导航切换

شىنجاڭدا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تېز بولدى

日期:2025年03月24日
来源:天山网
【字体:

​تېرىلغان كۆلەم 1 مىليون 500 مىڭ مودىن ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ھاۋانىڭ تەدرىجىي ئىللىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خىزمىتى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئارقا - ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلغان. ھازىرغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا 1 مىليون 500 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە زىرائەت تېرىلىپ بولغان، تېرىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تېز بولغان.

ھازىر، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى بىپايان يېزىلارنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى. ماناس ناھىيەسىدە 12 مىڭ مو يازغى بۇغداي تېرىلغۇ مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى نەملىك ئەھۋالىغا ئاساسەن، دېھقان ئاھالىلىرىنى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، تۇپراق نەملىكىدىن پايدىلىنىپ تېرىشقا يېتەكلەپ، بېيدوۋ يول باشلاش تېخنىكىسىنى كەڭ قوللىنىپ، يازغى بۇغداينى تۈجۈپىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن يىلدا ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا ئاساس سالدى؛ كورلا شەھىرىنىڭ قارا يۇلغۇن بازىرىدا، شۇ جايدىكى دېھقانلار دېھقانچىلىق پەيتىنى چىڭ تۇتۇپ زىرە تېرىپ، «زىرە +» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، قوناق، كېۋەز، پىششىقلىنىدىغان شوخلا قاتارلىق زىرائەتلەرنى كىرىشتۈرۈپ تېرىپ، يەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى باشلانغاندىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش نىشان - ۋەزىپىسىگە ئۆلچەم بويىچە قاتتىق توغرىلىنىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، تېرىيدىغان يەرلەرنى بالدۇر پىلانلاپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ھەرقايسى جايلار پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، چوڭ ئېتىزدا تېرىش ئۆلچىمىنىڭ يۇقىرى، سۈپىتىنىڭ ياخشى بولۇشىغا، بارلىق تېرىلغۇ ئىشلىرىنىڭ مۇۋاپىق مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى تېرىقچىلىق باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تاڭ يىۋۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلار كۈزگى بۇغداينىڭ قايتا كۆكلەش ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، بۇغداي ئېتىزلىرىنى پەرۋىش قىلىشتىكى تۈرلۈك ئاچقۇچلۇق تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «باراقسان ئۆسۈشنى تىزگىنلەپ، ئاجىز مايسىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مايسىنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى نىشان قىلىپ، تۈرگە ئايرىپ پەرۋىش قىلىشنى كۈچەيتىپ، مايسىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ئاساسىنى پۇختىلىدى.

ئەتىياز پەسلى يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلىتىشنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلى، ھەرقايسى جايلار يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش، تەمىنلەش - ئېھتىياج ئەھۋالىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتىنى ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇپ، ئۇرۇق، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتىكى تەمىنلەش - ئېھتىياج ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئارتۇق - كەملىرىنى تەڭشەشنى ياخشى تۇتۇپ، دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرى ئېھتىياجىنىڭ ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى %90تىن ئاشتى.

ھەرقايسى جايلاردىكى يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈچەيتىپ، ھاۋارايى ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، يۈزبېرىش ئېھتىمالى بولغان تۈرلۈك ئاپەتلەرگە چىڭ قادىلىپ، تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كېسەللىك - ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىقلىرىنى بالدۇر ياخشى ئىشلىدى. جەنۇبىي شىنجاڭدا تۆۋەن تېمپېراتۇرا، بوران، قۇم - بوران ۋە شىمالىي شىنجاڭدا «تۈگەنچى باھاردىكى ئۈششۈك»، قار ئېرىش تىپىدىكى كەلكۈن قاتارلىق ئاپەتلەرگە نۇقتىلىق تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، ئەتىياز پەسلىدىكى يېزا ئىگىلىك ئاپەتلىرىنىڭ زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈردى.