يېقىندا، ئالتە نەپەر تاغقا چىقىش ھەۋەسكارى ئۆزئارا ھەمراھ بولۇپ پىيادە قۇتۇبىدىن يولغا چىقىپ لاڭتا C لىنىيەسىنى كېسىپ ئۆتكەن، يول ئۈستىدە بىر ئايالنىڭ پۇتى قايرىلىپ كەتكەچكە ھەرىكەت قىلالماي، تىيانشان تېغىنىڭ خېيۈەنفېڭ چوققىسىدا دېڭىز يۈزىدىن 3300 مېتىر ئېگىزلىكتىكى جايدا قاپسىلىپ قالغان، ئەھۋال خەتەرلىك بولۇپ، جىددىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش زۆرۈر ئىدى. شىنجاڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش تارماقلىرى كۆپ تەرەپنىڭ كۈچىنى ماسلاشتۇرۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى يۇقىرى بولۇش، تۇمان قويۇق بولۇش، قار قېلىن بولۇش ھەمدە خەۋەرلىشىش سىگنالى بولماسلىق قاتارلىق نۇرغۇن قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئۈچ كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئاخىر «تىك ئۇچار ئايروپىلان + زەربىدار ئەترەت»تىن ئىبارەت قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن بىرلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق قاپسىلىپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇپ چىقتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قىشلىق دالا ئېكسپېدىتسىيە ھەرىكىتى ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى، شىنجاڭنىڭ قار مەنزىرىسى سانسىزلىغان ئېكسپېدىتسىيە ھەۋەسكارلىرىنى بەس - بەستە كېلىشكە جەلپ قىلدى، لېكىن قىشلىق دالا ئېكسپېدىتسىيەسىنىڭ ئارقىسىدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.
72 سائەت ئىچىدە خەتەرلىك جايدىن قۇتقۇزۇش
2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتە، ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش نازارىتى قوماندانلىق مەركىزى ئەۋەتكەن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بۇ نازارەتتىكى قۇتقۇزۇشنى ماسلاشتۇرۇش ۋە لايىھە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى شى شياۋباۋ دەرھال قۇتۇبى ناھىيەسىگە قاراپ يولغا چىقتى.
مەنزىلگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، شى شياۋباۋ بۇ قېتىمقى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى سەل يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقىدى.
«تاپالمىدۇق، بارالمىدۇق.» شى شياۋباۋ مۇنداق دېدى: تاغ ئىچىدە تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 30 سېلسىيە گىرادۇس بولۇپ، يەنە تۇمان كۆتۈرۈلۈپ، كۆرۈش دەرىجىسى بەك تۆۋەن بولغاچقا، 1 - قېتىم بوشلۇققا كۆتۈرۈلگەن تىك ئۇچار ئايروپىلان قويۇق تۇمان سەۋەبىدىن يېرىم يولدا قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولدى.
2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، تاغلىق رايوندىكى قويۇق تۇماننىڭ تەسىرى سەۋەبىدىن، تىك ئۇچار ئايروپىلان تۇنجى قېتىم ئۇچقاندا قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ ئورنىنى بېكىتەلمەي، ئامالسىز شىخەنزە خۇايۈەن ئايرودۇرۇمىغا قايتىپ كەلدى.
«قاپسىلىپ قالغانلاردا پەقەت بىرلا سۆزلىشىش ئاپپاراتى بار بولۇپ، گەرچە چاستوتا بۆلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى تېپىش ناھايىتى تەسكە چۈشتى.» شى شياۋباۋ مۇنداق دېدى: توختىماي چاقىرىش ئارقىلىق، قاپسىلىپ قالغانلارغا بەش كىلومېتىر كېلىدىغان دائىرە ئىچىدە قارشى تەرەپنىڭ چاستوتىسىغا ئۇلاپ خەۋەرلەشتۇق. «خەرىتىدىن قارىغاندا تۈز سىزىقلىق ئارىلىق 1.82 كىلومېتىرلا كېلەتتى. لېكىن 1.82 كىلومېتىر بىر داۋاننى ياكى بىر پۈتۈن تاغنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى».
قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئايروپىلان گۇرۇپپىسىنىڭ ئايروپىلان باشلىقى جاڭ شياۋجۇڭ بۇ قېتىمقى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنى «ئىنتايىن تەسكە توختىدى» دەپ سۈپەتلىدى.
«قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش نەق مەيدانىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3300 مېتىردىن 4000 مېتىرغىچە بولۇپ، ھاۋاسى شالاڭ، ھاۋا ئېقىمى تۇراقسىز بولغاچقا، ئارقان بىلەن چۈشۈپ قۇتقۇزۇشقا ئامال بولمىدى، تىك ئۇچار ئايروپىلاننى قوندۇرۇشمۇ ئىنتايىن زور سىناق بولدى.» جاڭ شياۋجۇڭ مۇنداق دېدى: 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، تىك ئۇچار ئايروپىلان يەنە بىر قېتىم ئۇچتى، لېكىن نىشان نۇقتىسى ئەتراپىدا تۈز يەر يوق، يەر شەكلى مۇرەككەپ، قونغۇدەك شارائىت بولمىغاچقا، ئاۋۋال ئايروپىلاندىكى 12 قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خادىمىنى قاپسىلىپ قالغانلارغا بىر كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا چۈشۈرۈپ قويدۇق ھەم ھاۋادىن تاشلاپ بېرىپ قاپسىلىپ قالغانلارنى ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلىدۇق. شۇ كۈنى، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خادىملىرى ئۈچ سائەت جاپالىق يول يۈرۈپ پىيادە داۋاندىن ئېشىپ، قاپسىلىپ قالغانلار بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچراشتى. قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ پۇتى ئېغىر دەرىجىدە ئۈششۈپ يارىلانغاچقا ھەرىكەت قىلالمايتتى. ئەتىسى، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خادىملىرى قاپسىلىپ قالغانلارنى تىك ئۇچار ئايروپىلان قونىدىغان جايغا يۆتكەپ كېلىپ، دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالاتتى.
ئىزدەش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئاسان ئىش ئەمەس
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى گۇ يەنلۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: ھادىسە يۈزبەرگەن رايوننىڭ ئادەتتە كىلىماتى ناچار، خەۋەرلىشىش سىگنالى يوق بولۇپ، دالىدا قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش جەريانىدا، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خادىملىرى دائىم دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى يۇقىرى بولۇش، تۇمان قويۇق بولۇش، قار قېلىن بولۇش قاتارلىق پايدىسىز ئامىللارنى يېڭىشكە توغرا كەلگەچكە، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ھەرىكىتىنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە قىيىنلىق دەرىجىسى ۋە خەۋپ - خەتىرى بار ئىدى.
بۇ خىرىسلار ئالدىدا، شىنجاڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش تارماقلىرى پائال تەدبىر قوللىنىپ تاقابىل تۇردى. «بىز ئىزدەش، قۇتقۇزۇش قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خادىملىرىنىڭ كەسپىي ساپاسى ۋە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردۇق.» شى شياۋباۋ مۇنداق دېدى: پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تارماقلىرى ئېگىز تاغدا ئارقان ئىشلىتىپ ئەمەلىي جەڭ مەشىقى قىلىش، ئادەمسىز رايوندا ئىزدەش مەشىقى قىلىش قاتارلىقلارنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، خەتەرلىك ئەھۋال يۈزبەرگەندە تۈرلۈك قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنى ۋاقتىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلق ئىچى ئىزدەش، قۇتقۇزۇش قوشۇنىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە يار - يۆلەك بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ جەمئىيەت كۈچلىرىنى دالىدا قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشكە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇردى.
