导航切换

پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا مەدەت بېرىمەن

日期:2025年03月11日
来源:天山网
【字体:

ئەزا ليۇ ۋېي:

پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا مەدەت بېرىمەن

«ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا، مەن پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، شىنجاڭدا توردىن مال سېتىۋالغاندا پوچتا ھەققىنى كۆتۈرۈۋەتمەسلىك قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، بىر قاتار تەكلىپلەرنى تاپشۇرۇپ، ئارقا - ئارقىدىن ئالاقىدار تارماقلارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشتىم، بۇ، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تۈزۈش ۋە ئەلالاشتۇرۇشنى پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىدى.» 2 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى، شىنجاڭ جۈنباڭ سېلىنما چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ليۇ ۋېي مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: كەسىپ ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئازراق كۈچ قوشۇش ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدىغان ئىش.

مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا، جەزمەن ئەمەلىيەتنى باشتىن كەچۈرۈش، ئەمەلىيەتكە چۆكۈشتە چىڭ تۇرۇش، جەزمەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئاساس قىلىش كېرەك. ليۇ ۋېينىڭ 2024 - يىلىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش خاتىرىسىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، كارخانا، زاۋۇت، قۇرۇقلۇق پورتى، نۇقتىلىق تۈر... ئۈستىدىكى ھەر قېتىملىق چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۇنىڭ خاتىرىسىگە باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈلگەنىدى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا «پاتقاق كېچىش» زۆرۈر بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى «جىددىي شۇڭغۇش» «چوڭقۇر چۆكۈش»كە توغرا كېلىدۇ. پۇقراۋى كارخانىلارنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، ليۇ ۋېي دائىم كارخانىچىلار بىلەن مۇڭدىشىپ، كارخانا تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن مەسىلە ۋە قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈستىدە ئورتاق ئىزدەندى.

«ھازىر، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇش مەسىلىسى نۇرغۇن پۇقراۋى كارخانىنى قىيىن ئەھۋالغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بوغما ھالەت بولۇپ قالدى.» ليۇ ۋېي مۇنداق دېدى: پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كارخانىلارنىڭ تىجارەت بېسىمىنى يېنىكلىتىپلا قالماي، يەنە بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا پايدىلىق بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ليۇ ۋېي پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇش، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ «مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش ئىدارىسىگە بېرىپ مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى.

«بانكا بىلەن كارخانىنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشى يېتەرلىك ئەمەس، كارخانىنىڭ بانكىنىڭ يېڭى سىياسىتى، مەھسۇلاتلىرىغا بولغان چۈشەنچىسى كەمچىل؛ پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىدا يېڭىلىق يارىتىش سالمىقى يېتەرلىك ئەمەس، كارخانىنىڭ كۆپ خىل ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى تەس؛ كارخانىنىڭ ئۆز تىجارىتى ياخشى ئەمەس، ئىستىقبالى ئېنىقسىز ھەم ئۈنۈملۈك رەنە بۇيۇملىرى كەمچىل؛ يۆلەش سىياسىتىنىڭ دەل جايىدا بولۇشى يېتەرلىك ئەمەس بولۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈم تولۇق جارى قىلدۇرۇلمايۋاتىدۇ»...

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ليۇ ۋېي پۇقراۋى كارخانىلار ئومۇميۈزلۈك دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ئەينەن ئىنكاس قىلدى ھەم ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى − ھۆكۈمەت پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولغان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سىياسىتىنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى خەۋپ - خەتەرنى تىزگىنلىگىلى بولۇش ئالدىنقى شەرتىدە، پۇقراۋى كارخانىلار ئۈچۈن خاسلاشقان، پەرقلىق بولغان پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنى بېكىتىپ ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ كۆپ خىل مەبلەغ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى كېرەك. ھۆكۈمەت ۋە ساھە جەمئىيەتلىرى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش بويىچە تەربىيەلەش پائالىيەتلىرىنى كۆپرەك ئۆتكۈزۈپ، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش ۋە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ تۈرلۈك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرى ۋە سىياسەتلىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ مالىيە باشقۇرۇش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىشى كېرەك.

پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈشتىن باشقا، ليۇ ۋېي يەنە يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىقلارغا قارىتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى، «بىز ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئومۇمىيەتكە سىڭىشىپ، پۇختا تىجارەت قىلىشىمىز، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىمىز كېرەك».

«سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى بىلەن ئۆز خىزمىتى ئوتتۇرىسىدا بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىر - بىرىنى تولۇقلاش مۇناسىۋىتى بار، كەسىپ ساھەسى بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ ئويى، تەقەززاسىنىڭ بىرىكىش نۇقتىسىنى تاپقاندىلا، تەكلىپ ئاندىن <قەغەز يۈزى>دىن <ئەمەلىيلىشىش>كە يۈزلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.» ليۇ ۋېي مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا، مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە ئەمەلىيەت جەريانىدا تېخىمۇ ۋەزنى بار تەكلىپلەرنى شەكىللەندۈرۈپ، داۋاملىق تۈردە پۇقراۋى كارخانىلار ئۈچۈن سۆزلەيمەن، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن تەكلىپ بېرىمەن.

■مۇخبىر خاتىرىسى

پۇختا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق «مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش تاپشۇرۇقى»نى ياخشى يېزىش

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى ليۇ ۋېينى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، بىر سىياسىي كېڭەش ئەزاسىنىڭ سەمىمىي قەلبىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

ليۇ ۋېينىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش يولى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا يىلتىز تارتقان. ئۇ كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈش، ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پۇختا بولغان «مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش تاپشۇرۇقى»نى ئارقا - ئارقىدىن يېزىپ چىقتى.

ئۇ دىققەتنى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى قىيىن مەسىلىلەرگە، بولۇپمۇ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىنچىلىقىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى ئەينەن ئىنكاس قىلىپ ھەم ئەمەلىي تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش بىلەن ئۆز خىزمىتىنىڭ بىرىكىش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، مەۋقەنى ئۆزىگە قويۇپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشتى.

«قىيىن مەسىلىلەرنى بىردىنلا ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، بۇنىڭدا سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ھەقىقىي تەكلىپ بېرىپ، ياخشى تەدبىر كۆرسىتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تىرىشچانلىقىنى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ مۇجەسسەملەشكە توغرا كېلىدۇ.» ليۇ ۋېينىڭ سۆزى كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

قەتئىي ئىرادە ۋە چىدامچانلىقنى دائىم قەلبكە پۈكۈپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرگە قاراپ ئاتلىنىپ، بىرىنچى سەپتىن ياخشى تەدبىر سوراپ، ليۇ ۋېينىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش قەدىمى پۇختا، كۈچلۈك بېسىلدى.