导航切换

ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئىش قىلىش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

日期:2025年04月09日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇردى −

ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئىش قىلىش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش ـ تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دىققەتنى باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، مەركىزىي خىزمەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تېز ئۆگىنىش، تېز تەكشۈرۈش، تېز تۈزىتىشكە يېتەكلەپ، ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئىش قىلىش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، 16 تۈرلۈك خىزمەت تەدبىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويدى. مەركەز ئايدىڭلاشتۇرغان 11 جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلە ئاساسىدا، ئاممىنىڭ ئىنكاسى گەۋدىلىك بولغان بازار تەرتىپى ۋە تىجارەت ـ سودا مۇھىتى قاتارلىق جەھەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان مەسىلىلەرنى مەركەزلىك تۈزەيدىغان نۇقتىلىق مەزمۇنغا كىرگۈزۈپ، مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتىنى پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتتى.

يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئاچتى، پارتىيە كومىتېتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار باشلامچىلىق بىلەن سۆز قىلدى، دائىمىي كومىتېتتىكى باشقا يولداشلار ئايرىم ـ ئايرىم تەسىرات ئالماشتۇردى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى بىرقانچە مەخسۇس تېمىنى تۈزۈپ، ئۆگىنىش ـ مۇھاكىمە قىلىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگانلار ۋە رەھبىرىي كادىرلارغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىغا ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە، كۆزىتىش ـ تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالاقىدار يوللار ئارقىلىق بايقالغان مەسىلىلەرگە ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۈزىتىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ ئىشنى كىچىك بۆسۈش ئېغىزىدىن باشلاپ قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، سالماقنى ئاشۇرۇپ، ئۆتكەلگە مەركەزلىك ھۇجۇم قىلىپ، تۈزىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ئۆگىنىش ـ تەربىيەسى ئېلىپ كەلگەن ئەمەلىي ئۈنۈمنى ھەقىقىي تۈردە ھېس قىلدۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسى كېڭەيتىلگەن يىغىن ۋە پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش يىغىنىنى ئېچىپ، كوللېكتىپ ئۆگىنىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇردى ۋە مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە ئەزالىرى، كادىر ـ ساقچىلارنى ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى ۋە مۈشكۈللۈكىنى چوڭقۇر تونۇپ، قاتتىق ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپ بىلەن ئۆزىنى تەكشۈرۈش، ئۆزىنى توغرىلاشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئىستىلىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پۇختا ئىشلەشتە سىياسىي جەھەتتىن قاراپ، ئىنچىكە بولۇشتا قانۇنچىل بېجىرىپ، «ئەگەر دەۋا قىلىۋاتقان ئادەم مەن بولسام» دېگەن ئاڭ بىلەن ھەربىر دېلونى ياخشى قاراپ چىقىپ، ھەربىر ئىشنى ياخشى بېجىرىپ، ياخشى ئىستىلنى قۇدرەتلىك جەڭگىۋارلىققا، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە، ئۇيۇشتۇرۇش كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، قانۇننى قاتتىق، ئادىل يۈرگۈزۈشنىڭ يېڭى ئۈنۈمى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى تىرەك بولۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى ۋە مۇنداق تەكىتلىدى: نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئۆگىنىشى، پارتىيە ياچېيكىسى ئۆگىنىشى قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئەينەن ئۆگىنىپ، ۋاقتىدا يېتىشىپ ئۆگىنىپ، ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش ـ تەربىيەسى ئارقىلىق كۈچلۈك پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەلبكە سىڭدۈرۈش، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاددىي، ئەمەلىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش، ئىستىلنى ياخشىلاش يىلى» پائالىيىتىنى تۇتقا قىلىپ، ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىنى تۈرلۈك تەپتىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش ـ تەربىيەسى نەتىجىسىنى تەپتىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسى ئۆگىنىش ـ مۇھاكىمە قىلىشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى، مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇش، ئىدىيە جەھەتتە تاۋلىنىش، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە تاۋلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. «شىنجاڭ ئىشچىلار چوڭ ئىدىيەۋى ـ سىياسىي دەرسى»نىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى لېكسىيە سۆزلەش، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر چوڭ دەرسخانىسى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى كارخانىلارغا كىرگۈزۈش، سېخلارغا كىرگۈزۈش، بەن ـ گۇرۇپپىلارغا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كەڭ ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنى مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈردى.

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى ئۆگىنىش ـ مۇھاكىمە قىلىش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىش، مەركەزلىك تۈزەش، ئوچۇق ـ ئاشكارا تەربىيەلەش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتتى. ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا دائىر نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش پىلانىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى رەتلەپ ۋە مىقدارلاشتۇرۇپ، تىزىملىك شەكلىدىكى باشقۇرۇش، تۈرلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكىلىرى ئوچۇق ـ ئاشكارا تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ «ئەتراپىدىكى كىشىلەر» بولۇش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق مەركىزىي خىزمەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ھەر مىللەت ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىق، ئىلتىماس ـ تەلەپلەرنى ياردەم بېرىپ ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ئۆگىنىش ـ تەربىيەسى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدۇردى.

تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلاردىن ئىستىل قۇرۇلۇشى نەتىجىسىنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتا نامايان قىلىپ، «ئەمەلىي ئىشلەپ بىرىنچى بولۇشقا ئىنتىلىش يىلى» باش تېمىلىق پائالىيەتنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، «ئەرزنى تاپشۇرۇۋالغان ھامان بېجىرىش»نى مۇلازىمەت ئاساسىي مەقسىتى قىلىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، «تارباغاتاي تېز ئىشلەش» «تارباغاتاي ئومۇميۈزلۈك بېجىرىش»تىن ئىبارەت ئىككى مۇلازىمەت ماركىسىنى جۇلالاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆگىنىش ـ تەربىيەلەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى، ۋىلايەتتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى بىردەك نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئېچىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ ـ مۇھاكىمە قىلىپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتتى. ۋىلايەتلىك، ناھىيەلىك پارتىيە مەكتەپلىرى 16 قارار تۈرلۈك تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، قەلبلەرگە سىڭىشىگە تۈرتكە بولدى.

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈپ، دائىم تۇتتى. كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئۆتكۈزۈپ، ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىدىكى يولداشلار بىر ـ بىرلەپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلىپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ بىر تەرەپتىن ئۆگىنىشى، بىر تەرەپتىن سېلىشتۇرۇشى، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈشى، بىر تەرەپتىن تۈزىتىشىگە ئۈلگە كۆرسەتتى، تۈرتكە بولدى. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەربىيە ئېلىش، ھەر مىللەت ئاممىنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شەھەر تۇرۇبا تورىنى ئۆزگەرتىپ يېڭىلاش، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەتلەر قاتارلىق كىچىك بۆسۈش ئېغىزىدىن كۈچەپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، ھەرقايسى تارماقلار زىچ ماسلىشىپ، ئۆتكەلگە مەركەزلىك ھۇجۇم قىلىپ، تېز ئالغا سىلجىتىپ، توسۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتا، ئاغرىق نۇقتىلارنى ئۈزلۈكسىز تۈگىتىپ، ئۆگىنىشنىڭ سۈپىتى بولۇش، تەكشۈرۈشنىڭ سالمىقى بولۇش، تۈزىتىشنىڭ ئۈنۈمى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنى ھېس قىلىش ۋە مەنپەئەتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

(مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار سۇڭ ۋېيگو، دۇ جيەنخۇي، رايىدە)