شىنجاڭ لەنتيەن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئەترىتى بۇ كەسىپتىكى داڭلىق خەلق ئىچى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تەشكىلاتى بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلاردا 24 تارماق ئەترەت قۇرغان، 1000غا يېقىن مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئەترەت ئەزاسى، 2000دىن ئارتۇق پىدائىيسى بار؛ شىنجاڭ گەنلەنلۈ ۋېيشى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش باش ئەترىتىنىڭ 65 تارماق شۆبە ئەترىتى بار بولۇپ، گۇڭئەن، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، كان، ئورمان، ئوتلاق، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش قاتارلىق تارماقلار بىلەن ئورتاق تەربىيەلەش، ئورتاق مەشىقلەندۈرۈش مېخانىزمى ئورناتتى؛ بايىنغولىن ئوبلاستى قىزىل كىرېست پېشقەدەم ئەسكەرلەر قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئەترىتى ئەترەت ئەزالىرىنى بېيجىڭ، نەننىڭ قاتارلىق جايلارغا كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى قوبۇل قىلىشقا تاللاپ ئەۋەتىپ، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش كۈچىنى كۈچەيتتى... جەمئىيەت كۈچلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن، ئاساسىي قاتلامدا تېز ئىنكاس قايتۇرىدىغان، بالدۇر قۇتقۇزىدىغان، كىچىكىدىن باشلاپ قۇتقۇزىدىغان جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تور سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، ئاساسىي قاتلام جىددىي ئەھۋالغا يولۇققاندا تېز، ئۈنۈملۈك ئىنكاس قايتۇرالايدىغان بولدى.
بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئېكسپېدىتسىيە قىلسا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك
دالا ئېكسپېدىتسىيەسى سەۋەبىدىن ئېلىپ بېرىلغان قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ھەرىكىتى ئاز ئەمەس، لېكىن خېلى بىر قىسىم قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشكە ئېكسپېدىتسىيەچىلەرنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تېخى ئېچىۋېتىلمىگەن رايونغا كىرىشى سەۋەب بولغان.
مۇخبىر قۇتۇبى ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى ئېلان قىلغان بىر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتىن رايون يول ئەھۋالى مۇرەككەپ بولۇش، ياۋايى ھايۋانلار تۇيۇقسىز ئۇچراپ قېلىش، كىلىماتى ناچار، ئۆزگىرىشچان بولۇش قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن، لاڭتا قەدىمىي يولى «ئىنتايىن خەتەرلىك، قاتناش شارائىتى ھازىرلانمىغان» دەپ ھۆكۈم قىلىنىپ، 2024 - يىلى 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، كېسىپ ئۆتۈش مەنئى قىلىنغانلىقىنى كۆردى. ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ قېتىم قاپسىلىپ قالغانلار بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ يېپىق ھالەتتىكى رايونغا كىرگەن.
بەزىلەر مۇنداق كۆرسەتتى: قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش كۈچى ئاممىۋى بايلىق، ئۇ چەكلىك بولۇپ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.
ھەربىر قېتىملىق ئىزدەش، قۇتقۇزۇشنىڭ ئارقىسىدا، كەسپىي ئىزدەش، قۇتقۇزۇش قوشۇنى، داۋالاش، ئارقا سەپ قاتارلىق ئادەم كۈچى تەننەرخى بار، تىك ئۇچار ئايروپىلان، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ، ھاياتلىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ۋە قاتناش، خەۋەرلىشىش قاتارلىق كۆپ جەھەتتىكى خىراجەت چىقىمى بار، لېكىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنىنىڭ ھەممىسى تەننەرخ بىلەن ھېسابلاشمايدىغان سېلىنما ھېسابلىنىدۇ.
«قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ئېنىق. ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا، ئالاقىدار كىشىلەر بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار خەتەرگە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئالاقىدار تارماقلار ھەرگىز قاراپ تۇرۇشقا بولمايدۇ.» شىنجاڭ داشۆ قانۇن شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى لى جۈن مۇنداق بىلدۈردى: لېكىن بۇ خىل قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنىڭ تەننەرخى يۇقىرى، ھەتتا قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خادىملىرى بۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتلىق بەدىلى تۆلەيدۇ، بۇنداق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشكە كەتكەن تەننەرخلەر ئېنىقكى چەكلىمىسىز ھالدا ئاممىۋى بايلىقتىن تۆلەنمەسلىكى كېرەك.
