导航切换

جەڭ دۇمبىقى چېلىپ سەپەرگە ئاتلىنىپ تېخىمۇ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى، تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا باھار دولقۇنى مەۋج ئۇردى

日期:2025年02月11日
来源:天山网
【字体:

باھار بايرىمىدىكى قاينام - تاشقىنلىق كەيپىيات ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا، شىنجاڭ تۇپرىقىنىڭ ھەممىلا يېرىدە تۈر قۇرۇلۇشلىرى قىزغىن دولقۇنى مەۋج ئۇردى. ھەرقايسى جايلار بەس - بەستە نۇقتىلىق تۈرلەردە ئىش باشلاش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ «تېز ئىلگىرىلەش كۇنۇپكىسى»نى بېسىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى بىلەن، بۇ يىلدىكى تۇنجى پەسىلدە «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش» ئۈچۈن پۈتۈن كۈچ بىلەن جاسارەتكە تولۇپ جەڭ قىلىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشماقتا.

2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا كىرانلار قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ كۆمۈردىن گاز ئېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ شەرقىي جۇڭغاردىكى يىلىغا كۆمۈردىن 2 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئېلىش تۈرى تۇرمۇش رايونىنىڭ ۋاقىتلىق تۇرالغۇ ئاساسىي گەۋدىسىنى قۇراشتۇرۇش تاماملانغان بولۇپ، بۇ تۈردە قۇرۇلۇش باشلاشتىن بۇرۇنقى تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئىشلىنىپ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى.

100 كىلومېتىردىن كۆپرەك يىراقلىقتىكى فۇكاڭ شەھىرى سىگۇڭخې دەرياسى سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، سۈرئەتنى چىڭ تۇتۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى. دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ كۆمۈردىن گاز ئېلىش تۈرى بىلەن سىگۇڭخې دەرياسى سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى تۈرىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدىكى ئالدىراش مەنزىرە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش مېلودىيەسىنى ئورتاق ياڭراتتى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پوسكام ناھىيەسىدىكى 2025 - يىللىق خاس، زامانىۋى خەلقنى بېيىتىش كەسىپ باغچىسى تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، تۈرلۈك قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى ئۇياقتىن - بۇياققا ئۆتۈشۈپ، چۆنەك ئېچىش، يەر ئاغدۇرۇش، سۆرەم سېلىش مەشغۇلاتى قىلىۋاتاتتى، قۇرۇلۇش نەق مەيدانى قاينام - تاشقىنلىق ئالدىراش مەنزىرىگە چۆمگەنىدى.

بۇ كەسىپلەر باغچىسىنىڭ پىلاندىكى قۇرۇلۇش كۆلىمى 43 مىڭ مو، 2025 - يىلىدىكى قۇرۇلۇش تۈرى كۆلىمى 4060 مو بولۇپ، يېڭى ئۇلاق تۈۋى، يېڭى سورت، يېڭى ئەندىزە، يېڭى تىرەك، يېڭى تىجارەت شەكلى يېتەكچى قىلىنىپ، ئالمىنى تىرەكسىز، يېرىم پاكارلىتىپ زىچ ئۆستۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى بەرپا قىلىنىدۇ، بۇ ئارقىلىق پوسكام ناھىيەسىنىڭ خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. تۈر پۈتكەندىن كېيىن، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش رولىنى ئويناپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم، جەمئىيەت ئۈنۈمىدىن ئىبارەت «ئۈچ پايدا»نى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

تاپشۇرۇش نىشانىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاش ئۈچۈن، قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا نۇرغۇن قېزىش ماشىنىسى، قاچىلاش ماشىنىسى قاتارلىق قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى ماسلاشتۇرۇلۇپ، سۈپەت ۋە بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، قۇرۇلۇش سۈرئىتى تېزلىتىلىپ، تۈرنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىغا يېتەرلىك قۇۋۋەت قوشۇلدى.

پوسكام ناھىيەسى 2025 - يىللىق خەلقنى بېيىتىشتىكى ئۆزگىچە، زامانىۋى كەسىپلەر باغچىسى تۈرىنىڭ باش ئىنژېنېرى ما شىنشىڭ مۇنداق دېدى: «بۇ تۈردە 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن بۇرۇن ئىش تاماملىنىش مۆلچەرلەندى، 3 - ئايدا ئالما كۆچەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى تىكىپ بولۇش قولغا كەلتۈرۈلىدۇ».

بىر تەرەپتە دەم ئېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دەرھال ئىش باشلاپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى، يەنە بىر تەرەپتە باھار بايرىمىدا دەم ئالمىدى، قۇرۇلۇش قەدىمى توختىمىدى.

كىران ئۈسكۈنىسىگە قوماندانلىق قىلىنغاندىكى سۈزۈك ئۈشتەك ئاۋازى، كۆۋرۈك سېلىش ماشىنىسىنىڭ سىجىل توختاۋسىز ماڭغان ئاۋازى... 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، شىنجاڭ چوڭ جىلغا سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى توك تارقىتىش زاۋۇت ئۆيىدە، 30دىن ئارتۇق قۇرۇلۇش ئىشچىسى 1 - نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ سىتاتورىنى يۆگەش ھەم پىرقىرىغۇچىسىنى قاتلاش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرماقتا ئىدى. قۇرۇلۇش سۈپىتى ھەم ئېنىقلىق دەرىجىسىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۈر بۆلۈمى مەخسۇس قۇرۇلۇش ئورنىغا ئىسسىق ساقلاش لاپىسى ياساپ، چوڭ تىپتىكى ئىسسىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

