ما ۋېنلياڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نۇرغۇن باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغا قىلغان ئالىي دەرىجىلىك ھاراق - تاماكا، نەرسە سېتىۋېلىش كارتىسى قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان؛ خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەتنى كۆپ قېتىم بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قوبۇل قىلغان. ما ۋېنلياڭدا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلدى، ئۇ بەھرىمەن بولىدىغان تەمىنات بەلگىلىمە بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.
غۇلجا ناھىيەلىك ھايۋانات سەھىيە نازارەتچىلىكى ئورنىنىڭ سابىق باشلىقى، 4 - دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى شەۋكەت غۇلاجىدىننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم ئېلىش، زىياپەت قوبۇل قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىشخانا سەپلەپ ئىشلىتىش، ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك ھەقلەرنى باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتىلىرىغا تۆلىتىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2023 - يىلىدىن 2024 - يىلىغىچە، شەۋكەت غۇلاجىدىن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نۇرغۇن باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتى سوۋغا قىلغان ئالىي دەرىجىلىك ئاق ھاراق، يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلات قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇمنى ئالغان؛ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكىلەر ۋە خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەتنى كۆپ قېتىم بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قوبۇل قىلغان؛ ئىشخانىنى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ سەپلەپ ئىشلەتكەن، كۆلىمى ئۆلچەمدىن 14 كىۋادرات مېتىر ئېشىپ كەتكەن؛ ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك ھاراق، زىياپەت قاتارلىقلارنىڭ خىراجەتلىرىنى باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكىلەر ياكى خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرىنى تۆلەشكە ئورۇنلاشتۇرغان. شەۋكەت غۇلاجىدىندا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.
يۇقىرىدا ئېيتىلغان تۆت خاھىش بىلەن چىرىكلىك بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن ئالتە تىپىك دېلو مىسالى «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنىڭ جاھىل، مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى، بەزى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يەپ - ئىچىش، خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان ساياھىتىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق ئىنتىزامغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنىڭ يەنىلا پات - پات يۈزبېرىۋاتقانلىقىنى، تۆت خاھىشنىڭ چىرىكلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش، تۆت خاھىشنىڭ چىرىكلىك بىلەن گىرەلىشىپ كېتىش خەۋپىنىڭ باشتىن - ئاخىر مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى، جەزمەن ئىرادىنى ساقلاپ، قىلچە يول قويماي، «تۆت خاھىش»نى ئۇزاققىچە بوشاشماي تۈزەش كېرەك.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەگە ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆگىنىش - مۇھاكىمە قىلىشتا راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىشتا ئەينەن بولۇپ، مەركەزلىك تۈزىتىشتە ھەقىقىي، ئەمەلىي بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق ئۆلچەم ئارقىلىق «تۆت خاھىش»نى تۈزەپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇر، پۇختا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۈشكۈللۈكى، مۇرەككەپلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى، قاتتىق تەدبىر، قاتتىق بولۇش كەيپىياتىنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە «بىرىنچى باشلىق»لار، ياش كادىرلار، يېڭىدىن ئۆستۈرۈلگەن كادىرلار، ئاچقۇچلۇق ئىش ئورنىدىكى كادىرلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا چىڭ قادىلىپ، دىققەتنى نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پاش قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يىپ ئۇچى مەنبەسىنى كېڭەيتىپ، ئاشكارا كۆزىتىش، يوشۇرۇن تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يەپ - ئىچىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل بېرىش - ئېلىش، تەربىيەلەش، تەكشۈرۈش نامى بىلەن ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىش، ئاخىرغىچە قاتتىق بولۇش كېرەك، ئۆگىنىش - تەربىيەسى مەزگىلىدە ۋە مۇھىم بايرام مەزگىلىدە ئىنتىزامغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، تېز بىر تەرەپ قىلىش، ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك، يوشۇرۇن ئۆزگىرىۋاتقان مەسىلىلەرنى چوڭقۇر قېزىپ، ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، تۆت خاھىش بىلەن چىرىكلىكنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، چىرىكلىكتىن كېلىپ چىققان تۆت خاھىشنى تۈزەش خىزمەت زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، دېلوغا چېتىشلىق ئوبيېكتلارنىڭ ئۆزىدىكى «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئاساسىدا، باشقا دۆلەت خادىملىرىدىكى «تۆت خاھىش»قا دائىر يىپ ئۇچىنى بايقاشقا كۈچەپ، «بىر دېلونى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىر تۈركۈمگە تەسىر كۆرسىتىش»تەك چۆچۈتۈش ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلىپ، ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇشتەك كۈچلۈك سىگنالنى قويۇپ بېرىش كېرەك. تۆت خاھىشنى تۈزەش بىلەن يېڭى ئىستىل تىكلەشنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋر پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مەۋقەنى مەسئۇلىيەتكە قويۇپ، كونا ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى ئارقىلىق جەمئىيەت ئىستىلى، خەلق ئىستىلىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار دېلو ئارقىلىق ئىبرەت ئېلىپ، ساۋاقنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇشقا قاتتىق تەلەپ قويۇپ، بىخ ھالىتىدە يوقىتىپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىنتىزام قارىشىنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەلبكە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ياخشى ئىستىل، ياخشى ئوبراز ئارقىلىق يېڭى مۇساپىدە يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق، يېڭى نەتىجىنى نامايان قىلىشى كېرەك.