导航切换

​مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

日期:2025年02月12日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايون چۆچەك شەھىرىدە بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئاچتى​

مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

​ما شىڭرۇي سۆز قىلدى

​ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى


2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ئاپتونوم رايون چۆچەك شەھىرىدە بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ھەم بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، چۆچەك، 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ئاپتونوم رايون چۆچەك شەھىرىدە بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ھەم بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنى ئاچتى، يىغىندا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا سەپەرۋەرلىك قىلىندى ۋە تۈرتكە بولۇندى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىن ئويلىنىش، ئىستراتېگىيە جەھەتتىن كۆزىتىش، ئومۇملۇق جەھەتتىن پىلانلاش، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەت قىلىپ، سىجىل تۈردە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتارلىقلار شۆبە يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندىن ئىلگىرى، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز بىڭتۇن ۋە يەرلىكتىكى رەھبىرىي يولداشلارنى باشلاپ تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋە بىڭتۇەننىڭ بەيياڭ شەھىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ كۈچنى بىرىكتۈرۈپ نۇقتىلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، شەھەر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن سۆز قىلىپ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش نەتىجىلىرى ۋە كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەرنى دوكلات قىلدى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات خىزمىتىدىن سەمىمىي ئۈمىد كۈتتى، كۆپ قېتىم ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن بىڭتۇەننىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم كۈچ ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك كەڭ يۇغۇرۇلغاندىلا، ئاندىن زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى، ئاندىن جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، ئاڭلىقلىق ۋە تەشەببۇسكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ بىرنەچچە يىلدا شىنجاڭ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشى جەھەتتە پائال ئىزدىنىپ، ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشىنى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىش، بىڭتۇەنگە بولغان بايلىق تەقسىملەش سالمىقىنى زورايتىش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ئاممىنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاش قاتارلىق جەھەتلەردە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى، لېكىن بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇش خىزمىتىدە باش شۇجىنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى بىلەن يەنىلا پەرق بار، بەزى مەسىلىلەر ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، دادىل ئىشلەپ، ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئاچقۇچلۇق ساھە ۋە نۇقتىلىق ھالقىلاردا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. ئىدىيەۋى قاراشنى يۇغۇرۇشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئىدىيە چوڭقۇر قاتلىمىدىن بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك «بىر تاختا شاھمات» «بىر ئائىلە كىشىلىرى» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كونىلىققا ئېسىلىۋېلىش، ھەركىم ئۆز ئالدىغا جەڭ قىلىش تەپەككۇرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلاننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تۈزۈش، مەخسۇس يىرىك پىلاننى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش، رايون يىرىك پىلانىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان، چوڭقۇر گىرەلەشكەن تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش جەھەتتە ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشقا بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش ۋە قوماندانلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ئورتاق قوغداش كېرەك. مەدەنىيەت بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ئورتاق بەرپا قىلىشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مەدەنىيەت بايلىقى، ئەسلىھە قاتارلىقلارنى ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. كەسىپلەرنىڭ ماس تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭدىكى «ئون چوڭ كەسىپ توپى»نى چۆرىدەپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلاش، پەرقلىق تەرەققىي قىلىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش كېرەك. ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئورتاق ئېچىشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، بىڭتۇەنگە تۈرلۈك ئامىللارنى تەقسىملەش سالمىقىنى زورايتىپ، بىڭتۇەن كارخانىلىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۆمۈر، نېفىت - تەبىئىي گاز، قېزىلما بايلىق قاتارلىقلارنى چارلاش - ئېچىشقا قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىپ، بىڭتۇەننىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىش كېرەك. ئۇل ئەسلىھەلەرنى ماس قەدەمدە قۇرۇشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ قاتناش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، خەۋەرلىشىش، سۇچىلىق قاتارلىق چوڭ - چوڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك رايونلىرىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى تېزلىتىش كېرەك. ئاممىۋى مۇلازىمەت بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ كۆپ ئۆزئارا تۇتاشقان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئېكولوگىيە - مۇھىتنى ئورتاق تۈزەشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش نەتىجىلىرىنى ئورتاق مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتى، ئىختىساسلىقلار سىياسىتى ۋە ئىختىساسلىقلار تۈرى قاتارلىقلارنى يولغا قويۇشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، كادىرلارنى قوش يۆنىلىشلىك ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن ھەر مىللەت كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

ۋاڭ جيەنشىن، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش ۋە بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋە بىڭتۇەننىڭ بەيياڭ شەھىرىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئورگىنى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە بىڭتۇەن ئورگىنى، ھەرقايسى شى، شەھەرلىرىدە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.