شىنجاڭنىڭ كېۋەز بىيوسورت يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىدا ئاچقۇچلۇق بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلدى
ئاساسلىق تېرىلىدىغان كېۋەز سورتىنىڭ «گېن خەرىتىسى» تۇنجى قېتىم سىزىپ چىقىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەننىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ قابىللار باشلامچى بولۇش تۈرى «كېۋەز سورتىنىڭ مۇھىم دېھقانچىلىق تېخنىكىسى خۇسۇسىيىتىنى ئانالىز قىلىش ۋە مولېكۇلا لايىھەلەپ سورت يېتىشتۈرۈش» بويىچە 2024 - يىللىق خۇلاسە يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ كېۋەزنىڭ مولېكۇلالىق سورت يېتىشتۈرۈش تۈرىدە گېن گۇرۇپپىسىنى ئانالىز قىلىش، سورت يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە يېڭى ئۇرۇق پىلازمىسىنى ئىجاد قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاچقۇچلۇق ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلگەن، بۇ، شىنجاڭنىڭ كېۋەز بىيوسورت يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىدا ئاچقۇچلۇق بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
تۈر گۇرۇپپىسى دۆلەت، ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەننىڭ يېتەكچى سورتى يۈەنميەن 8 - نومۇرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك T2T (خىروموسوما ئۇچ دانچىسىدىن ئۇچ دانچىسىغىچە) گېن گۇرۇپپىسىنى سىستېمىلىق ئانالىز قىلىپ، 320 مىليون ئىشقار جۈپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى ئىرسىيەت خەرىتىسى بەرپا قىلدى. سېلىشتۇرۇپ ئانالىز قىلىش ئارقىلىق كېسەلگە تاقابىلچانلىقى، چىگىتلىك پاختا بىلەن ساپ پاختىنىڭ نىسبىتى(پاختا تالاسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى) يۇقىرى بولۇشقا ئالاقىدار 12 ئاچقۇچلۇق گېن رايونىنى بېكىتتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى رايون تۇنجى قېتىم شىنجاڭنىڭ كېۋەز سورتلىرى ئىچىدە بايقالدى.
شىنجاڭدا ئاساسلىق تېرىلىدىغان كېۋەز سورتلىرىدا ئىرسىيەت ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، تۈر گۇرۇپپىسى يۈەنميەن 8 - نومۇر قاتارلىق مۇھىم سورتلاردا ئىرسىيەت ئايلاندۇرۇش ۋە گېن تەھرىرلەش تېخنىكا سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، كېۋەزنى نىشانلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېز سۈرئەتتە ياخشىلاشنى بىيوسورت يېتىشتۈرۈش تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۈرەتلىك نېرۋا تورى رامكىسى CSGDNنى ئېچىپ، گېن بىلەن خۇسۇسىيەتنىڭ مۇسبەت - مەنپىي مۇناسىۋىتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك باھالاشنى دەل جايىدا مۆلچەرلەش قورالى بىلەن تەمىنلىدى. بۇ قورال ئوت - چۆپ يوقىتىش دورىسىغا تاقابىل تۇرۇش، سارغىيىپ سولىشىش كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە گېننى تاسقاپ تاللاشتا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئەنئەنىۋى سورت يېتىشتۈرۈشتىكى فېنوتىپ دەلىللەشكە كېتىدىغان ۋاقىت تەننەرخىنى قىسقارتتى.
تۈر گۇرۇپپىسى يەنە مولېكۇلالىق بەلگىنى قوشۇمچە ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق تاللاش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، سارغىيىپ سولىشىش كېسىلى، ئوت - چۆپ يوقىتىش دورىسى قاتارلىقلارغا قارشى گېننى يۈەنميەن 8 - نومۇرغا كىرگۈزۈپ، تاقابىلچان، ياخشىلانغان يېڭى ئۇرۇق پىلازمىسىنى ئىجاد قىلىپ، مۇھىم سورتلارنى دەل جايىدا ياخشىلاشنى ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىق تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى پاختا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ پاختا كەسپى تېخنىكا سىستېمىسىدىكى باش ئالىم لى شۆيۈەن مۇنداق دېدى: بۇ، شىنجاڭدا ئاساسلىق تېرىلىدىغان كېۋەز سورتلىرىنىڭ مۇكەممەل گېن گۇرۇپپىسىنى تۇنجى قېتىم ئانالىز قىلىش بولۇپ، «گېن خەرىتىسى»نى سىزىپ چىققانغا باراۋەر، بۇ نەتىجە پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئەلا گېن گۇرۇپپىسىنى تېخىمۇ دەل جايىدا تاسقاپ تاللىشى ۋە لايىھەلىشىگە ياردەم بېرەلەيدىغان بولۇپ، شىنجاڭدا ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى ياخشى بولغان بۆسۈش خاراكتېرلىك كېۋەز سورتىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن ئاساس سالدى.
ئىگىلىنىشىچە، «كېۋەز سورتىنىڭ مۇھىم دېھقانچىلىق تېخنىكىسى خۇسۇسىيىتىنى ئانالىز قىلىش ۋە مولېكۇلا لايىھەلەپ سورت يېتىشتۈرۈش» تۈرى 2024 - يىلى 6 - ئايدا يولغا قويۇلغان بولۇپ، تۈرگە 15 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، بۇنىڭغا ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنغان، بۇنىڭدا، شىنجاڭ كېۋىزىنىڭ مۇھىم تۈرىنىڭ ئىرسىيەت ئاساسىنى ئانالىز قىلىپ، كېۋەزنىڭ ئەلا خۇسۇسىيىتىنى تەڭشەش - تىزگىنلەش ئورۇن - نۇقتىلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇھىم سورتنى قوبۇل قىلغۇچى تەنچە قىلغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىرسىيەت ئايلاندۇرۇش ۋە گېن تەھرىرلەش تېخنىكىسىنى بەرپا قىلىپ، مولېكۇلالىق بەلگىنى قوشۇمچە ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق تاللاش ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىرسىيەت ئايلاندۇرۇش ھەمدە گېن تەھرىرلەش تېخنىكىسى ئارقىلىق تايانچ ئاتىلىق ۋە ئانىلىق توپىدا ئەلا ئورۇن - نۇقتىلارنىڭ بىرىكىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال خۇسۇسىيىتى ئەلا بولغان بىر تۈركۈم يېڭى ئۇرۇق پىلازمىسى ئىجاد قىلىش مەقسەت قىلىنغان.