شىنجاڭ چوڭ جىلغا سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى گوۋۇيۈەن تەستىقلاپ يولغا قويغان 172 تۈرلۈك سۇ تېجەش، سۇ بىلەن تەمىنلەش چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ بىرى، ئۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىنى تەڭشەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، سۇغىرىش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارلىرىغا تەڭ ئېتىبار بېرىلگەن. قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، كۆپ يىللىق ئوتتۇرىچە توك چىقىرىش مىقدارى 1 مىليارد 893 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىدۇ، بۇ، تارىم دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئاقسۇ دەرياسى سۇغىرىش رايونىدىكى 8 مىليون مودىن ئارتۇق ئېتىزدا ئەتىيازلىق قۇرغاقچىلىق، سۇ كەمچىل بولۇش ئەھۋالىنى يېنىكلىتىپ، سۇغىرىش رايونىنى سۇغىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى، ھەتتا پۈتكۈل جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «قوش كاربون» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشىدۇ.

شىنجاڭ چوڭ جىلغا سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى ئۈچ ئۆلچەملىك تۈر بۆلۈمىنىڭ بىخەتەرلىك دىرېكتورى ۋاڭ تاۋ مۇنداق دېدى: گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى قۇراشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئىزچىللىقى ۋە بىخەتەرلىك، سۈپەت باشقۇرۇش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۈر بۆلۈمى باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى قۇرۇلۇش پىلانىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، دىجورنىلىق قىلىدىغان خادىملارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۈر رەھبەرلىرى يېتەكچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلەتتى، «نۆۋەتتە، 1 - نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى تۆۋەن قاتلام سىم تاياقچىسىنىڭ بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش سىنىقىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ قىسمەن قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق قىلىنىپ، بۇ يىل 10 - ئايدا توسمىدا چۈشۈرگە چۈشۈرۈلۈپ سۇ قاچىلاش ھەم 2026 - يىلى 8 - ئايدا بارلىق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ توك چىقىرىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى».

باھار بايرىمىدا دەم ئالمىغانلاردىن يەنە شېننېڭ شىنجاڭ تارباغاتاي تولى ناھىيەسى شامال ئېلېكتىر تۈرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىمۇ بار. باھار بايرىمى مەزگىلىدە، بۇ تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيداندا چارلاش خادىملىرىنىڭ قەدىمى توختىمىدى، بۇرغىلاپ چارلاش، ئۆلچەش، خاتىرىلەش... تۈرلۈك خىزمەتلەر تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا ئىدى.

شېننېڭ شىنجاڭ تارباغاتاي تولى ناھىيەسى شامال ئېلېكتىر تۈرى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە يولغا قويغان چوڭ شامال ئېلېكتىر تۈرى، شۇنداقلا شېننېڭ گۇرۇھى شىنجاڭدا قۇرغان تۇنجى مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك قۇرۇقلۇقتىكى شامال ئېلېكتىر تۈرى.

تولى ناھىيەلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر جياڭ شۆشى مۇنداق تونۇشتۇردى: 1 - ئايدىن باشلاپ، تۈر تەكشۈرگۈچى ئون نەچچە خادىم قار - شىۋىرغانغا قارىماي قۇرۇلۇش مۇددىتىنى چىڭ تۇتۇپ، شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى رايونى دائىرىسىدىكى ئىككى توپلاش پونكىتى، 188 گېنېراتورلار ئورۇن نۇقتىسى، ئىككى شامال يۆنىلىشى ۋە سۈرئىتىنى ئۆلچەش مۇنار نۇقتىسى ئۈچۈن نەق مەيداندا ئورۇن تاللاپ ۋە تەپسىلىي چارلاپ، قۇرۇلۇشنىڭ قىيىن نۇقتىسى ھەم خەۋپ - خەتەر نۇقتىسىغا قارىتا مۇددەتتىن بۇرۇن تاسقاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. «ھازىر، ئالدىن قالدۇرۇلغان 66 گېنېراتورلار ئورنىنى چارلاش تاماملاندى. 2 - ئايدا ئالدىن قالدۇرۇلغان گېنېراتورلار ئورنى، توپلاش پونكىتى ۋە شامال يۆنىلىشى ۋە سۈرئىتىنى ئۆلچەش مۇنارىنى چارلاشنى تاماملاش مۆلچەرلەندى» دېدى جياڭ شۆشى.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يەنە نۇرغۇن تۈرگە جىددىي تەييارلىق كۆرۈلۈپ، كۈچ توپلاپ ئاتلىنىشقا تەق تۇرۇلماقتا. قومۇل شەھىرىدە 2 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن 52 نۇقتىلىق سانائەت تۈرىدە ئىش باشلىنىدۇ، ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ، 3 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن داۋاملاشتۇرۇلۇپ قۇرۇلىدىغان تۈرلەردە ئىشنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى %100 بولىدۇ؛ 1 - پەسىلدە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا داۋاملاشتۇرۇلۇپ قۇرۇلىدىغان ۋە يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تۈر جەمئىي 343، بۇنىڭ ئىچىدە 2 - ئاينىڭ ئاخىرىدا 52 تۈردە كەينى - كەينىدىن ئىش باشلىنىدۇ، ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ؛ 2 - ئايدا، خوتەن ۋىلايىتىدىكى 191 تۈردە كەينى - كەينىدىن ئىش باشلىنىدۇ، ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، داۋاملاشتۇرۇلۇپ قۇرۇلۇپ ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىغان تۈر 120، يېڭىدىن ئىش باشلىنىدىغان تۈر 71؛ بۇ يىل ئالتاي ۋىلايىتىدە 458 تۈردە ئىش باشلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 1 - پەسىلدە داۋاملاشتۇرۇلۇپ قۇرۇلىدىغان تۈر 26.