ۋەكىل زۇمرەت ئوبۇل قاتارلىقلار تەكلىپ سۇندى:
دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك
دۆلىتىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، ئورتاق تىل - يېزىقنى قوللىنىپ، ئورتاق تىلدا سۆزلىشىپ، بىر مەقسەتتە بولۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە قوللىنىش ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ دۆلەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم ئاساس، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى مۇقەررەر تەلەپ. 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى زۇمرەت ئوبۇل باشقا 30 نەپەر ۋەكىل بىلەن بىرلىكتە يىغىنغا تەكلىپ سۇنۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تېزلىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
بۇ قانۇن 2001 - يىلى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، 20 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىجرا قىلىندى، قىسمەن ماددىلار قانۇن چىقىرىشتىكى يېتەكچى ئىدىيە، نىشان، ئورۇن بېكىتمىسى، ھوقۇق - مەسئۇلىيەتنى ئايرىش ۋە قانۇن جاۋابكارلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشالماي قالدى، جىددىي ئۆزگەرتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ قاتارلىق مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلار دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى پائال كېڭەيتىپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پەن - مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مول ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى توپلىدى، شۇنداقلا قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى يېڭى پىكىر يولى ۋە يۆنىلىش بىلەن تەمىنلىدى.
ۋەكىل زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق قارىدى: دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. نۆۋەتتە، بۇ قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈلدى.
ۋەكىل زۇمرەت ئوبۇل قاتارلىقلار مۇنداق تەكلىپ بەردى: قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش جەريانىنى تېزلىتىش ھەم تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتىن ئالغا سىلجىتىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك: يېتەكچى ئىدىيەنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىغا دائىر قانۇن چىقىرىش مەزمۇنىدا جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكنى نامايان قىلىش؛ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنى ۋە قانۇن چىقىرىش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى قانۇن بويىچە مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى كېڭەيتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشنى قانۇن تىرىكىگە ئىگە قىلىش كېرەك. كېڭەيتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ تەربىيەلەپ كېڭەيتىشنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ قاتارلىقلارنى تەربىيەلەش ئاساسىي بازىسى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پەن - مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى قوللىنىشنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇرۇش؛ مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئۇلنى چىڭىتىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكى ھەمدە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.
بۇ قېتىم ۋەكىل زۇمرەت ئوبۇل قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپتە، دىققەت دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە مەركەزلەشتۈرۈلدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت يېڭى دەۋردىكى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى خىزمىتىنى تېخىمۇ مۇكەممەل قانۇن تىرىكىگە ئىگە قىلىپ، تىل ئورتاقلىقى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش، تەقدىرداش بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.