导航切换

چوڭ - چوڭ تۈرلەر باھاردا «بەيگىگە چۈشتى»

日期:2025年03月24日
来源:天山网
【字体:

​− شىنجاڭ بويىچە 1 - پەسىلدىكى چوڭ - چوڭ تۈرلەردە مەركەزلىك ئىش باشلاش پائالىيىتىگە نەزەر

باھار دولقۇنى مەۋج ئۇرۇپ، بارلىق شەيئىلەر ھاياتىي كۈچكە تولدى. 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، شىنجاڭ بويىچە 2025 - يىلى 1 - پەسىلدىكى چوڭ - چوڭ تۈرلەردە مەركەزلىك ئىش باشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ھەرقايسى جايلاردىكى تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانلىرىدا قۇرۇلۇش ئاپتوموبىللىرى، قېزىش ماشىنىلىرى قاتار تىزىلىپ، كۈچ توپلاپ ئاتلىنىشقا تەق تۇردى، كارخانىچىلار، قۇرۇلۇشچىلارنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ، جەڭگىۋارلىقى يۇقىرى بولۇپ، «تۈرلەرنى چىڭ تۇتۇش، چوڭ تۈرلەرنى تۇتۇش»تىن ئىبارەت جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش دۇمبىقىنى بىرلىكتە ياڭراتتى.

چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشتا، دىققەت تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈلدى، يەتكۈزۈلگىنى ئىشەنچ، نامايان بولغىنى ئەمەلىي ئىشلەش بولدى. بۇ يىل «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، شۇنداقلا ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. مۇشۇنداق چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشتە، شىنجاڭ 1 - پەسىلدە بارلىق كۈچنى ئىشقا سېلىپ «تۈرگە كۈچەپ»، كۆپ قاتلاملىق ئېنىق سىگنال تارقاتتى.

تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش ئارقىلىق پۈتۈن يىللىق ئىشنى غەلىبىلىك تاماملاشقا يېتەكچىلىك قىلىندى

تۈرگە مەبلەغ سېلىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى «قاتتىق تۇتقا». 2022 - يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇدا ئۈچ يىل 1 - پەسىلدىكى چوڭ - چوڭ تۈرلەردە مەركەزلىك ئىش باشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

بۇلتۇر، شىنجاڭ ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى ئاچقۇچ قىلىپ، سېلىنمىنىڭ تۈرتكە بولۇش، كۈچەيتىش تەسىرىنى سىجىل جارى قىلدۇرۇپ، تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلەتتى. پۈتۈن يىللىق تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى ئومۇمىي سوممىسى )دېھقان ئائىلىلىرىنىڭكىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ( 2023 - يىلىدىكىدىن %6.9 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 3.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى؛ يېڭىدىن ئىش باشلانغان سېلىنما تۈرى 9482 بولۇپ، ئورۇندالغان سېلىنما سوممىسى 2023 - يىلىدىكىدىن %16.5 ئاشتى، يەككە سېلىنما تۈرىنىڭ ئوتتۇرىچە كۆلىمى 2023 - يىلىدىكىدىن %40.6 ئاشتى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات زاپاس كۈچى يەنىمۇ ئېشىپ، «مۇقىم بولۇش» ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.

بۇ يىل، شىنجاڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى نىشانىنى %10 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش دەپ بېكىتتى. بۇ ۋەزىپىنى تاماملاشتا 1 - پەسىلدە تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.

«ھازىر، سېلىنما يەنىلا ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم تىرىكى ۋە ۋاسىتىسى.» ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ كۇيرەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن دۆلەت يولغا قويغان بىر يۈرۈش كۆپەيمە سىياسەت پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، دىققەتنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم ئەۋزەل كەسىپلەرگە ئالاقىدار، ئۈنۈملۈك سېلىنمىسى، سىجىل باج مەنبەسى بار ياخشى تۈر، چوڭ تۈرلەردە ئىش باشلاشقا تۈرتكە بولۇشنى چىڭ تۇتۇپ پىلانلاپ، جاسارەت بىلەن تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتتى.

يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، پۈتۈن شىنجاڭ «مەبلەغ سېلىشتىكى ئىللىق قىش»نى يېتەكچى قىلىپ، دىققەتنى شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى كۈچەپ ئېچىش، كۆمۈر كانلاردا ئىش باشلاشنى تېزلىتىش، يېشىل كانلاردا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشنى تېزلىتىش قاتارلىق 15 تۈرلۈك كونكرېت ھەرىكەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، باھار كېلىشى بىلەن سۈرئەتنى تېزلىتىپ، قىشتىكى ئارىسال ۋاقىتنى قىشتىكى ئالدىراش ۋاقىتقا ئۆزگەرتتى − 1 - ئايدىن 2 - ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنما ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.7 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 6.5 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، 3 - ئايدىكى شۇ ئايلىق سېلىنما 1 - پەسىلدە تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاشنىڭ ئاچقۇچى بولۇپ قالدى. بۇ قېتىم مەركەزلىك يېڭىدىن ئىش باشلانغان ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق تۈر 83 بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنمىسى 270 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ، 1 - پەسىلدە ئاپتونوم رايون بويىچە 70 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىشنى تاماملىغىلى بولىدىغانلىقى، ئېشىش سۈرئىتىنىڭ %15تىن يۇقىرى بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

«بىز دىققەتنى چوڭ - چوڭ تۈرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، <ھەپتە ئارقىلىق ئايغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاي ئارقىلىق پەسىلگە كاپالەتلىك قىلىش، پەسىل ئارقىلىق يىلغا كاپالەتلىك قىلىش> پىكىر يولى بويىچە، تېز سۈرئەتتە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، بىرلىشىپ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، رەسمىيىتى تولۇق بولمىسىمۇ تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلەردە بالدۇر ئىش باشلاش، تېز قۇرۇلۇش قىلىش، بالدۇر ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش ئارقىلىق پۈتۈن يىللىق ئىشنى غەلىبىلىك تاماملاشقا يېتەكلەيمىز» دېدى ۋاڭ كۇيرەن.

چوڭ - چوڭ تۈرلەر ئارقىلىق كەسىپ توپى «زەنجىرسىمان» تۇتاشتۇرۇلدى

ئەگەر تۈر قۇرۇلۇشى «قوشۇش ئەمىلى»نى ئىشلەش دېيىلسە، ئۇنداقتا كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش «كۆپەيتىش ئەمىلى» ئىشلەشتۇر. مۇكەممەل بولغان يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىن كەسىپ زەنجىرى كەسىپلەر توپىنىڭ توپلىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئاچقۇچى.

ھازىر، «ئون چوڭ كەسىپ توپى»، ئۇل ئەسلىھە «ئون تور» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى تېز سۈرئەتتە رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلانماقتا. بۇ قېتىم مەركەزلىك ئىش باشلانغان PTA، كۆمۈردىن گاز ئېلىش، مېھمانساراي توپى قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ تۈرلەر شىنجاڭنىڭ كارخانىلارنى توپلاش، تۈرلەرنى توپلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرگەنلىكى، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ پۈتۈن زەنجىرلىك تەرەققىياتىغا تېز تۈرتكە بولغانلىقىنىڭ جانلىق ئىزاھاتى.

جۇڭگو نېفىتى ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتى ئارېن قۇرۇلمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش ۋە خام ئەشيانى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يىلىغا 2 مىليون توننىلىق PTA تۈرىنى يېڭىدىن قۇرۇپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى تۆۋەن ئېقىن پولى ئېستېر يېڭى ماتېرىيالى ۋە كىيىم - كېچەك توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىنى پۇختا خام ئەشيا كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

«بۇ ئىككى نۇقتىلىق تۈرنىڭ يولغا قويۇلۇشى جۇڭگو نېفىتى ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ غەربىي شىمال رايونىدا ئارېن كەسىپ بازىسى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە باشلىغانلىقىدىن، شۇنداقلا كارخانىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، شىنجاڭنىڭ <ئون چوڭ كەسىپ توپى> قۇرۇلۇشىغا سىڭىشىش، <زەنجىر باشلامچىسى> رولىنى جارى قىلدۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېدى جۇڭگو نېفىتى ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شيې ۋېنجيەن.

دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ شەرقىي جۇڭغار كۆمۈردىن يىلىغا 2 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئېلىش تۈرىگە 16 مىليارد 793 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ، تۈر پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن يىلىغا 5 مىليون 80 مىڭ توننا كۆمۈرنى ئايلاندۇرۇپ، تۇرۇبا تەبىئىي گازى، سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز، نافتا، كوكس مېيى قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىش مۆلچەرلەندى.

«تۈرنىڭ يولغا قويۇلۇشى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەسى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇش، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشتا ئەھمىيىتى زور.» دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ كۆمۈردىن گاز ئېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ياڭ جيەنرۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئىش باشلىغان ھامان ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن پەيتنى قولدىن بەرمەي، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، تىرىشىپ تۈرنى «بىخەتەر، ئىشەنچلىك، تېخنىكىسى ئىلغار، سۈپىتى ئەلا، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئۈنۈمى ياخشى» بولغان دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان «ماياك زاۋۇت» قىلىپ بەرپا قىلىمىز.

