بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىسى 5000دىن ئاشتى.
بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش ئايلىق ئورۇنلاشتۇرۇش مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ، كارخانىلار ئىنكاس قىلغان زور مەسىلىلەرنى نەق مەيداندا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، يېتەكچىلىك قىلىپ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ 5000دىن ئېشىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك، 10 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشى خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈپ، 21 چوڭ تۈرنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ تىجارەت باشلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، قومۇل، شەرقىي جۇڭغار قاتارلىق جايلاردىكى بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمىتىدە زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ، سىياسەت، مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتتى، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، باغچە رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش سوممىسى %70تىن كۆپرەككە يەتتى، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە كارخانىلارنى قوللاش مەبلىغى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %219، %36 ئاشتى.
بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز باغچە رايونى (تەرەققىيات رايونى)نى باشقۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايون ھالقىغان باغچە رايونى، بىر باغچە رايونىنى ئىككى جايدا قۇرۇش سىياسىتىدە يېڭىلىق يارىتىش تېما تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك باغچە رايونىنى بېكىتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك، 10 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك بىر تۈركۈم كەسىپلەر باغچە رايونى بەرپا قىلىدۇ. «ئون چوڭ كەسىپ توپى»نى چۆرىدەپ، «15 - بەش يىل»دا يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش قاتارلىق يىرىك پىلانلارنى تۈزۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كەسىپ توپى كەسىپ زەنجىرى سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىنلىرىنىڭ ماسلىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا مەدەت بېرىدۇ. نېفىت، نېفىت خىمىيە، كۆمۈر، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، يېشىل كانچىلىق قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى سىجىل قوزغىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش، ھۈنەر - سەنئەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، رەقەملەشتۈرۈش ئارقىلىق كۈچ قوشۇش، باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىدۇ. كەسىپ زەنجىرىدىكى بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى سىستېمىلىق پىلانلاپ، تۈر قۇرۇلۇشى ئارقىلىق كەسىپلەرنىڭ زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.