− شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى توغرىسىدا يۈرۈشلۈك كۆزىتىش (3)
شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنىنىڭ 2 - قارارلىق قۇرۇلۇش تۈرىدە ئىمارەت ئۆگزىسى يېپىلدى، ئاقسۇ ئولېفىن، ئارېن، ئاۋىياتسىيە كىرسىنى ھەم تۆۋەن ئېقىندىكى كەسىپلەرنى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇردى، قەشقەر ۋىلايىتى 150 مىڭ مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق ئاممىۋى مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى زىددىيەت - ماجىرانىڭ %96ىنى يېزا - بازاردىن چىقارمايلا ھەل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى... بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇبىي شىنجاڭ مائارىپ ئاساسىنى پۇختىلاش، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل يول ئارقىلىق، زامانىۋى ئىدىيەنى تارقىتىش، زامانىۋى مەدەنىيلىك يېتىلدۈرۈش سالمىقىنى سىجىل زورايتتى. ھەممە جايدا ئۆزگىرىش بولماقتا.
جەنۇبىي شىنجاڭدىكى زامانىۋى مەدەنىيلىك ماددىي جۇغلانما، ئىدىيەنى يېڭىلاش ۋە تۈزۈم كاپالىتىنىڭ ماس قەدەمدە بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. كەسىپلەرنىڭ قەد كۆتۈرۈشىدىن مەدەنىيەت ئىشەنچىگىچە، ئاساسىي قۇرۇلۇشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن تۈزەپ ئەلالاشتۇرۇشقىچە، بۇ تۇپراق «شاھمات كۆزى» قىياپىتى ئارقىلىق ئومۇملۇقنى جانلاندۇرماقتا.
مائارىپ ئارقىلىق ئادەم يېتىشتۈرۈپ، مەدەنىيلىكنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش
مائارىپ زامانىۋى مەدەنىيلىكنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئۇل تېشى، جەنۇبىي شىنجاڭدا بۇنىڭ ئاچقۇچ ئىكەنلىكى تېخىمۇ نامايان بولىدۇ.
2024 - يىلى 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يوپۇقى ئېچىلىپ قۇرۇلدى، بۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستتا تولۇق كۇرس مائارىپى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ھازىرغىچە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا شىنجاڭ پەن - تېخنىكا شۆيۈەنى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە شىنجاڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنى، قەشقەر ۋىلايىتىدە قەشقەر داشۆ، خوتەن ۋىلايىتىدە شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا شىنجاڭ تىيانشان كەسپىي تېخنىكا داشۆسى (قىزىلسۇ ئوبلاستى مەكتەپ رايونى) بار بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستنىڭ ھەممىسىدە تولۇق كۇرس ئالىي مەكتىپى بار بولدى.
جەمئىي 870 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنىنىڭ 2 - قارارلىق قۇرۇلۇش تۈرىدە بۇ يىل 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئىمارەت ئۆگزىسى يېپىلدى، بۇ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ تولۇق كۇرس كەسپىنى يېڭىدىن كۆپەيتىشنى، باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئىلتىماس قىلىشنى پىلانلاش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، مەكتەپ باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملىشىغا ئاساس سالىدۇ.
قىزىلسۇ ئوبلاستى ئالىي مائارىپ بويىچە مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭ تىيانشان كەسپىي تېخنىكا داشۆسى (قىزىلسۇ ئوبلاستى مەكتەپ رايونى)نىڭ شۇ يىلى ئىش باشلاپ، شۇ يىلى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ «بىرىنچى باشلىق»لىرى مائارىپنى چىڭ تۇتۇپ، 100 مىليون يۈەن مائارىپ تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلىپ، شەھەر - يېزا مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. 2024 - يىلى، بۇ ئوبلاستتىكى ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرسىغا ئۆتۈش نىسبىتى 2023 - يىلىدىكىدىن %5.62 ئاشتى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىنىڭ ئوتتۇرىچە نومۇرى 27.64 نومۇر يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
قەشقەر ۋىلايىتى مائارىپ، پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە سىجىل كۈچەپ، قەشقەر تېخنىك شۆيۈەنى، ناھىيە - شەھەرلەردىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ۋە تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى، يەكەن تېخنىك شۆيۈەنى تەستىقلىنىپ قۇرۇلۇپ، ئۈچ يىلدا ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەردىن 56 مىڭنى، كەسپىي تېخنىكا خادىمدىن 24 مىڭنى تەربىيەلەپ يەتكۈزۈپ بەردى؛ قەشقەر داشۆنىڭ شەرقىي شەھەر مەكتەپ رايونى، قەشقەر تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى، قەشقەر كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدىن ئىبارەت ئۈچ ئالىي مەكتەپ ئۈچ يىلدا جەمئىي 38 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ شىنجاڭدا قېلىش نىسبىتى %90كە يەتتى، %45ى قەشقەردە قېلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تاللىدى؛ ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا داشۆسى شىنجاڭ تەتقىقات ئورنى قۇرۇلدى ھەم تۇنجى تۈركۈمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى، شىنجاڭ داشۆ قەشقەر مەكتەپ رايونى ۋە بېيجىڭ داشۆ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەتقىقات ئورنى قۇرۇلۇشى پائال پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىلدى.
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تۈرلۈك مەبلەغدىن 12 مىليون يۈەننى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم، بېيجىڭغا قاراپ يول ئالدىم» پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، 2024 - يىلى 2000دىن ئارتۇق ئائىلىنى بېيجىڭ، خېبېيغا بېرىپ نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللەپ، جۇڭخۇانى سۆيۈش ئۇرۇقىنى قەلبلەرنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزۇپ، مائارىپ ئارقىلىق ئادەم يېتىشتۈرۈش، مائارىپ ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى ئىشقا ئاشۇردى.
كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، مەدەنىيلىك ئاساسىنى پۇختىلاش
كەسىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش جەنۇبىي شىنجاڭدىكى زامانىۋى مەدەنىيلىكنىڭ ماددىي ئاساسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە سىياسەت مەدىتىگە تايىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر قەد كۆتۈرۈپ، كۆپ خىل كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىندى.
يېزا ئىگىلىك كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە، بايىنغولىن ئوبلاستى كەسىپ زەنجىرىدىكى پىششىقلاش بۆلىكى تۈرىدىن 40تىن كۆپرەكنى كىرگۈزۈپ ماكانلاشتۇرۇپ، لوپنۇر ناھىيەسى 10 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك پاختا كەسىپ توپى، كورلا 10 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك نەشپۈت كەسىپ توپى قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقاننىڭ كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئايرىپ بېرىلگەن پايدىسىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا تۈرتكە بولدى؛ يېڭى ئېنېرگىيە جەھەتتە، يىل ئىچىدە يېڭىدىن ئىش باشلانغان يېڭى ئېنېرگىيە تۈرى 8 مىليون 500 مىڭ كىلوۋاتتىن، پۈتۈپ تورلاشتۇرۇلغان توك 7 مىليون كىلوۋاتتىن، گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى 16 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشتى. شامال گېنېراتورى، مۇنار سىلىندىرى، چاقپەلەك قانىتى، يورۇقلۇق ۋولت بىرىكمە دېتالى، تىرەك، تەتۈر ئۆزگەرتكۈچ ۋە ئېنېرگىيە ساقلايدىغان باتارېيە قاتارلىق جابدۇق ياسىمىچىلىقى تۈرلىرى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، مەھسۇلات مىقدارىنىڭ پىلاندىكى تەلەپكە يەتكۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇندى.
ئاقسۇنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى كۆپ، مەھسۇلات مىقدارى زور، سۈپىتى ئەلا، ئەمما كەسىپ زەنجىرىدە يەنىلا كىچىك، تارقاق، ئاجىز، كەمتۈك بولۇش مەسىلىسى ساقلانغان، بۇنىڭغا قارىتا ئاقسۇ ۋىلايىتى بىڭتاڭشىن ئالمىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇش، چارۋىچىلىق ئاساسى ئەۋزەللىكىنى مۇستەھكەملەش، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش، جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى پەرقلىق تېرىش، قىزىلچا كەسپىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچ سەرپ قىلىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى.
قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى چىڭ كۆزلەپ، مەھسۇلات قىممىتى 100 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان سانائەت كارخانىسىدىن 28نى يېڭىدىن كۆپەيتتى، سانائەت كارخانىسى 2118گە يېتىپ، توك ئىشلىتىش مىقدارى ئۈچ يىلدا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %18 ئاشتى. 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيە توپلاشقان رايون قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، توك مەنبەسى گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمىنى 8 مىليون 957 مىڭ كىلوۋاتقا يەتكۈزدى، بۇنىڭ ئىچىدە يورۇقلۇق ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى 1 مىليون 214 مىڭ كىلوۋاتتىن كۆپىيىپ 6 مىليون 486 مىڭ كىلوۋاتقا يەتتى، 11 مىليون 50 مىڭ كىلوۋات گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى بەرپا قىلىنىۋاتقان بولۇپ، يېشىل توك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى %91.4نى ئىگىلىدى. بىر تۈركۈم يېڭى ماتېرىيال، بىيودورا ياساش، ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشى ئۇچۇرى، ھېسابلاش ئىقتىدارى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ماكانلىشىپ تەرەققىي قىلىپ، تەرەققىيات قۇۋۋىتى ئۈنۈملۈك قوزغىتىلدى.
ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى زامانىۋى مەدەنىيلىكنى تېخىمۇ كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى. خوتەن ۋىلايىتى بۇ يىل خوتەن - رىكازې تۆمۈريولىدا بالدۇرراق ئىش باشلاشنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەڭقىر - سەيدۇللا تاشيولىنىڭ دەرىجىسىنى تېزدىن ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، يۇرۇڭقاش دەرياسى ۋادىسىدىكى قۇم چۆكتۈرۈپ تەڭشەش كۆلچىكى قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولىدىغان ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
مەدەنىيەت ئارقىلىق قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، مەدەنىي تۇرمۇشقا ئاتلىنىش
زامانىۋى مەدەنىيلىكنى يېتىلدۈرۈشتە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى ئىدىيەۋى قاراش، تۇرمۇش ئۇسۇلى جەھەتتە زامانىۋىلىشىشقا قاراپ ئاتلىنىشقا، زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇشقا پائال سىڭىشىشكە يېتەكلەش كېرەك.
شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى زامانىۋى مەدەنىيلىكنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى خىزمەتنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار بۇ يىل شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشتىكى يارقىن نۇقتا، ئۇسۇل ھەم ئورۇنلاشتۇرما پىلاننى تونۇشتۇردى.
بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى رېن گۇاڭپېڭ مۇنداق دېدى: نادىر ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، «بۈيۈك تاڭ دەۋرىدىكى تۇر» «ساۋۇردىڭ» كۆرىكى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز، دۆلەت سەنئەت فوندى تىياتىرى «لوۋلەن جيۇگې»نى 6 - ئايدا تۇنجى كۆرسىتىمىز. «كوچا دوقمۇشىدىكى مۇزىكا كېچىلىكى» «كەنت باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» «دېھقانلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى» قاتارلىق ئاممىۋى پائالىيەتلەرنى ياخشى تەشكىللەپ، 475 يېزا - كەنت خاس ئەدەبىيات - سەنئەت شۆبە ئەترىتىگە تايىنىپ، 4000 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇنى قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ھېس قىلىش، قاتنىشىش، ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.
قەشقەر ۋىلايىتى «ئورتاق» بولۇشنى چۆرىدەپ سىجىل كۈچەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيدىغان بىر تۈركۈم ئەمەلىيەت بازىسى بەرپا قىلىپ، بىر تۈركۈم مۇزېي، مەدەنىيەت سارىيى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونى قاتارلىق نۇقتىلىق مەدەنىيەت مەيدان - سورۇنلىرىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، جەنۇبىي شىنجاڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەدەنىيىتى ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق مەدەنىيەت ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، «قەشقەر قەدىمىي شەھىرى» «بەن چاۋ» «لاچىن بايەكە» قاتارلىق بىر تۈركۈم نادىر ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، مورا ئىبادەتخانىسى، لەينىڭچېڭ، پەنتوچېڭ قاتارلىق بىر تۈركۈم تارىخىي خارابىلەرنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، 150 مىڭ مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق ئاممىۋى مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلىدى، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم يېتىشتۈردى، مەدەنىيەت ئارقىلىق قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇردى.