چېن مىڭگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى
4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى، مالىيە - ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا ئالاقىدار ئورۇنلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي «ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى . چوڭقۇر، پۇختا يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى» باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى، مالىيە - ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا ئالاقىدار ئورۇنلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ۋە ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ بىخەتەرلىكى، تۈزۈم بىخەتەرلىكى، ئىدېئولوگىيە بىخەتەرلىكى ۋە نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش مۇداپىئە سېپىنى قەتئىي مۇستەھكەملەش كېرەك. شىنجاڭ خىزمىتى ئومۇمىيىتىنى چۆرىدەپ، مەۋقەنى فۇنكسىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىگە قويۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى تەتقىق قىلىش، پىلانلاش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن مىڭگو ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.
دۆلىتىمىزنىڭ 10 - قېتىملىق ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، ما شىڭرۇي ئالدى بىلەن «ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى . چوڭقۇر، پۇختا يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى» باش تېمىلىق كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇش ئارقا كۆرۈنۈشى، ئەمەلىيەت مۇساپىسى ھەم شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئۇسۇلى ۋە نەتىجىلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. ئارقىدىن، ما شىڭرۇي شىنجاڭنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى خەۋپ - خەتىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مەسئۇلىيەت ئىنتايىن ئېغىر. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي بىخەتەرلىكنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي بىخەتەرلىك، ئىقتىساد بىخەتەرلىكى، جەمئىيەت بىخەتەرلىكى، پەن - تېخنىكا بىخەتەرلىكى، يېڭىچە ساھە بىخەتەرلىكى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق يۆنىلىشتىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، سىياسىي بىخەتەرلىك، خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى، دۆلەت مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، پەن - تېخنىكا كۈچ قوشۇش، ئاساسىي قاتلام ئۇلىنى پۇختىلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، خەۋپ - خەتەرنى ئالدىن مۆلچەرلەش، ئالدىن ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ زور خەۋپ - خەتەر پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى بولغان يوشۇرۇن خەۋپنى بىخ ھالىتىدە بايقاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. سىياسىي قۇرۇلۇشنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچلۈك بولغان دۆلەت خەۋپسىزلىكى كادىرلىرى قوشۇنى بەرپا قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. تەشۋىق - تەربىيەنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يېڭى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مالىيە - ئىقتىساد ئىشخانىسىدا ھەرقايسى باشقارما، ئىشخانىلارنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە خىزمەت ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە كومىتېتى مالىيە - ئىقتىساد ئىشخانىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇھىم ئىقتىساد خىزمىتىدە ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىنى چىڭ كۆزلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چىڭ كۆزلەپ، تۈرلۈك مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، خىزمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەسلىھەتچىلىك، ياردەمچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. بولۇپمۇ، خىزمەتتىكى سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئۆگىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشنى پىلانلاش، ئىشنى زىممىگە ئېلىش، ئىش قىلىشقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭ - چوڭ ئىشلارنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ ۋە پىلانلاپ، خىزمەتنىڭ ئىجادىيلىقى، ئىستراتېگىيەلىكلىكى، ئالدىن كۆرەرلىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش قاتارلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە كومىتېتى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلار ھەم ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بولغان ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق، يېڭى نەتىجىنى نامايان قىلىشى كېرەك.
قادېن كەبىن، پەن شى ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.