ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى
ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشىمىز
بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ئارقا - ئارقىدىن يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ، ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كەم - كوتسىز تۈرتكە بولدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئۆلچەشتىكى مۇھىم ئۆلچەم قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشىمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى:
تېخىمۇ كۆپ مەبلەغنى تېجەپ، تەرەققىيات ئېھتىياجى ئۈچۈن ئىشلىتىمىز
3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى مالىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، نىشان جەھەتتە يەنىمۇ تەلەپكە توغرىلىنىش، ۋەزىپە جەھەتتە دىققەتنى يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈش، تەدبىر جەھەتتە يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. قانۇن بويىچە ئېلىش، يىغىۋېلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق يىغىۋېلىش، يوچۇقلارنى ئېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى پائال قېزىپ، ئىشلىتىشكە بولىدىغان مالىيە كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىشىمىز كېرەك. ئىقتىسادچىل تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئادەتلىنىش تەلىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادچىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۈر چىقىم ئۆلچىمى ۋە خەلق تۇرمۇشى چىقىم سىياسىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغنى تېجەپ، تەرەققىيات ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان، خەلق ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا ئىشلىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. مالىيە ئىقتىساد ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ «ئۈچ كاپالەت» ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قەرز خەۋپ - خەتىرىدىن ئىبارەت ئىككى قىزىل سىزىقنى چىڭ ساقلاپ، سىستېمىلىق خەۋپ - خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلىشىمىز كېرەك. ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مالىيەنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، ئىلمىي باشقۇرۇش ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مالىيە - باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش، مالىيە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى:
دىققەتنى خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى قۇۋۋەتنى قوزغىتىمىز
3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دىققەتنى خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش - ئېچىشقا تېز تۈرتكە بولۇپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ ۋە كۈچەيتىپ، نېفىت - خىمىيە سانائىتى، رەڭلىك مېتال، پولات - تۆمۈر، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپلەرنى رەقەملەشتۈرۈش - ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش بويىچە ئۆزگەرتىشكە مەدەت بېرىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى قۇۋۋەتنى قوزغىتىشىمىز كېرەك. دىققەتنى يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، شامال ئېلېكتىر، قۇياش ئېنېرگىيەسى، سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش، ئېنېرگىيەنى زاپاس ساقلاش قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپلىرىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، كىرېمنىي يورۇقلۇق ۋولت، كىرېمنىي خىمىيە سانائىتى كەسىپ زەنجىرىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، مىسنى ئاساس قىلغان، ئاليومىننى ئاساس قىلغان، تىتاننى ئاساس قىلغان، لىتىينى ئاساس قىلغان، كاربوننى ئاساس قىلغان ماتېرىيال قاتارلىق يېڭى ماتېرىيال كەسىپلىرىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بىيوتېببىي دورىگەرلىك، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ يېڭى موتورىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. دىققەتنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش، رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىش، تورلاشتۇرۇپ تۇتاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭ مودېلنى قوللىنىشنى پائال كېڭەيتىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق تۈرلۈك كەسىپلەرگە كۈچ قوشۇشقا مەدەت بېرىپ، نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەردە بىر تۈركۈم ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش زاۋۇتى، مۇنەۋۋەر كۆرۈنۈش، سىستېمىلىق ھەل قىلىش لايىھەسىنى يېتىشتۈرۈپ ۋە كېڭەيتىپ، ھېسابلاش ئىقتىدارى بايلىقىنى جايلاشتۇرۇشنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھېسابلاش ئىقتىدارى بويىچە «بىر تور» بەرپا قىلىپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشىمىز كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە ئىدارىسى:
قېزىلما بايلىق تەمىناتى ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز
3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بولۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ گېئولوگىيەلىك چارلاشتىكى ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. ئالتاي - جۇڭغارنىڭ شىمالىي چېتى، تىيانشان تېغى - بېيشەن تېغى، كوئېنلۇن تېغى - ئالتۇنتاغ، ئېنېرگىيەدىن ئىبارەت «تۆت چوڭ قۇرۇلۇش» تەشكىلىي سىستېما ئەۋزەللىكىگە تولۇق تايىنىپ، ئېنېرگىيە قېزىلما بايلىقلىرىنى ئاچقۇچ، ئالتۇن، مىس، كوبالت، نىكېل قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك كان تۈرلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مەخسۇس تەكشۈرۈشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، بايلىق تەمىناتى ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. يەرلىكنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا دەل جايىدا ئۇدۇللىشىپ، گېئولوگىيە مۇلازىمەت بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، گېئولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يېزا ئىگىلىك گېئولوگىيەسى، گېئولوگىيە ساياھىتى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى گېئولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. گېئولوگىيەلىك كان ئىزدەش خىزمىتىگە پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكا تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇپ، پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تېز نەتىجە يارىتىش، چوڭ نەتىجە يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «14 - بەش يىل»دىكى كان ئىزدەش نىشان - ۋەزىپىسىنى تاماملىشىمىز كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى:
تۇرالغۇ ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىمىز
3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىغا، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆلچەمگە توغرىلىنىش، تەلەپكە توغرىلىنىش داۋامىدا قېلىپلاشتۇرۇشنى تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى كۆزلەپ، دەرىجە ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. ئۆي - زېمىن بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۆي تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، ساقلانما تاۋار ئۆيلەرنى سېتىۋېلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تاۋار ئۆي سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، سېتىش قاتارلىق ئاساسلىق تۈزۈملەرنى ئىسلاھ قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆي - زېمىن تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. شەھەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەر ۋە خەتەرلىك، كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىدىغان بىر تۈركۈم شەھەر يېڭىلاش تۈرلىرىنى يولغا قويۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، رەقەملەشتۈرۈلگەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلغان ئۇل ئەسلىھەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، «ياخشى ئۆي» قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۆلچەم تۇرغۇزۇپ، پەن - تېخنىكىنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە يېڭى ئۆيلەرنى «ياخشى ئۆي» قىلىپ سېلىپ، كونا ئۆيلەرنى چارە - ئامال تېپىپ «ياخشى ئۆي»قىلىپ ئۆزگەرتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرۈشىمىز كېرەك.
شىنجاڭ پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى:
پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش جەھەتتە يېڭى نەتىجىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرىمىز
3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، دۆلەت پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باش ئىدارىسى شىنجاڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتى يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەۋقەنى ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىگە قويۇپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، باش ئىدارە پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق، تېخىمۇ پائال نەتىجە يارىتىش ئارقىلىق، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك. خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسىنى چىڭ كۆزلەپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىسلاھات ئارقىلىق خەۋپ - خەتەرنى تۈگىتىش ۋە تىپنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئۆي - زېمىن جەھەتتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنىڭ تېخىمۇ زور ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق ئۆلچەم بويىچە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەمەلىي ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئەمەلىي نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان قويۇق كەيپىياتنى يارىتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ دىققەتنى يىللىق نۇقتىلىق خىزمەت نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش جەھەتتە يېڭى نەتىجىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.
شىنجاڭ باج ئىدارىسى:
باج - ھەق ئېلىش ۋە باشقۇرۇشتىكى «ئاساسنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويىمىز
يېقىندا، دۆلەت باج باش ئىدارىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن)يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەردەرىجىلىك باج ئورگانلىرى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ھەر تەرەپلىمە ياخشى قىلىش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دىققەتنى ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، «ئون چوڭ كەسىپ توپى»نى يۇقىرى سۈپەتلىك بەرپا قىلىش قاتارلىق زور ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، رەقەملەشتۈرۈپ تىپنى ئۆزگەرتىش شەرتى ئاستىدا باج - ھەق ئېلىش - باشقۇرۇش بويىچە «ئاساسنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشى»نى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، باجنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، باجنى سان ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، باجنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش بىلەن باجنى ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت قوش ۋەزىپىنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، باجنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئۇللۇق، تۈۋرۈكلۈك، كاپالەتلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.
(مۇخبىر ۋاڭ يايۈن، قاتناشقان مۇخبىرلار رەن خۇ، ما يىنىڭ، جاۋ يۆ)