导航切换

ئۈچ ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ جاۋابى بىرلا: شىنجاڭغا بارايلى!

日期:2025年03月24日
来源:天山网
【字体:


 يولداشلار

غەربىي شىمالغا بارايلى

شىنجاڭغا بارايلى

ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق يەرلەرگە بارايلى!

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كەڭ ياشلارنى چاقىرىق قىلغاندا

تۈركۈم-تۈركۈملىگەن ئىرادىلىك ياشلار ئۇلۇغۋار ئىرادە بىلەن

تەرەپ-تەرەپيىن شىنجاڭغا كېلىپ

ياشلىق باھارىنى بۇ يەرگە بېغىشلاپ، مىسلىسىز ئۆزگىرىشلەرنى ياسىدى

ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ

غەربىي قىسىمغا تۆھپە قوشۇش

ئۈچ ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ جاۋابى بىرلا: شىنجاڭغا بارايلى!

بوز يەر ئاچقۇچىلارنىڭ جاۋابى

ۋۇ دېڭيۈن

ئۇ چېگرا رايوندا 60 نەچچە يىل يىلتىز تارتىپ

ئۆزىدىن قان ئېلىپ، تېرىسىنى كېسىپ ئادەم قۇتقۇزدى

«ئاق خالاتلىق پەرىشتە» ئۆزىنىڭ ھاياتىنى

ئېگىزلىكتىكى خەلققە تەقدىم قىلدى

مەن بۇ ئۆمرۈمدە بۇ يەردە قىلغان بارلىق ئىشلىرىمنى

ئەرزىيدۇ، دەپ قارايمەن

ئەگەر يەنە قايتىدىن تاللاش پۇرسىتى بولسا

مەن يەنىلا پامىر ئېگىزلىكىگە كېلىشنى

ئاز سانلىق مىللەت رايونىغا كېلىپ

ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان قېرىنداشلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى خالايمەن

چۈنكى مەن بىر دوختۇر

مەن بىر پارتىيە ئەزاسى

جىن ماۋفاڭ

ئۇ يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى ئەۋلاد ئايال تىراكتورچى

چۆللۈكتىكى قەيسەر ئەتىرگۈل

ئۇ كەڭ دالىدا تۇنجى بولۇپ

تىراكتور ھەيدەپ يەر ئاغدۇردى

بىڭتۇەن روھى دېگەن نېمە

ئۇ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ

شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاپ

جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماي

بىڭتۇەنگە كۈچ قوشۇپ

گۈزەل بىڭتۇەن قۇرۇپ چىقىشنى كۆرسىتىدۇ

ۋۇ مىڭجۇ

ھاياتىنى قوغۇنغا بېغىشلىدى

جۇڭگولۇقلارنى دائىم قوغۇن يېيەلەيدىغان قىلىش ئۈچۈن

60 يىل ۋاقىت سەرپ قىلدى

ياش قىزچاقتىن «قوغۇنچى موماي»غىچە

شىنجاڭدىكى چۆللۈكلەرنى كېزىپ چىقتى

مەن

قوغۇننى كۆپرەك تېرىپ

شىرىن تەملىك قوغۇننى خەلققە تەقدىم قىلىشنى

ھاياتىم دەپ بىلىمەن

ۋېي دېيوۋ

ئۇ 118 سەپدىشى بىلەن غەربكە ماڭىدىغان پويىزغا ئولتۇرۇپ

تولۇپ تاشقان سەمىمىي ساداقىتى بىلەن

چەت، يىراقتىكى قاقاس جاي — ساربۇلاق يايلىقىغا كېلىپ

چېگرانى 60 يىل چارلاپ

چېگرا لىنىيەسىدىكى «تىرىك چېگرا تېشى»غا ئايلاندى

ۋېي دېيوۋ (ئاستىدىكى رەت ئوڭدىن 1-كىشى)نىڭ سەپداشلىرى بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرىتى

