导航切换

«پۈتۈن دىققىتىمنى مەركەزلەشتۈرۈپ، قار تېيىلىشتىن ئىبارەت بۇ كەسىپنى ياخشى قىلىمەن»

日期:2025年03月11日
来源:天山网
【字体:

3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگۇ بازىرىدىكى بەييۈن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى قار تېيىلىش سايمانلىرى زالىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى بىر ئىشخانىدا، شىنجاڭ بەييۈن ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى چېن ليەنشېڭ ئەينەكلىك دېرىزىدىن قار تېيىلىش مەيدانىغا قاراپ، نەچچە يۈز ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ قار تېيىلىش يولىدا راۋان تېيىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.

«بۇ بىر نەچچە كۈندە، 11 - نۆۋەتلىك <مەملىكەتلىك ئاممىۋى قار - مۇز پەسلى> يۈرۈشلۈك پائالىيىتى ھەم 2025 - يىللىق ئۈرۈمچى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قار تېيىلىش مارافون مۇسابىقىسى بەييۈن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، نۇرغۇن مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ بۇ جايدا قار تېيىلىش دەرسى ئۆتىدۇ. ھازىر قار - مۇز ئارزۇسى بار بالىلار بارغانسېرى كۆپەيدى!» چېن ليەنشېڭ مۇنداق دېدى: 2024 − 2025 - يىللىق قار پەسلىدە، قار تېيىلىش مەيدانىمىز ئۈسكۈنە، تىرېنېرلار بىلەن تەمىنلەپ، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنى بۇ جايدا ھەقسىز قار تېيىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

بەييۈن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى 1997 - يىلى تىجارەت باشلىغان بولۇپ، شىنجاڭ ئىچىدە ئەڭ بالدۇر قۇرۇلغان قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ بىرى.

1996 - يىلى، چېن ليەنشېڭ خاربىنغا كاماندىروپكىغا چىققاندا، شەرقىي شىمالنىڭ قار تېيىلىش مەيدانلىرىدىكى قىزغىنلىق ئۇنى ھەيران قالدۇردى. ئۇ شىنجاڭدىمۇ مول قار - مۇز بايلىقى بارلىقىنى، ئەمما قار تېيىلىش بازىرىنىڭ يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكىنى ئويلاپ، بۇنىڭ غايەت زور سودا پۇرسىتى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، چېن ليەنشېڭ شۈيشىگوۋ بازىرى دۇڭۋەن كەنتىنىڭ لاۋخۇگوۋدىكى 2000 مودىن ئارتۇق كېلىدىغان قاقاس تاغ جىلغىسىنى ئىجارىگە ئېلىپ، يول ياساپ، توك تارتىپ، ئۆي سېلىپ، بىر تۈركۈم نىمكەش قار تېيىلىش تاختىلىرىنى سېتىۋالدى، ئىككىنچى يىلى قار تېيىلىش مەيدانىدا تىجارەت باشلاندى.

«قار تېيىلىشتىن ئىبارەت بۇ كەسپىگە بۇنچە كۆپ پۇل كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىمەن، ئالدىنقى سەككىز يىلدا بىر پۇڭمۇ پۇل تاپالمىدىم.» بۇ ساھەگە كىرگەندىن كېيىن، چېن ليەنشېڭ ئاندىن قار تېيىلىش مەيدانىنى يۈرۈشتۈرۈشنىڭ قارىماققا ئۇنداق ئاددىي ئەمەسلىكىنى، ئۈسكۈنىلەرگە مەبلەغ سېلىش، تىجارەت سېلىنمىسىنىڭ ناھايىتى زور ئىكەنلىكىنى، ئادەتتىكى سودىدىن خېلىلا مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى بايقىدى. قار تېيىلىش مەيدانىنى ياخشى باشقۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ ئۆزىنىڭ سودا شىركىتى، خىش زاۋۇتىنى سېتىۋېتىپ، دوستلىرىنىڭ نەزەرىدىكى تاغقا چىقىپ پۇل چاچقان «ساراڭ»غا ئايلىنىپ قالدى، لېكىن ئۇ قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشنى تاللىدى. 2004 - يىلى قار تېيىلىش مەيدانى پايدا ئېلىشقا باشلىدى.

