导航切换

​شىنجاڭدا ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە دائىر تىرەك تېخنىكىنى توپلاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى باشلاندى

日期:2025年03月24日
来源:天山网
【字体:

تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپى ھاۋا سۈپىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇندى​

شىنجاڭدا ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە دائىر تىرەك تېخنىكىنى توپلاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى باشلاندى

 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، «14 - بەش يىل»لىق دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ ئېچىش پىلانى «تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە دائىر تىرەك تېخنىكىنى توپلاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش» تۈرىنى باشلاش ھەم يولغا قويۇش لايىھەسىنى دەلىللەش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، پەن - تېخنىكا ۋاسىتىسى ئارقىلىق تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ مۇھىتى، ھاۋا سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاشقا كۈچ قوشۇپ، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ھاۋا بۇلغىنىشىنى تۈگىتىش ھەم ھاۋا سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاشنى كۈچلۈك ئىلمىي ئاساس ۋە تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش ئۇدا ئۈچ يىل ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت ئون ئەمەلىي ئىشى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى، يۇقىرى نۇقتىدىن تۈرتكە بولۇشى نەتىجىسىدە، سىجىل ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، 2024 - يىلى، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئەلا، ياخشى بولغان ئوتتۇرىچە كۈن سانى نىسبىتى %90كە يېتىپ، PM2.5 ، PM10 بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلەپ، «بىر ئۆرلەش، ئىككى تۆۋەنلەش»تەك باسقۇچلۇق نىشان مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

لېكىن، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى رايونلار قىش پەسلىدە پايدىسىز كىلىمات شارائىتى ۋە سۈنئىي ئامىللارنىڭ گىرەلەشمە تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت يەنىلا كەسكىن، ۋەزىپە يەنىلا مۈشكۈل، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى يەنىمۇ ياخشى قىلىش ئۈچۈن، مۇتەخەسسىسلەر ۋە پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ئەقلىي كۈچ تىرىكى بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، 2024 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە - مۇھىت نازارىتى جۇڭگو مۇھىت ئىلمى تەتقىقات ئاكادېمىيەسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە - مۇھىت پەن تەتقىقات ئورنى قاتارلىق پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، ئەۋزەللىككە ئىگە كوللېكتىپلارنى تەشكىللەپ، «14 - بەش يىل»لىق دۆلەت نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ ئېچىش پىلانىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلتىماس قىلدى ھەمدە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.

بۇ تۈردە تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ھاۋا سۈپىتىنى ياخشىلاش ئېھتىياجى يېتەكچى قىلىنىپ، دىققەت تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىدىكى قويۇپ بېرىش سىجىللىقى يۇقىرى، بۇلغىنىش ۋەزىيىتى ئېغىر، تۈزەش قىيىنلىق دەرىجىسى چوڭ بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلدى، بۇلغىما ماددىلارنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمى ۋە تارقىلىش يولى ئېنىق بولماسلىق، رايوننىڭ بەش - يەتتە كۈنلۈك ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتىنىڭ توغرىلىق نىسبىتى تۆۋەن بولۇش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇكەممەل بولماسلىق قاتارلىق ئاچقۇچلۇق قىيىن مەسىلىلەرگە قارىتا، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى رايوننىڭ قىش پەسلىدە PM2.5 بىلەن ئېغىر بۇلغىنىشقا قاراپ ئۆزگىرىشى، بۇنىڭ سەۋەبى ۋە مەنبەسىنى دەل جايىدا سۈرۈشتۈرۈش، چوڭقۇر ئۆگىنىش بىلەن كۆپ مەنبەلىك سانلىق مەلۇماتنى بىرلەشتۈرۈشنى ئاساس قىلغان ھاۋا سۈپىتىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش تېخنىكا ئۇسۇلى تەتقىقاتى، نۇقتىلىق ساھەلەردە بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش تېخنىكىسى بويىچە باھالاش ھەم كاربون بۇلغىمىسىنى ماسلاشتۇرۇپ تىزگىنلەش يولى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ھەمتۈرتكە بولۇپ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش - تىزگىنلەش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇش، ھەمدە ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ياخشىلاش يولى تەتقىقاتى، ئاتموسفېرا مۇھىتىنى باشقۇرۇش بويىچە ئاقىل تەدبىر بەلگىلەش رەقەملىك ئۇچۇر سۇپىسى تەتقىقاتى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىپ ئەمەلىي قوللىنىشتىن ئىبارەت بەش چوڭ تەتقىقات تېمىسىنى يولغا قويۇش قانات يايدۇرۇلىدۇ.

پىلان بويىچە، بۇ تۈردە تىرىشىپ 2025 - يىلى بۇلغىما مەنبەسىنىڭ تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاپ تەكشۈرۈش تاماملىنىپ، بۇلغىما قويۇپ بېرىدىغان نۇقتىلىق چوڭ ئورۇنلار ۋە بۇلغىما قويۇپ بېرىشتىكى ئاچقۇچلۇق ھالقىلار چىڭ تۇتۇلۇپ، دەل جايىدا تۈزەشنىڭ يۆنىلىشى ۋە مۇھىم نۇقتىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ؛ 2026 - يىلى، رايوندىكى ئېغىر بۇلغىمىلىق ماددىلارنىڭ تارقىلىش يولى، پەيدا بولۇش سەۋەبى ۋە كېلىش مەنبەسىنى دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش تاماملىنىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئاچقۇچلۇق تۈگۈنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىلىدۇ؛ 2027 - يىلى تۈر تەتقىقات نەتىجىلىرى ئومۇميۈزلۈك بىرىكتۈرۈلۈپ، كۆزىتىش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش، تۈزەش، باھالاش ئۇنىۋېرسال تېخنىكا مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇپ، ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسى ھەقىقىي ئۆستۈرۈلىدۇ.