سېلىنما ئورۇنلاشتۇرۇشى شىنجاڭنىڭ ئىشەنچىنى سىجىل ئاشۇردى

شىنجاڭنىڭ تەبىئىي بايلىق ئۈستۈنلۈكى، ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك، يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەتنىڭ سىياسەت پايدىسىنىڭ سىجىل گىرەلىشىپ قويۇپ بېرىلىشى، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئاساسىنىڭ چىڭ بولۇشى قوشۇلۇپ، بۇ تۇپراقنى كۈنسېرى تۈرلۈك كارخانىلار دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىشتا ئۆز قىممىتىنى نامايان قىلىدىغان چوڭ سەھنىگە ئايلاندۇرماقتا. شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق، ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ ئىشەنچى بار.

سايرام كۆلى مېھمانسارىيى توپى، ئاقسۇ ۋەنخاۋ مېھمانسارىيى توپى... بۇ قېتىمقى ئىش باشلاش پائالىيىتىدە، جۇڭگو لۈفا سېلىنما گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭغا ئورۇنلاشتۇرغان مەدەنىيەت - ساياھەت تۈرلىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

«شىنجاڭ ئۆزگىچە دۇنياۋى تەبىئىي مەنزىرە ۋە ئادىمىيەت بايلىقىغا ئىگە، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى ئىنتايىن پارلاق.» جۇڭگو لۈفا سېلىنما گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى سۈن يۈ مۇنداق دېدى: «بىز باشتىن - ئاخىر شىنجاڭنى كەسىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشنى باش تارتىپ بولمايدىغان سىياسىي مەسئۇلىيەت، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم پۇرسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن شىركەتنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇش، تەرەققىياتىغا ئاتلاندۇق. بۇنىڭدىن كېيىن شىركىتىمىز مەدەنىيەت - ساياھەت تۈر قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە تۈرى قۇرۇلۇشى ۋە تىجارىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىندىكى كەسىپلەرنى شىنجاڭدا مەبلەغ سېلىپ ماكانلىشىشقا پائال جەلپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىمىز».

«شىنجاڭدىكى چوڭ - چوڭ تۈرلەرنىڭ ۋاقىت تۈگۈنى ۋە ۋەزىپە - نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىش مۇددىتىنى تەتۈر ساناق بويىچە تىزىپ، نىشان بەلگىلەپ جەڭ قىلىمىز!» دۆلەت ئېنېرگىيە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى يەن گوچۇن مۇنداق بىلدۈردى: دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، كۆمۈرنى ئاساس قىلغان، كۆپ خىل ئېنېرگىيە بىر - بىرىنى تولۇقلىغان، كەسىپلەر ماسلاشقان ئېنېرگىيە كەسىپ زەنجىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، تىرىشىپ شىنجاڭدىكى كەسىپلەرنى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىنى مۇستەھكەملەيدىغان يېڭى تىرەك نۇقتىسى، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى ئالدىنقى سەپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرىدىغان يېڭى ئېگىزلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.

ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ شىنجاڭغا بولغان ئىشەنچى مول تەبىئىي بايلىقتىن، پۇرسەتلەرنىڭ دەستىلىنىشىدىن، شۇنداقلا سىجىل ئەلالاشتۇرۇلۇۋاتقان تىجارەت - سودا مۇھىتىدىن كەلگەن.

«ئاپتونوم رايوننىڭ مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش ۋە تۈر قۇرۇلۇشىنى ماسلاشتۇرۇش، چوڭ - چوڭ تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك ئالاقىلىشىشى قاتارلىق خىزمەت مېخانىزملىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تارماقلارنىڭ ماسلىشىشى، ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەتنىڭ <ھارارىتىنى ئاشۇرۇش> <سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش>نى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.» ۋاڭ كۇيرەن مۇنداق دېدى: شۇنىڭ بىلەن بىللە، كارخانا، تۈرنى پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكى بويىچە باشقۇرۇشنى چۆرىدەپ، چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشلاردا ئىش باشلاش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، ھەر ئايدا بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك چوڭ - چوڭ تۈردە ئىش باشلاشقا، ھەر پەسىلدە بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشتا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

چوڭ - چوڭ تۈرلەردە قۇرۇلۇش باشلاندى، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولماقتا. ماشىنىلارنىڭ رىتىملىق گۈركىرەشلىرى، ھەرقايسى سەپلەرنىڭ بەس - بەستە ئىلگىرىلەشلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا گىرەلىشىپ ياڭراق باھار سىمفونىيەسىنىڭ مۇقەددىمىسىنى شەكىللەندۈرمەكتە.