导航切换

«قومۇل شېرىن تەمى» «جۇڭگو شېرىن تەمى»گە ئايلاندى

日期:2025年02月11日
来源:天山网
【字体:

خەينەندە تېرىلغان قومۇل قوغۇنىنىڭ بازىرى ئىتتىك بولدى

«قومۇل شېرىن تەمى» «جۇڭگو شېرىن تەمى»گە ئايلاندى

2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى تيەنما تاللا بازىرىنىڭ تەيخې دۇكىنىدا، شەھەر ئاھالىسى چېن لىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مېۋە - چېۋە رايونىدا قومۇل قوغۇنى تاللاۋاتاتتى. مال جازىسىدىكى بۇ بىر تۈركۈم قومۇل قوغۇنى خەينەندىن كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ھەممىسىگە «مىزو گۇڭگۇا» دېگەن ماركا چاپلانغانىدى. چېن لىڭ مۇنداق دېدى: «باھار بايرىمىدىن ئىلگىرى، تاللا بازىرىغا خەينەندە تېرىلغان بۇ خىل قومۇل قوغۇنى تىزىلغانىدى. شۇ چاغدا مەن نەچچىنى سېتىۋالدىم، ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى تەمى يامان ئەمەس ئىكەن، بىزنىڭ بۇ يەرنىڭ قوغۇنىغا بەك ئوخشايدىكەن، دېدى، بۈگۈن يەنە ئالايىتەن نەچچىنى سېتىۋالغىلى كەلدىم».

تيەنما تاللا بازىرى قومۇل تيەنما سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە قاراشلىق دۇكان. بۇ شىركەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، شىركىتىمىز قومۇل شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى، قومۇل قوغۇنى مېۋە كەسىپ زەنجىرى سۇپىسى مۇلازىمەت مەركىزى بىلەن «مىزوتيەنچېڭ . گۇڭگۇا چىشيەن» داڭلىق ماركىسىنى تونۇشتۇرۇش ھەم «مىزو گۇڭگۇا»نىڭ يەشىكىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، تونۇشتۇرۇلغان «مىزو گۇڭگۇا» قومۇل قوغۇنى بولسا قومۇل قوغۇنى مېۋە كەسىپ زەنجىرى سۇپىسى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ خەينەن ئۆلكىسىدىكى قوغۇن تېرىپ ئۆزى سېتىش بازىسىدا تېرىپ يىغىۋالغان قىش، ئەتىياز پەسلىدىكى تۇنجى تۈركۈم قومۇل قوغۇنلىرى ھېسابلىنىدۇ.

«بۇ قېتىمقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى قومۇل قوغۇنى مېۋە كەسىپ زەنجىرى سۇپىسى مۇلازىمەت مەركىزى يېتىشتۈرگەن تۇنجى تۈردىكى يۇقىرى دەرىجىلىك قومۇل قوغۇنى مەھسۇلاتىنىڭ رەسمىي بازارغا سېلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنداقلا قوغۇن كەسىپ زەنجىرىدىكى <ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات بىلەن مۇقىم تەمىنلەش 365> خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئەمەلىيلەشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئىستېمالچىلار يىل بويى ئەلا سۈپەتلىك قومۇل قوغۇنى يېيەلەيدىغان بولدى» دېدى قومۇل قوغۇنى مېۋە كەسىپ زەنجىرى سۇپىسىغا قاراشلىق كارخانا − قومۇل قوغۇنى مېۋە داڭلىق ماركا تىجارەت چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ۋېي لىخەن.

«مىزو گۇڭگۇا» داڭلىق ماركىسى قومۇل شەھىرى قوغۇن كەسپىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك داڭلىق ماركىسى بولۇپ، 2017 - يىلى بارلىققا كەلگەن. قومۇل قوغۇنى مېۋە كەسىپ زەنجىرى سۇپىسى مۇلازىمەت مەركىزى 2023 - يىلى قۇرۇلغان، قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلغان، بازارلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈشنى يولغا قويغان كەسىپ زەنجىرى سۇپىسى مۇلازىمەت سىستېمىسى بولۇپ، سۇپا تەپەككۇرى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قوغۇن تېرىش سودىگەرلىرى، سېتىش سودىگەرلىرى، پىششىقلاش سودىگەرلىرىنى توپلاپ، قومۇل قوغۇنىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان، پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەنگەن خاس مېۋە كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلدى.

2024 - يىلىدىن بۇيان، قومۇل قوغۇنى مېۋە كەسىپ زەنجىرى سۇپىسى مۇلازىمەت مەركىزى خەينەن، يۈننەن قاتارلىق جايلاردا تېرىش بازىسى قۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك قومۇل قوغۇنى ئىشلەپچىقىرىپ، «مىزو گۇڭگۇا»نى يۇقىرى دەرىجىلىك داڭلىق ماركا سۈپىتىدە كېڭەيتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يادرولۇق ئىشلەپچىقىرىش رايونى، ئۈلگە كۆرسىتىش ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا ئۆز ئالدىغا تېرىش ۋە باشقۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، كەسپىي تىجارەت كوللېكتىپى قۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك سورتلارنى ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىش، ئۆلچەملەشكەن تېرىقچىلىق تېخنىكىسى ھەم زاكازلىق باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، شۇ جايغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، قومۇل قوغۇنى كەسپىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشىغا تۈرتكە بولدى.

خەينەن ئۆلكىسىدىكى قىش، ئەتىياز پەسلىدە قومۇل قوغۇنىنى ئۆزى باشقۇرۇش بازىسىدا تېرىلغان 2000 مودىن ئارتۇق يەردىكى «مىزو گۇڭگۇا» قومۇل قوغۇنى كەسپى بويىچە بۇلۇت ئاقىل يېزا ئىگىلىكى كۆزىتىش - ئۆلچەش سىستېمىسىغا تايىنىپ، قاتتىق ئۆلچەملەشكەن تەرتىپ بويىچە تېرىپ پەرۋىش قىلىنىپ، بۇلتۇر 12 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ھوسۇل ئېلىندى، قومۇل قوغۇنىنىڭ قەنت تەركىبى بىردەك 15تىن ئاشتى. بۇ تۈركۈم «مىزو گۇڭگۇا» بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن كۈچلۈك بازار رىقابەت كۈچىنى نامايان قىلدى، تۇنجى تۈركۈمدىكى 2000 يەشىك قوغۇن گۇاڭجوۋ جياڭنەن مېۋە - كۆكتات توپ سېتىش بازىرىدا تالىشىپ سېتىۋېلىندى.

«<مىزو گۇڭگۇا> قومۇلغا قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن ئىستېمالچىلارنىڭ كەڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى» دېدى ۋېي لىخەن.

«<مىزو گۇڭگۇا> داڭلىق ماركىسىنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستېمالچىلارغا يېپيېڭى تەم سەزگۈسى بېغىشلاپلا قالماي، يەنە قومۇل قوغۇنىنى <شىنجاڭ شېرىن تەمى>دىن <جۇڭگو شېرىن تەمى>گە ئايلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.» قومۇل شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جۇ جىڭرۇ مۇنداق دېدى: «سىياسەت جەھەتتىن يېتەكلەش ۋە قوللاشنى سىجىل كۈچەيتىپ، قومۇل قوغۇنى كەسپىگە بولغان پەن - تېخنىكا سېلىنمىسى قاتارلىقلارنى زورايتىپ، قومۇل قوغۇنى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىشقا تۈرتكە بولىمىز».