3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، 2025 - يىللىق «دۇنيا سۇ كۈنى» «جۇڭگو سۇ ھەپتىلىكى» − سۇدا تىيانشاننى ئەكس ئەتتۈرۈش باش تېما تەشۋىقات پائالىيىتى باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) بىلەن بىرلىشىپ تور ۋە تور سىرتىدا «گېزىت، تور، تېرمىنال، ۋىيشىن» قاتارلىق كۆپ تاراتقۇ ۋاسىتىسى ئارقىلىق، سۇ ئەھۋالى تەربىيەسى، سۇ تېجەش، سۇ ئىشلىتىش تەشۋىقاتى ۋە سۇ مەدەنىيىتىنى تارقىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەت سۇ بايلىقىنى قوغداشقا كۆڭۈل بۆلىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، ئاممىنىڭ سۇ مەدەنىيىتى ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ.
بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە 38 - نۆۋەتلىك جۇڭگو سۇ ھەپتىلىكى، باش تېمىسى «سۇچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ سۇ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش». باشلىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىنىڭ ئالاقىدار باشقارما، ئىشخانىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار سۇنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، سۇ بايلىقىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇش ۋە سۇ بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش ھەمدە سۇ بايلىقىدىن تۈجۈپىلىك، تېجەشلىك پايدىلىنىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ، كەڭ ئاممىغا يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى پائال ئىلگىرىلەشلەر ۋە نەتىجە، تەجرىبىلەرنى تەشۋىق قىلدى. پائالىيەت ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ سۇپىسى ئارقىلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىلدى، يەر شارى ۋاقىت گېزىتى، ئەيچىيى، تېڭشۈن خەۋەرلىرى، سوۋخۇ خەۋەرلىرى ھەمدە پۈتۈن شىنجاڭدىكى 85 ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى ماس قەدەمدە بىۋاسىتە كۆرسەتتى، كۆرگەنلەرنىڭ سانى 2 مىليون 371 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى.
ئاساسىي يىغىن مەيدانىدىن باشقا، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى شىنجاڭ كارىز تەتقىقات جەمئىيىتى تۇرپان كارىز باغچىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى قارىمىقىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ، باشلانغۇچ مەكتەپ بۆلۈمى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى سۇ تېجەش مەدەنىيىتى باش تېما مەھەللىسى قاتارلىق پائالىيەت نەق مەيدانلىرىغا بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «سۇ ئىشلىرى»نى ياخشى قىلىشقا دائىر تىپىك ھېكايىلەرنى سىنلىق ئۇلىنىش ئارقىلىق كۆرسىتىپ، شىنجاڭنىڭ سۇ مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىنى كۆپ نۇقتىدىن نامايان قىلىپ، سۇ تېجەش ھەرىكىتىگە تېخىمۇ مول ماھىيەتلىك مەزمۇن قوشتى. كەلگۈسى بىر ھەپتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى يەنە سۇ تېجەش، سۇ ئىشلىتىش تەشۋىقاتىنى مەكتەپكە كىرگۈزۈش، ئورگانغا كىرگۈزۈش، كارخانىغا كىرگۈزۈش، يېزىغا كىرگۈزۈش، مەھەللىگە كىرگۈزۈش، ئورۇنلارغا كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت «ئالتىگە كىرگۈزۈش» پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، كەڭ ئاممىغا مول كەسپىي سۇ تېجەش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ.
شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى «2025 - يىللىق سۇ تېجەش تەشەببۇسنامىسى»نى چىقىرىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنى سۇ بايلىقىنى قوغداشقا ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىپ، ئاممىنى تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇشنى ئەمەلدە كۆرسىتىشكە يېتەكلەپ، تامچە سۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق مۇزلۇقنىڭ «يۈكى»نى يېنىكلىتىپ، سۇ تېجەش، سۇ قوغداش ئارقىلىق ھاياتلىق مەنبەسىنى قوغداپ، سۇنى تېجەيدىغان، سۇنى قەدىرلەيدىغان، سۇنى سۆيىدىغان، سۇنى قوغدايدىغان، سۇ بىلەن ئىناق ئۆتىدىغان قويۇق كەيپىياتنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىي قىلىشىنى پۇختا سۇ بىخەتەرلىكى كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.