شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سۇ مەھسۇلاتلىرى تەرەققىيات مەركىزى(سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىلمىي تەتقىقات ئورنى)دىن ئىگىلىشىچە، بىر قاتار يېڭى تېخنىكىلارنىڭ كېڭەيتىلىپ قوللىنىلىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭنىڭ بۇ يىل مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ سالمون بېلىقى باقمىچىلىق ئۆلكە - ئاپتونوم رايونىغا ئايلىنىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن، مەھسۇلات مىقدارى مەملىكەت بويىچە خام يېيىشكە بولىدىغان سالمون بېلىقى مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %30ىدىن ئېشىپ، تەدرىجىي ھالدا مەملىكەت بويىچە سالمون بېلىقى قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك خاس بېلىق تۈرلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم بازىغا ئايلىنىدىكەن.
شىنجاڭ گەرچە دېڭىز - ئوكياندىن يىراق بولسىمۇ، لېكىن 46 مىليون مودىن ئارتۇق بېلىق بېقىشقا ماس كېلىدىغان سۇ رايونى بار. بولۇپمۇ ئېگىز تاغلاردىكى ئېرىگەن قار - مۇز سۇلىرىدىن شەكىللەنگەن سوغۇق سۇ بايلىقىنىڭ سۇ سۈپىتى ئەلا، ئېرىگەن ئوكسىگېن مىقدارى مول بولۇپ، سالمون بېلىقى، قاڭشارلىق ئاق كورېگونۇس بېلىقى قاتارلىق سوغۇق سۇ بېلىقلىرىنىڭ ياشىشىغا ماس كېلىدۇ. بۇ ئەلا سۈپەتلىك بايلىقلار ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان شىنجاڭنى بېلىقچىلىقنى ئىنتايىن ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتى بىلەنمۇ تەمىنلىگەن.
«تېخنىكا جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش ئاچقۇچ.» شىنجاڭ سوغۇق سۇ بېلىقچىلىقى كەسپى تېخنىكا سىستېمىسىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى جاڭ رېنمىڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ سوغۇق سۇ بېلىقچىلىقى كەسپى تېخنىكا سىستېمىسى سوغۇق سۇ بېلىقچىلىقىنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى چۆرىدەپ، مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپىنى بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈشكە تەشكىللەپ، ئېرسىيەتلىك نەسىل يېتىشتۈرۈش، ئوزۇقلۇق ۋە يەم بېرىپ بېقىش ئەندىزىسى، كېسەللىك زىيانداشلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، مەھسۇلات سۈپەت بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇردى.
باقمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدا، پەن تەتقىقات خادىملىرى ئوخشاش بولمىغان باقمىچىلىق ئەندىزىسى بويىچە تېخنىكىنى توپلاشتۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، يەم بېرىشنى دەل جايىدا كونترول قىلغىلى بولىدىغان، باقمىچىلىق جەريانىدا بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغان ھەم سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدىغان ئېكولوگىيە - مۇھىت قوغداش تور ساندۇقى باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ خۇلاسىلەپ چىقتى ھەم نىلقا ناھىيەسىدىكى كۆپلىگەن سۇ رايونىدا ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى قۇرۇپ، ياخشى ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشتى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2024 - يىلى، ئېكولوگىيە - مۇھىت قوغداش تور ساندۇقى باقمىچىلىق تېخنىكىسى توققۇزتارا ناھىيەسى قاپچىغاي سۇ ئامبىرىدىكى سالمون بېلىقى ئىشلەپچىقىرىشىدا كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىلگەن، دىيامېتىرى 63 مېتىر كېلىدىغان بېلىق تور ساندۇقىدىن جەمئىي 60ى قۇرۇلغان، كېڭەيتىلگەن كۆلەم 327 مو، يېڭىدىن كۆپەيگەن سالمون بېلىقى مەھسۇلات مىقدارى 1300 توننا بولۇپ، شىنجاڭ سالمون بېلىقىنىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 6700 توننىدىن 8000 توننىدىن كۆپرەككە يەتكۈزۈلۈپ، مەھسۇلات مىقدارى %20كە يېقىن ئاشقان. بۇ يىل، بۇ تېخنىكا يەنە ئالتاي، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا كېڭەيتىپ قوللىنىلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ سالمون بېلىقىنىڭ ئاساسلىق تۈرى بولغان تىرىپلوئىد رەڭدار تىرۇت بېلىقى بېلىجانلىرىنى ئىمپورت قىلىشقا تايىنىش مەسىلىسى ھەل بولماقتا. پەن تەتقىقات خادىملىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ رەڭدار تىرۇت بېلىقى تىرىپلوئىد ئۇرۇقىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇدا ئىككى يىل سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، نۇرغۇن ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلدى، بېلىجانلارنى كۆپەيتىش نىسبىتى ۋە بېقىپ ئەي قىلىش نىسبىتى بىردەك %80كە يەتتى. نۆۋەتتە، بۇ تەتقىقات ئارقىلىق تىرىپلوئىد رەڭدار تىرۇت بېلىقى بېلىجانىدىن 25 مىڭى يېتىشتۈرۈلگەن بولۇپ، يەنىمۇ كېڭەيتىپ قوللىنىش ئاساسى ھازىرلاندى.
بۇ يىل، شىنجاڭ رەڭدار تىرۇت بېلىقى تىرىپلوئىد ئۇرۇقىنى يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ئىلغار بېلىقچىلىق باقمىچىلىق ئەندىزىسىنى كېڭەيتىدۇ. ھەرقايسى جايلار سوغۇق سۇ بېلىقچىلىقى تېخنىكا سىستېمىسىنىڭ ئەقىل كۆرسىتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆل ۋە سۇ ئامبىرى چوڭ سۇ يۈزى، بۇلاق سۈيى ۋە سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ قاتارلىق سۇ رايونلىرىدىكى ساھىل بوشلۇقىنى ئېچىپ، سالمون بېلىقى، قاڭشارلىق ئاق كورېگونۇس بېلىقى قاتارلىق خاس سوغۇق سۇ بېلىقى تۈرىدىكى بايلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، بېلىقچىلىق كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.