14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى پاڭ زىجيەن «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ 660000 × 2 كىلوۋاتلىق كۆمۈر ئېلېكتىر تۈرى قۇرۇلۇشىنى قوللاش توغرىسىدىكى تەكلىپ»نى تاپشۇرۇپ، قاراتۇز كان رايونىنىڭ كۆمۈر بايلىقى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ 660000 × 2 كىلوۋاتلىق كۆمۈر ئېلېكتىر تۈرى قۇرۇلۇشىنى قوللاشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تەكلىپتە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنىڭ ئېشىش ئەھۋالى، قىش پەسلىدە ساقلانغان پەسىل خاراكتېرلىك توك كەمچىل بولۇش ئەھۋالى تەھلىل قىلىنغان ھەم جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆمۈر بايلىقى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تور رامكىسى قۇرۇلمىسى قاتارلىق ئەھۋاللار تەھلىل قىلىنغان بولۇپ، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ يۈكسەك دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى ھەم ئۇلار پائال قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قاراتۇز كان رايونى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ كان رايونى ئومۇمىي پىلان (ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن)دا ئومۇمىي كۆلەمنى يىلدا 2 مىليون 400 مىڭ توننا بولۇشتىن يىلدا 4 مىليون 200 مىڭ توننا بولۇشقا ئۆستۈرۈشنى پىلانلىماقچى بولدى.
دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ بۇ كان رايونىنىڭ ئومۇمىي پىلانىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ چوڭ تىپتىكى زامانىۋىلاشقان كۆمۈر كان قۇرۇشىنى قوللاپ، ئىلغار كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىدا ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ 660000 × 2 كىلوۋاتلىق كۆمۈر ئېلېكتىر تۈرىنى قوللاش توغرىسىدا، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «14 - بەش يىل»دىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تەمىنلەش - ئېھتىياج بويىچە ئالدىن سىگنال بېرىش ئەھۋالى ھەم يەرلىكنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق دەرىجىدە ئالدىغا ئۆتۈش، ئۇزىرىغان مىقدار قالدۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە، شىنجاڭغا بىر تۈركۈم تىرەك خاراكتېرلىك ۋە تەڭشەش خاراكتېرلىك كۆمۈر ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى يېڭىدىن كۆپەيتتۇق. كېيىنكى قەدەمدە، شىنجاڭنىڭ دۆلەت يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن كۆمۈر ئېلېكتىر تۈرى قۇرۇلۇشى سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، «ئىش باشلاشقا تېگىشلىكلىرىدە تولۇق ئىش باشلاش، مەبلەغ سېلىشقا تېگىشلىكلىرىگە تولۇق مەبلەغ سېلىش، بالدۇر ئىش باشلاشقا بولىدىغانلىرىدا بالدۇر ئىش باشلاش» پىرىنسىپى بويىچە، سۈپەت ۋە بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە ئالغا سىلجىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تەمىنات كاپالىتى ئىقتىدارىنى ھەقىقىي كۈچەيتىمىز.
بۇنىڭدىن باشقا، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن كۆمۈر ئېلېكتىر كۆلىمىنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆمۈر ئېلېكتىر تۈرى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپكە دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى مۇنداق جاۋاب بەردى: شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ تەمىنلەش - ئېھتىياج تەرەققىيات ۋەزىيىتى، يىرىك پىلان ئىچىدىكى تەكشۈرۈپ تەستىقلانغان كۆمۈر ئېلېكتىر تۈرىدە ئىش باشلاش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن كۆمۈر ئېلېكتىر يىرىك پىلانى قۇرۇلۇش كۆلىمى ئىشلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەتقىق قىلىمىز.