28 يىلدىن بۇيان، چېن ليەنشېڭ قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، قار تېيىلىش مەيدانىدا يىلمۇ يىل ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى: ئەينى يىلدىكى ئات سۆرەيدىغان چانىدىن، بۈگۈنكى كۈندىكى ئالتە توكلۇق يول، ئۈچ بوشلۇق ئاسما ۋاگونغىچە؛ ئەڭ دەسلەپتىكى نەچچە يۈز يۈرۈش نىمكەش چاڭغىدىن، ھازىرقى 6000 يۈرۈشتىن ئارتۇق يېپيېڭى چاڭغىغىچە؛ دەسلەپ تىجارەت باشلىغان چاغدىكى بىر چوڭ تەبىئىي قار تېيىلىش مەيدانىدىن، ھازىرقى قار چىڭداش ماشىنىسى، قار ياساش ماشىنىسى نۆۋەتلىشىپ مەشغۇلات قىلىشقىچە، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك تۈپتۈز ئون قار تېيىلىش يولىغىچە؛ بىر نەچچە رەت ئاددىي بىر قەۋەتلىك ئۆيلەردىن ھازىرقى ئۇنىۋېرسال ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى، ئېكولوگىيەلىك يېمەك - ئىچمەك زالى، قار تېيىلىش مەكتىپى، تاق چاڭغا باغچىسى قاتارلىق تۈرلۈك قار تېيىلىش كۆڭۈل ئېچىش يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى تولۇق بولۇشقىچە... بەييۈن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ شارائىتى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاندى.

قار تېيىلىش مەيدانى قىزىپ كەتتى، قار تېيىلىش تىرېنېرى، مۇلازىمەت خادىمى قاتارلىقلارغا بولغان ئېھتىياجمۇ ئاشتى. بۇ يىللاردا، بەييۈن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى ئەتراپتىكى 300دىن ئارتۇق دېھقان - چارۋىچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەتراپتىكى دېھقانلار ئارامگاھىنى جانلاندۇردى.

«پۈتۈن دىققىتىمنى مەركەزلەشتۈرۈپ، قار تېيىلىشتىن ئىبارەت بۇ كەسىپنى ياخشى قىلىمەن!» چېن ليەنشېڭ مۇنداق بىر داۋلىنى چۈشىنىپ يەتتى، بىر كەسىپتە نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن، ئارىسالدى بولماي، تورنى ھەر تەرەپكە تاشلىماي، بىر ساھەگە چوڭقۇر چۆكۈپ، تىرىشىپ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىش كېرەك.

2024 − 2025 - يىللىق قار پەسلىدە، بەييۈن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى مىقدارى 400 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، قار تېيىلىشقا كەلگەن ساياھەتچىلا 150 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن بولۇپ، قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ ياراتقان پايدىسى 10 مىليون يۈەندىن ئاشتى. بۇنداق نەتىجە قەغىزىدىن چېن ليەنشېڭ ناھايىتى مەمنۇن بولدى.

بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، ئاپتونوم رايون بەييۈن خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى قاتارلىق تۆت چوڭ قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، يېقىندا قار تېيىلىش مەيدانلىرىدا قار ياساشتا ئىشلىتىدىغان سۇنىڭ باھاسى زىيادە يۇقىرى بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىدىن ئۈمىد بار، بۇ، چېن ليەنشېڭنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.

«دۆلەتنىڭ پۇقراۋى كارخانىلارغا ئەھمىيەت بېرىشى ۋە قوللىشى ئىشەنچىمىزنى بارغانسېرى ئاشۇردى.» چېن ليەنشېڭ مۇنداق دېدى: «300 مىليون كىشىنىڭ قار - مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇش» نەتىجىلىرىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ۋە كېڭىيىشى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ تەدرىجىي ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قار تېيىلىش ئېھتىياجىمۇ كۈنسېرى ئاشتى، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل قار تېيىلىش مەيدانىمىزغا ئاسما ۋاگوندىن بىرنى يېڭىدىن ئورنىتىمىز، قار تېيىلىش يولىدىن تۆتنى يېڭىدىن كۆپەيتىمىز، بۇلتۇر 10 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ قۇرغان دالا قار تېيىلىش يولىدا خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ، ئۆلكە دەرىجىلىك بەش قار تېيىلىش كوماندىسى مەشىق قىلىۋاتىدۇ، بۇ يىل يەنە ئۆلكە دەرىجىلىك 11 قار تېيىلىش كوماندىسى كېلىپ مەشىق قىلماقچى».