ئۆيۈم يولنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىدا

تۇرىدىغان جايىم دۆلەت چېگراسى يېنىدا

يەر تېرىغاچ پوستا تۇرىمەن

چارۋا باققاچ چېگرانى چارلايمەن

نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلمەيمەن

بۇ يەردىن كېتىشكە كۆزۈم قىيمايدۇ

بۇ يەرنى بىر ئادەم ساقلىمىسا بولمايدۇ

چېگرا تېشى دۆلەتنىڭ چېگرا سىزىقى

مەن ۋە چېگرانى چارلايدىغان جەڭچىلەر

تىرىك چېگرا تېشى

قوغدىغۇچىلارنىڭ ۋەدىسى

باۋدىڭ شۆيۈەنى مائارىپقا ياردەم بېرىش كوللېكتىپى

24 يىل ئىلگىرى، 15 نەپەر ياش

يېرىم جۇڭگونى كېسىپ ئۆتۈپ

شىنجاڭنىڭ چەرچەن ناھىيەسىگە كېلىپ يىلتىز تارتىپ

دەرس مۇنبىرىدىن 20 نەچچە يىل چۈشمەي دەرس ئۆتتى

بىر ئادەمنىڭ تاللىشى

دەۋرنىڭ تەلىپىگە

2000-يىلى باۋدىڭ شۆيۈەنىنىڭ غەربىي قىسىم مائارىپىغا ياردەم بېرىش ماتېرىيالى

خەلقنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كەلگەندىلا

ئاندىن ئەھمىيىتى بولىدۇ، قىممىتى بولىدۇ

گەرچە بۇ خىل تاللاش نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتكە تولغان بولسىمۇ

لېكىن غەربىي رايوننىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن

ھامان بەدەل تۆلەشكە تەييار تۇرىدىغانلار بولۇشى كېرەك

پاڭ زىجيەن

11 يىل ئىلگىرى

ئۇ 5000 كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ

يەنتەيدىن قەشقەرگە كېلىپ

يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئاتلىنىپ

ياشلىق باھارى ئارقىلىق

كۈرەش ناخشىسىنى ياڭراتتى

پۇقرالار سىزگە ئىشەنسە، سىزگە تايانسا

قىلغانلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئەرزىيدۇ

مەن ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي قىسم چېگرا رايونىدا توغراققا ئوخشاش يىلتىز تارتىپ

يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىمەن

سۈن چاۋ

ئۇ 24 يىلدىن بۇيان خىسلىتىنى ئۆزگەرتمەي

ئېگىزلىكتىن چۈشۈشنى بەش قېتىم رەت قىلىپ

دۆلەت دەرۋازىسىنى قوغدىغۇچىلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ

بىر ئۆمرى ئارقىلىق

كوئېنلۇن تېغى ئېتىكىدىكى بوستانلىقتا

ساداقەتمەنلىك مىلودىيەسىنى ياڭراتتى

مەن ياشلىق باھارىم ۋە ئىسسىق قېنىمنى

قونجىراپتىكى دۆلەت چېگراسىغا بېغىشلىدىم

مەن پامىر ئېگىزلىكىدىن ئايرىلالماس بولدۇم

ھاياتىمنى چېگراغا

كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىشلىرىغا بېغىشلىدىم

بۇ ئۆمرۈمنى بىھۇدە ئۆتكۈزمىدىم

يورۇقلۇققا ئىنتىلگۈچىلەرنىڭ ئاياغ ئىزى

سۇن ۋۇ

غەربىي شىمال چېگراسىدىكى

تارىم داشۆنىڭ پەن-تېخنىكا كىچىك ھويلىسىدا

تۈركۈم-تۈركۈم ئوقۇغۇچى

يېزىلاردىكى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ 1-سېپىدە يىلتىز تارتىپ

