شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئېچىلغان 2025 - يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا - ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى باشلىنىدىغان 2025 - يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا - ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تاۋار سودا كۆرگەزمىسى» دېيىلدى)نىڭ سودىگەر چاقىرىش ۋە كۆرگەزمىگە تەكلىپ قىلىش خىزمىتى تېز ئالغا سىلجىتىلغان.
«جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى»غا تايىنىپ، جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى كاتىبات باشقارمىسى ئىلگىرىكى نۆۋەتلەردىكى كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىق ئېھتىياجىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، «بىر كارخانىغا بىر تەدبىر» ئەندىزىسى بويىچە «نۇقتىدىن نۇقتىغا» نىشانلىق تەكلىپ قىلىشنى قانات يايدۇردى. ھازىرغىچە، مەملىكەت بويىچە 3000دىن ئارتۇق كارخانا بىلەن ئالاقە ئورناتتى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو ئېنېرگىيە قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو خۇاديەن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق مەركەز كارخانىلىرى كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ قاتارلىق 14 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر قوللاش پىلانىغا كىرگۈزۈلدى. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر «ئون چوڭ كەسىپ توپى»نى چۆرىدەپ، ئەلا سۈپەتلىك كارخانىلارنى ئۆمەك تەشكىللەپ كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، «مەركەز كارخانىلىرى يول باشلاش، يەرلىك ماسلىشىش، كەسىپلەر ھەمتۈرتكە بولۇش» تىن ئىبارەت كۆرگەزمىگە قاتنىشىش سېپىنى شەكىللەندۈردى.
كۆرگەزمىنىڭ كەسپىلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، كاتىبات باشقارمىسى جۇڭگو ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كارخانىلىرى بىرلەشمىسى، جۇڭگو ئەشيا ئوبوروتى ۋە سېتىۋېلىش بىرلەشمىسى قاتارلىق ئوندىن ئارتۇق دۆلەت دەرىجىلىك سودا جەمئىيىتى بىلەن بىرلىشىپ، ئىنچىكە ئايرىلغان ساھەدىكى باشلامچى كارخانىلارنى قول تۇتۇشۇپ ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا، يېڭىلىق يارىتىلغان مەھسۇلاتلارنى كۆرگەزمە قىلىشقا تەشكىللىدى. چوڭ تىپتىكى كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىغا قارىتا، تۇنجى بولۇپ «كۆرگەزمىدىن بۇرۇن لايىھە تۈزۈش − كۆرگەزمە جەريانىدا چوڭقۇر ئۇدۇللاشتۇرۇش − كۆرگەزمىدىن كېيىن ئىز قوغلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش»تىن ئىبارەت پۈتۈن دەۋرىيلىك مۇلازىمەتنى تۇنجى بولۇپ يولغا قويدى.
چېگرا سىرتىدىكى گۇرۇپپا كۆرگەزمىسى جەھەتتە، كاتىبات باشقارمىسى 80 نەچچە دۆلەتنىڭ جۇڭگودىكى ئاپپاراتلىرىغا تۈركۈمگە بۆلۈپ تەكلىپ ئەۋەتتى ھەمدە بېيجىڭغا بېرىپ 13 دۆلەتنىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانىلىرىنىڭ سودا ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت، تۈركىيە، بېلارۇسىيە، مالايسىيا قاتارلىق 19 دۆلەتنىڭ سودا - سانائەت تارماقلىرى ۋە سودا جەمئىيەتلىرىنىڭ كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى. تۈركىيە ئېگېي دېڭىزى ئېكسپورت سودا جەمئىيىتى، مالايسىيا جۇڭگو ھەمكارلىق باش سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئاپپاراتلار كۆرگەزمە نەق مەيدانىدا كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى تونۇشتۇرۇش، ئۇدۇللاشتۇرۇپ كېڭىشىش، مۇددىئا كېلىشىمى ئىمزالاش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى سودا پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ھەم ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالىشىغا تۈرتكە بولۇش مۇددىئاسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ خەلقئارا كۆرگەزمە رايونىدا دۆلەت (رايون) تاۋار سارىيى ۋە خەلقئارا خاس تاۋار سارىيى تەسىس قىلىنىدۇ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە سۇپىسى بەرپا قىلىنىدۇ.
جۇڭگو − ئاسىيا ياۋروپا كۆرگەزمىسى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ باش كاتىپى، شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شياۋخۇي مۇنداق بىلدۈردى: بۇ نۆۋەتلىك سودا يەرمەنكىسىدە دىققەت شىنجاڭنىڭ ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ كۆرگەزمىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقى داۋاملىق مۇستەھكەملىنىپ، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەت (رايون) لەرنىڭ كۆرگەزمىگە قاتنىشىش دائىرىسى ۋە كۆلىمى كېڭەيتىلىدۇ، ياۋروپا، ئامېرىكا، لاتىن ئامېرىكىسى، ئافرىقا ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەت (رايون)لەرنىڭ كۆرگەزمىگە، يىغىنغا قاتنىشىش «دوستلار چەمبىرىكى» پائال كېڭەيتىلىدۇ. ئوخشاش مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇنجى نۆۋەتلىك ئاسىيا - ياۋروپا مەبلەغ سېلىش باشلىقلار يىغىنىغا ئاسىيا - ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى كۆپلىگەن خەلقئارا مەبلەغ سالغۇچى سودىگەرلەر، سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى يىغىلىپ، 2025 - يىللىق سودا يەرمەنكىسىنىڭ خەلقئارالىشىش دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ.