«چۈشۈرگىنى ئېچىڭلار!» ئورۇنلاشتۇرۇش بۇيرۇقى بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، داشىخەيزى سۇ ئامبىرىنىڭ كونا كەلكۈن قويۇۋېتىش چۈشۈرگىسى ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلدى، ئۆركەشلىگەن سۈزۈك سۇ چىۋەنكۆر دەرياسىنىڭ دەريا يولىنى بويلاپ تۆۋەن ئېقىندىكى توغراقلىق رايونىغا قاراپ ئاستا - ئاستا ئېقىشقا باشلىدى. 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، تارىم دەرياسىغا 26 - قېتىم ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈشنىڭ 1 - باسقۇچلۇق خىزمىتى رەسمىي باشلاندى.
2025 - يىللىق تارىم دەرياسىغا ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈش پىلانى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ يولغا قويۇلىدۇ، ئومۇمىي سۇ يەتكۈزۈش مىقدارى 350 مىليون كۇب مېتىر. 1 - باسقۇچ 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنىگىچە بولۇپ، كونا تارىم دەرياسى ۋە چىۋەنكۆر دەرياسىدىن ئىبارەت قوش دەريا يولى ئارقىلىق، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1 مىليون 250 مىڭ كۇب مېتىرلىق سۇ مىقدارى بويىچە قورغان كەسمە يۈزىگە 20 مىليون كۇب مېتىر ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈلىدۇ. سۇ يەتكۈزۈش داشىخەيزى سۇ ئامبىرىدىن قورغان كەسمە يۈزىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى يەر ئاستى سۈيىنى نۇقتىلىق تولۇقلاپ، بۇ رايوندىكى تۇپراقنىڭ نەملىكىنى ياخشىلاپ، چۆل يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ قۇرغاقچىلىققا، شورغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.
ھەر يىلى 3 - ئاينىڭ ئاخىرى دەل تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى دەريا يولى ھەم لىنىيە بويىدىكى توغراق مايسىلىرى بىخلىنىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل، ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈش باشلىنىشتىن بۇرۇن، تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك سۇغا ئېھتىياجلىق بولۇش ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، سۇغا ئېھتىياجلىق رايون ۋە ئېھتىياجلىق سۇ مىقدارىنى ئىلمىي بېكىتىپ، سۇ يەتكۈزۈش لايىھەسىنى بۆلەكلەر بويىچە تۈزۈپ، سۇ بايلىقىدىن ئەڭ زور دەرىجىدە پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئىشقا ئاشۇردى.
شىنجاڭ تارىم دەرياسى ۋادىسى غول ئېقىنى سۇچىلىق باشقۇرۇش مەركىزى داشىخەيزى سۇ ئامبىرىنى باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى جاڭ يۈ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ قېتىمقى ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈشتە قوش دەريا يولىدا سۇ يەتكۈزۈش شەكلى قوللىنىلىپ، تۈركۈمگە بۆلۈپ ۋاقىتنى سۈرۈپ چۈشۈرگە ئېچىلىپ، دەريا يولى بىلەن دەريا جىلغىسى تارماق شاخابچىسى ئارىسىدىكى سۇ كۈچى باغلىنىشىنى كۈچەيتىپ، لىنىيەلىك سۇ يەتكۈزۈش بىلەن كۆلەملىك سۇ يەتكۈزۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، شاخابچىدىن سۇ سىڭدۈرۈش (جىلغىدىكى شاخابچىدىن سۇ سىڭدۈرۈش) نۆۋەت بىلەن سۇغىرىش شەكلىنى قوللىنىپ، ھەرقايسى ۋاقىت بۆلەكلىرىدىكى سۇ مىقدارى ۋە سۇ قوبۇل قىلىش رايونىنى مۇۋاپىق پەيتتە تەڭشەپ، دەل جايىدا تەڭشەش، نىشانلىق سۇ يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېقىپ چۈشىدىغان سۇ مىقدارىنى ئەڭ زور دەرىجىدە توغرىسىغا تاشتۇرۇپ، لىنىيە بويىدىكى سۇ يەتكۈزۈش كۆلىمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كېڭەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈشنىڭ چەك ئۈنۈمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرىدۇ.
2000 - يىلى تارىم دەرياسىغا ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭ تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا 25 قېتىم ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈشنى تەشكىللەپ يولغا قويدى، 2024 - يىلىغىچە جەمئىي 10 مىليارد 200 مىليون كۇب مېتىر ئېكولوگىيەلىك سۇ ئېقىپ چۈشتى، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 408 مىليون كۇب مېتىر سۇ ئېقىپ چۈشتى، سۇ بېشى 19 قېتىم ئاخىرقى ئۇچتىكى تېتىما كۆلىگە يەتكۈزۈلۈپ، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى «يېشىل كارىدور» قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە تولدى، «سۇ چوڭ قۇملۇقنى ئوزۇقلاندۇرۇش، بوستانلىق ئىلگىرىلەپ، قۇم چېكىنىش»تىن ئىبارەت ئېكولوگىيە مەنزىرىسى تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا ئاستا - ئاستا نامايان بولماقتا.