导航切换

1 - پەسىلدە شىنجاڭدا يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان تۈرلۈك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسى 95 مىڭ 100گە يەتتى

日期:2025年04月11日
来源:天山网
【字体:

​بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.31 ئاشتى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سو رۇڭجىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بازار ھاياتىي كۈچى تېز جانلاندى، 3 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ بويىچە تىزىمغا ئېلىنغان تۈرلۈك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسى 2 مىليون 637 مىڭ 600 (بىڭتۇەندىكى 285 مىڭ 800 تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.49 ئاشقان. 1 - پەسىلدە، شىنجاڭ بويىچە يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسى 95 مىڭ 100گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.31 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، 3 - ئايدا يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرى 42 مىڭ 700 بولۇپ، 2023 - يىلى 5 - ئايدىن بۇيان يەككە ئايدا يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسى سانىنىڭ چوققا قىممەتكە يېتىشى ھېسابلىنىدىكەن.

يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرى ئىچىدە دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق، كانچىلىق، قاتناش - تىرانسپورت، ئامباردا ساقلاش ۋە پوچتا كەسپىنىڭ ئېشىش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50تىن يۇقىرى بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىقنىڭ ئېشىش نىسبىتى %139.28كە يەتكەن. ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش نىسبىتىدىن قارىغاندا، قاراماي شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى ۋە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش نىسبىتى %200تىن يۇقىرى بولغان. بۇ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ قەرز پۇل بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى كېڭەيتىش، دېھقانلارنىڭ ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى قۇرۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

كەسىپ قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدا 1 - كەسىپتە بار بولغان تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرى 85 مىڭ 700 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15 ئاشقان؛ 2 - كەسىپتە بار بولغان تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرى 224 مىڭ 800 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.42 ئاشقان؛ 3 - كەسىپتە بار بولغان تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرى 2 مىليون 327 مىڭ 200 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.38 ئاشقان. تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ساھە قۇرۇلمىسى يەنىلا مۇقىم بولغان.

تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ مىقدارى، سۈپىتىنىڭ تەڭ ئۆرلىشى ئاپتونوم رايونىمىز تىجارەت - سودا مۇھىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشى ھەمدە كۈنسېرى قويۇقلىشىۋاتقان سودىگەرلەرگە مايىللىشىش، سودىگەرلەرنى خاتىرجەم قىلىش كەيپىياتىنىڭ پايدىسىدىن بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي ئىشلار، كەسىپ ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەربىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش ئىسلاھاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، بازار ئىجازىتىنىڭ «قولاي مۇلازىمەت»تىن «قوشۇلما قىممەت مۇلازىمىتى»گە ئۆتۈشىدىكى تەكرار دەۋرىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، سىجىل تۈردە تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى.

توردا ئىش بېجىرىشنى قولايلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاپتونوم رايوننىڭ «شىنفۇبەن» «شىنچىبەن» APP كۆچمە تېرمىنالىنى ئەمەلىي قوللىنىشىغا ئۇدۇللىشىپ، «يەككە سودا - سانائەتچىلەر تىزىمغا ئالدۇرۇش» «يېمەك - ئىچمەككە ئائىت بىر ئىش» «كارخانىنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈشكە دائىر بىر ئىش» قاتارلىق كۆچمە تېرمىنالدا بېجىرگىلى بولىدىغان 32 تۈرلۈك ئىشنى كىرگۈزۈپ، ئەمەلىي قوللىنىش ھالىتىدە «توردا بېجىرىش»تىن «يان تېلېفوندا بېجىرىش»كە قاراپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىش بېجىرىدىغان ئاممىغا قولايلىق بولۇش دەرىجىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۆستۈردى. «بىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈمدە بېجىرىش» ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ساھەسىگە ئالاقىدار يەتتە «بىر ئىش» يۇمشاق ماتېرىيالىنى ئېچىش، ئۇدۇللاشتۇرۇش يۇقىرى سۈپەتتە تاماملىنىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇندى، بۇنىڭ ئىچىدە يېمەك - ئىچمەك دۇكىنى ئېچىشتىكى «بىر ئىش» شىنجاڭدىكى بىردىنبىر مىسال سۈپىتىدە گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن «بىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈمدە بېجىرىش»تىكى نۇقتىلىق ئىش تىپىك مىسالى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇدى: بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ ئېلېكتىرونلۇق تىجارەت كىنىشكىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىشىنى كېڭەيتىپ، قەغەز تىجارەت كىنىشكىسىنى ھەقسىز تارقىتىپ، مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ ئىش بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش پىلانلاندى. 2025 - يىلى «بىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش» ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، تارماق ھالقىغان كەسىپ تەرتىپىنى قايتىدىن بەرپا قىلىپ، ماسلىشىش ۋە سانلىق مەلۇماتلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى كۈچەيتىپ، يەككە سودا - سانائەتچىلەر تىپىنى كارخانىغا ئۆزگەرتكەندە، تىزىملاشنى ئۆزگەرتىش، باج ئۇچۇرىنى ئېنىقلاشنى تەكشۈرۈش، تامغا ئويۇش، ئىسچوتقا ئالاقىدار كەسىپلەر، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەم جامائەت فوندىنى تىزىملاشنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئالاقىدار ئىشلارنىڭ «بىر توردا، بىر قېتىمدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك» بېجىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.