导航切换

مەسىلىلەرنى ھەمىشە ئىشخانىدىلا تەتقىق قىلساق بولمايدۇ

日期:2025年02月11日
来源:天山网
【字体:

بۇ يىل باھار بايرىمىدىن كېيىنكى تۇنجى خىزمەت كۈنىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق رەھبەرلەر ئالاقىدار ئورۇنلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ساقلاپ تۇرۇشقا، سۆرەلمىلىك قىلىشقا، ئولتۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ دەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى تارقىتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئىشنى باشلاش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يول ئېچىشتەك ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى نامايان قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلارغا ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ ئەمەلىي ئەھۋالنى ئىگىلەش، مەسىلىلەرنى ھەمىشە ئىشخانىدىلا تەتقىق قىلماسلىق توغرىسىدا يول كۆرسەتتى.

مەسىلىلەرنى ھەمىشە ئىشخانىدىلا تەتقىق قىلغاندا، مەسىلىلەرگە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك، تەتقىق قىلىش چوڭقۇر بولماسلىقتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. «بەزى چاغلاردا رەھبەرلەرنىڭ نەزەرىدىكى مەسىلە بىلەن بىز ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلغاندا بايقىغان مەسىلىنىڭ ھەرگىزمۇ ئوخشاش بىر ئىش ئەمەس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز.» بەزى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: پەقەت رەھبەرلەر ئاساسىي قاتلامغا ھەقىقىي كەلگەندىلا، ئاندىن ھەقىقىي مەسىلىنى بايقىيالايدۇ، مەسىلىنى ھەقىقىي ھەل قىلالايدۇ.

ھازىرقى ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى مەسىلىلەر ئالدىدا، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىشخانىدىن چىقىپ، ئامما ئارىسىغا بېرىپ، تۈگۈننى دەل جايىدا تېپىپ چىقىشىغا، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىشىگە تېخىمۇ توغرا كېلىدۇ. ھالبۇكى، يەنە بەزى رەھبىرىي كادىرلار ئىشخانىدا ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قارىسىغا ئىش قىلىشقا، كېمىگە بەلگە سېلىپ خەنجەر ئىزدەشكە خۇشتار. ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ قاتتىق باش قاتۇرۇشقا، چوڭقۇر ئويلىنىشقا رازىكى، ئىشخانىدىن چىقىپ ئاساسىي قاتلامغا بېرىشنى خالىمايدۇ؛ ئىشخانىدا يىغىن ئېچىش، ھۆججەت تارقىتىش، پېشانىگە ئۇرۇپلا تەدبىر بەلگىلەش بىلەن قانائەتلىنىدۇكى، نەق مەيدانغا بېرىپ «كۆرۈش، ئاڭلاش، سوراش، تومۇر تۇتۇش»نى ئويلىمايدۇ؛ تۆۋەندىن ماتېرىيال ئېلىشقا ئادەتلىنىپ قالغان بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىدىن ئايرىلغان ماتېرىيال بولسىمۇ ئېلىۋېرىدۇ. بۇنداق خىلمۇخىل ئەھۋاللارنىڭ ئارقىسىدا ئەمەلىيەتتە شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ ئازدۇرۇشى بار.

مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جەزمەن ئۆزى ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، قەلبى ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىكى ھەقىقىي تەدبىر ئارقىلىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتىكى ياخشى پىكىر يولىنى تېپىپ چىقىش، بۇ ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنى ھەقىقىي رازى قىلىش كېرەك. بۇ يىلقى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىدا «نەتىجە قەغىزى» نامايان قىلىنىپلا قالماي، يەنە «قۇرۇلۇش خەرىتىسى» سىزىپ چىقىلدى، نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىي خىزمەت ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ۋاقىتنىڭ ۋە خەلقنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىشقا توغرا كېلىدۇ.

(«جياڭ شياۋيەن» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)