شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىجاڭ يەنفاڭخەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، «شىنجاڭ سىياسىي كېڭەش . شەبنەم مۇنبىرى» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر تيەن چىنى «شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشىنى ئالغا سىلجىتىش»تىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى چۆرىدەپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ قىسمەن ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ قىسمەن ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى قىسمەن كادىرلار قاتارلىقلارغا بىر مەيدان جانلىق لېكسىيە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.
«شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنىڭ دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى مەركەزلىك ئىپادىسى، يېڭى دەۋردىكى دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىنىڭ تۈپ قوللانمىسى ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى.» «شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ئۆزگىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىش ئاساسى ناھايىتى ياخشى، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا، شىنجاڭ يەنە تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلالايدۇ»...
تيەن چى شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنىنى چىڭ كۆزلەپ، ئۆزىنىڭ مول دىپلوماتىيە كەچۈرمىشى ۋە تەجرىبىسىدىن چىقىش قىلىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتى ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى، شىنجاڭنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتى ئەمەلىيىتى ھەم «تەكلىپ قىلىش» «سىرتقا چىقىرىش» خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ مىقداردىكى تەپسىلىي، ئېنىق مىساللار ئارقىلىق چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، نەق مەيداندىكى ئاڭلىغۇچىلارغا ئۆزىنىڭ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشى داۋامىدىكى بىرقانچە ئاچقۇچلۇق مەسىلە توغرىسىدىكى چوڭقۇر ئويلىنىشلىرىنى ھەمبەھرىلىدى.
«سىياسىي كېڭەش قانداق قىلغاندا يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشالايدۇ؟» «خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە ئىختىساسلىقلار توپلاشقان، ئەقلىي كۈچ مۇجەسسەملەنگەن، ئالاقىلىشىش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ۋەكىللىك خاراكتېرى كۈچلۈك بولۇش، ئالاقىسى كەڭ بولۇش، سىغدۇرۇشچانلىقى زور بولۇشتەك ئەۋزەللىككە ئىگە. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىغا جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى چۈشەندۈرۈپ، دۇنياغا جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىشى كېرەك.» پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇش ھالقىسىدا، كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا سوئال سورىدى، تيەن چى ئەستايىدىل جاۋاب بەردى.
«بۇ بىر قېتىملىق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يېشىپ چۈشەندۈرۈش، شۇنداقلا بىر قېتىملىق ناھايىتى ياخشى مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەش بولدى، بىزنىڭ شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنىڭ جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنى ۋە چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنىغا بولغان چۈشەنچىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى، چوڭقۇر تەربىيە ۋە ئىلھام ئالدۇق.» ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ كادىرى لى ياڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزاسى يۈ خۇەن مۇنداق بىلدۈردى: لېكسىيە دەۋر تومۇرىنى چىڭ كۆزلىگەن، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ يېقىنلاشقان، مەزمۇنى مول، ئەمەلىي قىممەتكە تولغان بولۇپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزنى يېڭى پىكىر يولى بىلەن تەمىنلىدى. بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىمىز.