مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى
شىنجاڭنىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشقا مەدەت بەردى
شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىدا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى دىققەتنى شىنجاڭنىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشقا مەدەت بېرىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.
«دۇنيا پاختىچىلىقىدا جۇڭگوغا قاراش كېرەك، جۇڭگو پاختىچىلىقىدا شىنجاڭغا قاراش كېرەك.» ئەزا لياڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: دۆلەت پاختا نىشانلىق باھا سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ پاختىچىلىق كەسپى مۇقىم تەرەققىي قىلىش ھالىتىنى ساقلىدى، پاختا سۈپىتىمۇ بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. ھازىرقى باسقۇچتا، جۇڭگو شىنجاڭ پاختىسى دۇنيا ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %22ىنى ئىگىلىدى، جۇڭگونىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىپ، دۇنيا قىممەت زەنجىرىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ئۇچقاندەك ئۆرلەشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرماقتا.
«بۇ يىل، مەن شىنجاڭنىڭ پاختىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، ئىككى جەھەتتىن تەكلىپ ئېلىپ كەلدىم.» ئەزا لياڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: تەمىنلەش نۇقتىسىدىن، دۆلىتىمىز پاختىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قارىتا، پاختا نىشانلىق باھا سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭ توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، كەسىپ ئاساسىنى مۇقىملاشتۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىمەن؛ ئىستېمال نۇقتىسىدىن، پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال ياردەم پۇلى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، كېڭەيتىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، سۈپەت نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستېمال بازىرىنى جانلاندۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىمەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ «شامال ۋە قۇياش نۇرىنى قوغلىشىش» قەدىمىنى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىپ، تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئېلان قىلىپ، شامال ئېلېكتىر، قۇياش ئېنېرگىيەسى، سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش، ئېنېرگىيەنى زاپاس ساقلاش، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى گۇرۇپپا تورى قۇرۇشنى تېزلەتتى. ئەزا ياڭ جيې شىنجاڭ «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» لىنىيەسىنى يۇقىرى سۈپەتتە كۆلەملەشتۈرۈپ ئېچىش قۇرۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىپ، «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشىنى دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى يىرىك پىلانىغا ئالدىن كىرگۈزۈپ، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى چۆللۈك، تەكلىماكان قۇملۇقى، قۇمتاغ قۇملۇقىنى چۆرىدەپ، بىر تۈركۈم ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توكنى سىرتقا يەتكۈزۈش لىنىيەلىرىنى يەنە ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ ۋە قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.
ئەزا مېڭ چىڭسەي مۇنداق دېدى: شىنجاڭ دۇنيا بويىچە ئېنېرگىيە ۋە مېتال قېزىلما بايلىقى مول توپلاشقان رايون، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم قېزىلما بايلىق ئىز باسما رايونى بولۇپ، كان تۈرلىرى تولۇق، تارقىلىشى كەڭ، يۈرۈشلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى، قىسمەن كان تۈرلىرىنىڭ بايلىق زاپىسى كۆپ، سۈپىتى ياخشى بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
«ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى <ئون چوڭ كەسىپ توپى> قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۆمۈرنى ئاساس، نېفىت - تەبىئىي گازنى ئاچقۇچ، يېڭى ئېنېرگىيەنى يۆنىلىش قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى دۆلەتنىڭ «ئۈچ بازا، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى. ئەزا مېڭ چىڭسەي مۇنداق دېدى: بىرقاتار سىياسەت - تەدبىرلەر ئارقىلىق قېزىلما بايلىقلارنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، كانچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش ھەم ئەلالاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلەندى. ئۇ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئىستراتىگىيەلىك كۆپ مىقدارلىق قېزىلما بايلىقلار بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، دىققەتنى ئەۋزەل ۋە قىس قېزىلما بايلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، چارلاش - ئېچىشنى تېزلىتىش كېرەك. كارخانىلارنى كان ئىزدەشكە قاتنىشىپ، ئەلا سۈپەتلىك زاپاس ساقلاش بازىسى بەرپا قىلىپ، پائال «سىرتقا چىقىپ» ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق جايلارنىڭ كانچىلىق تەرەققىياتىغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. يەنە يەرلىكتىكى چوڭ تىپتىكى كانچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ئەلالىرىنى يۆلەپ، كۈچلۈكلىرىنى يۆلەپ، تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېشىل كانچىلىق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
بۇنىڭدىن باشقا، ئەزالار يەنە دىققەتنى ئاشلىق ۋە يېمەكلىك پىششىقلاش، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى كەسىپ توپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەسىلەن، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق كەسپىنى ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بويىچە ساياھەتچىلىكنى جانلاندۇرۇش، جۇڭگو - ياۋروپا(ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلار.