4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي شىنجاڭنىڭ ئورمان، ئوتلاق، سۇلۇق يەر، چۆللۈك قاتارلىق ھەرقايسى ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش نەتىجىلىرى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار بىلەن تەپسىلىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىگە كېلىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەر توغرىسىدا چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
ما شىڭرۇي خىزمەت تونۇشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، شىنجاڭنىڭ ئورمان، ئوتلاق، سۇلۇق يەر، چۆللۈك قاتارلىق ھەرقايسى ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش نەتىجىلىرى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار بىلەن تەپسىلىي پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پايتەختتە خالىسانە كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورمان، ئوتلاق، سۇلۇق يەر، چۆل ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قۇم تىزگىنلەش، سۇنى ئىدارە قىلىش، تاغنى تۈزەشتىكى پۈتۈن ئامىللىق ماسلاشتۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئورمان، ئوتلاقنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ يېشىل ئاساسىي رېڭىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇش كېرەك. ما شىڭرۇي يەنە ئورمان بايلىقىنى باشقۇرۇش باشقارمىسى، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان جاينى باشقۇرۇش باشقارمىسىغا كىرىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئالغا سىلجىتىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، دۆلەت باغچىسى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئىلمىي، ئەمەلىي ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت باغچىسىنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى، قىممەتلىك تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش جەھەتتىكى رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇشنى تەكىتلىدى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ما شىڭرۇي شىنجاڭنىڭ «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە ئۇسۇلى، نەتىجىسىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى بۇ يىللىق خىزمەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەتقىق قىلىپ پىلانلاپ، ئەتراپلىق تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ قاشالانغان گىرۋەكنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ «يېشىل شارپا»سىنى تېخىمۇ قېلىن قىلىش كېرەك. پىلانلاش، لايىھەلەشنى يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى ئىشلەپ، ھەم سىستېمىلىق پىلانلاپ، ئومۇمىي لايىھەنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، مەشغۇلات قىلىشقا بولۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ھەم تۈجۈپىلەپ ئىشلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ زىچ ماسلىشىشى، ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ راۋان جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەتلەرنى پۇختا، ئىنچىكە، كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. دىققەتنى نۇقتىلىق رايونلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە ئالاقىدار ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بايلىق كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېشىللىق دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىپ، قۇمغا ماس كېلىدىغان زىرائەتلەرنى ئىلمىي بېكىتىپ، يەر ئاستى سۇ بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، قاشالانغان گىرۋەكنىڭ يېشىل مۇداپىئە بەلبېغىنىڭ كەڭلىكىنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىش كېرەك. ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، سۈرئەتنى تۇتۇش ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىشنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، پۈتۈن جەريانلىق تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇشنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېشىللىقنى كېڭەيتىشتە كۈچلۈك بولۇش، يېشىللىقنى راۋاجلاندۇرۇشتا تەدبىر بولۇش، يېشىللىقنى قوغداشتا ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدىغان يېشىل قۇرۇلۇش، ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇلۇش، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.
ما شىڭرۇي ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق تارماقلىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلاردىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، نەق مەيدانغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كۆڭۈلدە سان بولۇش، قولدا تەدبىر بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خىزمەت ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئالغا سىلجىتىشتا ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
مۇقىيات جارمۇقامەت تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.