导航切换

شىمالدىكى ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك

日期:2025年02月11日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايوننىڭ «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ھەم تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ئالغا سىلجىتىش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش سىنلىق يىغىنى ئېچىلدى

شىمالدىكى ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك

2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ھەم تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ئالغا سىلجىتىش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش سىنلىق يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ۋە «ئۈچ شىمال» قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، سۇغا ئاساسەن كۆكەرتىش كۆلىمىنى بېكىتىشتە چىڭ تۇردى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھازىر، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتىن يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىشنى دائىملاشتۇرۇش باسقۇچىغا قەدەم قويدى، توغرا مېتودولوگىيە يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش، سىستېمىلىق تۈرتكە بولۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۈنۈمنى يۆنىلىش قىلىش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش»تىن ئىبارەت بەش تۈرلۈك خىزمەت پىرىنسىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، داۋاملاشتۇرۇلۇپ قۇرۇلىدىغان تۈرلەرنى چىڭ تۇتۇپ تېز ئىشلەپ، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچتىكى خىزمەتلىرىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلەرنى پىلانلاش، زاپاس ساقلاشنى كۈچەيتىپ، مەبلەغ، سۇ ئىشلىتىش قاتارلىق تۈرلۈك ئامىل كاپالىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى يۈكسەلدۈرۈش ئارقىلىق ئومۇمىي خىزمەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يېشىللىق دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، تىپلارنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقىدار قوللاش سىياسەتلىرىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىپ، تىرىشىپ مەملىكەت بويىچە چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشتىكى ئۆرنەك ۋە ئۈلگە بەرپا قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىدىكى ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن شىنجاڭ كۈچىنى قوشۇشى كېرەك.

مۇقىيات جارمۇقامەت يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.