ئىلمىي ماقالىسىنى كەڭ تۇپراققا يېزىپ

نەتىجىسىنى دېھقان ئائىلىلىرىگە قالدۇردى

بەلكىم قۇملۇق ئالدىدا

بىز بەكلا ئاجىز

لېكىن ئەۋلادمۇئەۋلاد توختىمايدىكەنمىز

چوقۇم قۇملۇقتا بىر بوستانلىق بەرپا قىلالايمىز

ليۇ يۈەنجيې

ئۇ 95-يىللاردا تۇغۇلغان جياڭسۇلۇق ياش

توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇپ سېتىش ئۈچۈن شىنجاڭغا كەلگەن

بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ بۇ يەردە يىلتىز تارتتى

سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇپ، ياشلارنى تەربىيەلەپ

نۇرغۇن ئەمەلىي ئىشلارنى قىلدى

شىنجاڭ مېنىڭ ئىككىنچى يۇرتۇم

مەن بۇ يەردە قېلىپ ئۆز ئارتۇقچىلىقىمنى جارى قىلدۇرۇپ

مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دوستلارغا شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنىڭ قانچىلىك ئەلا سۈپەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىمەن

رۇەن سىيا

ئۇ 95-يىللاردا تۇغۇلغان نېفىتلىككە ئۆزىنى بېغىشلىغان ياش بولۇپ

بىپايان قۇملۇقتا يۈرۈپ

ياشلىق باھارىنى چۆللۈككە پۈتۈپ

ياراملىق، شۇنداقلا

ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان غەربىي رايوننى گۈللەندۈرگۈچى بولۇپ يېتىشىپ چىقتى

مېنىڭچە بىزنىڭ ھازىر تارتقان جاپالىرىمىز جاپا ھېسابلانمايدۇ

دۆلىتىمىز ياخشى بولسىلا

ياشلار ئاندىن ياخشى بولىدۇ

ھالبۇكى دۆلەتنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن

بىز ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشلار

توختىماي تىرىشىپ

ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشىمىز كېرەك

باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىڭىز توغرا دەپ قارىغان ئىشنى قىلىڭ

بۇ فىلىم ئارقىلىق شىنجاڭنى ئۆز يۇرتىغا ئايلاندۇرغان شىنجاڭنىڭ بارلىق قۇرغۇچىلارغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز

ۋۇ دېڭيۈن بىر ئۆمۈر كېسەل داۋالاپ، چارۋىچىلار ئۈچۈن ئۈمىد مېلودىيەسىنى ياڭراتتى؛ ۋۇ مىڭجۇ يېتىشتۈرگەن قوغۇنلار بىپايان چۆللۈكتە شېرىن مېۋە بەردى؛ ۋېي دېيوۋنىڭ ئاياغ ئىزى مەزمۇت ھەم چوڭقۇر، چېگرا لىنىيەسىدە ئۆچمەس ساداقەتنىڭ ئىزىنى قالدۇردى... ياشلىق گۈلىنى پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇشتىن چاچلار تال-تال ئاقارغۇچە، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىرادىلىك ياشلار ئارزۇ-ئارمانلىرىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، جاي-جايلاردىن شىنجاڭغا كېلىپ، «شىنجاڭغا بارايلى! ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايغا بارايلى!» دېگەن ئوخشاش بىر جاۋابنى ئورتاق پۈتۈپ چىقتى.

ئۇلار، بوز يەر ئاچقۇچىلاردۇر، ئۇلار قان-تەرى بەدىلىگە قاقاسلىقنى بوستانلىققا ئايلاندۇردى؛ ئۇلار قوغدىغۇچىلاردۇر، ئۇلار تەۋرەنمەس ئىرادىسى بىلەن چېگرا رايوننى قوغدىدى؛ ئۇلار نۇر قوغلىغۇچىلاردۇر، ئۇلار ئۆز ئېتىقادى بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتتى. ئۇلارنىڭ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش، غەربىي رايونغا تۆھپە قوشۇش ھېكايىسى تېخىمۇ كۆپ ياشنى جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭدا ئۆزىگە خاس قالتىس كىشىلىك ھاياتنى پۈتۈپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇردى.

«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى