5- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 6- قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، يىغىندا «دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئالغا سىلجىتىش»نى چۆرىدەپ مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە قىلىش قانات يايدۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندا ۋۇ شيەن قاتارلىق 11 يولداش سۆز قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، پائال چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تۈرتكە بولىمىز.
دائىمىي كومىتېت ئەزاسى ۋۇ شيەن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئىجتىمائىي قانۇنچىلىق ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن، خۇاچياۋ، تاشقى ئىشلار كومىتېتىغا ۋاكالىتەن مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك؛ ئەزا راخمانجان داۋۇت مۇنداق تەكلىپ بەردى: جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستىدىكى ئېغىر نامرات رايونلارنى ئاساسلىق جەڭ مەيدانى قىلىپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھەمتۈرتكىلىك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، كېڭەيتىپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ تەشكىللىك بولۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ دەل جايىدا بولۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى خەن جۈن مۇنداق تەكلىپ بەردى: توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيە يېتەكچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن پائالىيەت ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىتتىپاقلىق - ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى تۇرغان پىدا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مىللەت ۋە دىن كومىتېتىغا ۋاكالىتەن مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك؛ زېڭ شۇلا ئالتاي ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمەت كومىتېتىغا ۋاكالىتەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئومۇمىي خەلق، تولۇق مەنزىرە، پۈتۈن رايون، پۈتۈن كەسىپ، پۈتۈن يىللىق ساياھەت يېڭى ئەندىزىسىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈپ، ئالتاي ساياھەتچىلىكىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى پۇ شۆمېي مۇنداق تەكلىپ بەردى: ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى جيا ديەنزېڭ «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىغا ۋاكالىتەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باش تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىنى دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى جىن شەن مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: ئادۋوكاتلار ساھەسىنىڭ ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، قانۇنچىللىق تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى ۋاڭ خۇڭشىن مۇنداق تەكلىپ بەردى: كۆلەملەشكەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى سۇپا ۋە تۇتقا قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا كۈچ قوشۇش كېرەك.
ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رېن خۇا يىغىنغا كېلىپ سۆزلەرنى ئاڭلىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چېڭ جېنشەن كادىرلار ئىشلىرىغا ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى، مۇئاۋىن رەئىس ئىلھام سابىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، مۇئاۋىن رەئىس ماغاۋ سېيىتقامزا، مۇئاۋىن رەئىس، قوشۇمچە باش كاتىپ جاڭ بو، مۇئاۋىن رەئىسلەردىن مۇتەللىپ ئوبۇل، ما شيۇڭچېڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز يىغىنغا قاتناشتى.