导航切换

​پاختا كەسپىدە زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك

日期:2025年04月11日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق پاختا كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىن ئاچتى

​پاختا كەسپىدە زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پاختا كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 2025 - يىللىق 1 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئاچتى، يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2024 - يىللىق پاختا كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايونىمىز پاختا كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدا ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە قىيىنچىلىقلار تەھلىل ۋە ھۆكۈم قىلىندى ھەم كۈچەپ ھەل قىلىندى، پاختا كەسپىدە زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىنىپ، پاختا كەسپىنىڭ مۇقىم، ساغلام، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شىنجاڭنىڭ پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى دۆلىتىمىزنىڭ پاختا تەمىناتى بىخەتەرلىكى ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك. ھەرقايسى ئالاقىدار ئورۇنلار ھەقىقىي تۈردە سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، دۆلەت ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش، ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇشقا كۈچەپ، مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسىپلەر توپىنى كۈچەپ بەرپا قىلىشى كېرەك. «ئومۇميۈزلۈك مۇقىم قىلىش، كىچىك دائىرىدە تەڭشەش، ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش» تەرەققىيات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا مەركەزلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كۆلەم، ھوسۇلنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەلا سۈپەتلىك پاختا بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇزۇن تالالىق پاختىنىڭ ماشىنىدا يىغىۋېلىنىدىغان سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، كېڭەيتىشنى كۈچەيتىپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. پاختا سۈپىتىنى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پاختا ياردەم پۇل سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تولۇق پايدىلىنىپ، «ئەلا سۈپەتلىك پاختىغا يۇقىرى ياردەم پۇلى بېرىش، ئەلا سۈپەتلىكلىرىنى يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىش»نى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ «15 - بەش يىل»لىق مەخسۇس يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، «زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىش مەخسۇس ھەرىكىتى»نى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، توقۇمىچىلىق، خىمىيەۋى تالا قاتارلىق كەسىپ توپلانما بەلبېغى بەرپا قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پاختىنى ئۆز جايىدا ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دەل جايىدا سودىگەر چاقىرىش سالمىقىنى زورايتىپ، شەرقىي، ئوتتۇرا قىسىم رايونلاردىكى كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى يۇقىرى سۈپەتتە قوبۇل قىلىش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپى تەتقىقات ئورۇنلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەسىس قىلىپ، ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇماتنى توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىدە يۇغۇرۇپ ئەمەلىي قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭگو پاختا - پاختا يىپ سودا مەركىزى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، دىققەتنى مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىشلىگىلى بولىدىغان خىزمەتلەرنى ئاۋۋال ئىشلەپ، تېزدىن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. «شىنجاڭ پاختىسى» ئاممىۋى ماركا ئېتىراپ قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش سالمىقىنى زورايتىپ، بازارنى يەنىمۇ كېڭەيتىش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي ياۋروپا قاتارلىق بازارلارغا يۈزلىنىپ پاختا توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭ پاختىسى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىش تېرىقچىلىق كۆلىمىنى، پاختا پىششىقلاش ئىقتىدارىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئارىسىدا چىگىتلىك پاختىنى سېتىپ بېرىش بويىچە ئۆزئارا سېتىۋېلىش، ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى ماسلاشتۇرۇش، تېخنىكىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش، بازار ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، كەسىپ توپىنى ئورتاق زورايتىش كېرەك.

يىغىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ 2025 - يىللىق خىزمەت مۇھىم نۇقتىلىرى» «ئاپتونوم رايوننىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىدە زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى 12 تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرى» مۇھاكىمە قىلىندى.

چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت، مۇقىيات جارمۇقامەت، شۆ بىن، ۋاڭ گاڭ، قەيسەر ئابدۇكېرىم، جۇ لىفەن، پەن شى، نيې جۇاڭ يىغىنغا قاتناشتى.