ئىلگىرى، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشكە كەتكەن خىراجەتنى «لۈيوۋ»لار ئۆزى تۆلىگەن مىساللار بار. 2024 - يىلى 7 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، تۆت نەپەر ساياھەتچى نىلقا ناھىيەسىدە مۇزلۇقتىكى ئادەمسىز رايونغا ئۆزى خالىغانچە كىرىپ قاپسىلىپ قالغان، بۇ ئىشتىن كېيىن سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن، تۆت نەپەر ساياھەتچى تىك ئۇچار ئايروپىلاندىن ئۈچنى ئەۋەتكەن مەلۇم ساياھەت شىركىتى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئاتلىق ئەترىتى ھەمدە يول باشلىغۇچىغا قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشكە كەتكەن خىراجەتنى تۆلىگەن؛ 2024 - يىلى 11 - ئايدا، جياڭشىلىق بەش نەپەر «لۈيوۋ» بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ بەيجاڭشەن تېغىدىكى تېخى ئېچىلمىغان تاغلىق رايونغا پىيادە كىرىپ خەتەرگە يولۇققان، بۇ ئىشتىن كېيىن سوت مەھكىمىسى ئۇلارنى قانۇن بويىچە 20 مىڭ يۈەن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا ھۆكۈم قىلغان.
قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خىراجىتىنى تولۇقلاپ تۆلىتىۋېلىشتا ئاساسلىنىدىغان قانۇن بارمۇ؟ لى جۈن بۇنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ 183 - ماددىسىدا، باشقىلارنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش تۈپەيلىدىن ئۆزى زىيانغا ئۇچرىسا، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلغۇچى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، مەنپەئەتلەنگۈچى مۇۋاپىق تۆلەم بەرسە بولىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. ساياھەت قانۇنىنىڭ 82 - ماددىسىنىڭ 3 - تارمىقىدا، ساياھەتچىلەر ئالاقىدار تەشكىلات ياكى ئاپپاراتلارنىڭ قۇتقۇزۇشى ۋە ياردىمىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، شەخسلەر ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك خىراجەتنى ئۆزى تۆلىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇن جايلارمۇ ھەقلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى ئارقا - ئارقىدىن يولغا قويدى. 2018 - يىلى 7 - ئايدا، ئەنخۇي خۇاڭشەن مەنزىرە رايونى «خۇاڭشەن داڭلىق مەنزىرە رايونىدا ھەقلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنى يولغا قويۇش چارىسى»نى ئېلان قىلىپ يولغا قويدى؛ شىنجاڭ دالا ئېكسپېدىتسىيەسىدە تىك ئۇچار ئايروپىلاننى ئىشلىتىپ قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ھەق ئۆلچىمىنى بەلگىلىدى؛ چىڭخەي ئۆز مەيلىچە ئېكسپېدىتسىيە قىلىپ قاپسىلىپ قالغانلاردىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ھەققىنى تولۇق ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلدى...
«بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئۆز مەيلىچە تېخى ئېچىۋېتىلمىگەن خەتەرلىك رايونغا كىرگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ھەرىكىتى ئاممىۋى بىخەتەرلىك كاپالىتىنىڭ مۇۋاپىق كۆزلىمە دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن بولسا، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشكە كەتكەن خىراجەتنى تولۇقلاپ تۆلىتىۋېلىشنى يولغا قويۇش ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشىغا سەل قارىغانلىقىغا قارىتا بېرىلگەن جازا بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئىقتىساد نۇقتىسىدىن قىلمىشنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنغا رىئايە قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈندۇر. بۇ خىل قىلمىشنى سادىر قىلغۇچىلاردا سۇبيېكتىپ جەھەتتە زور خاتالىق مەۋجۇت بولۇپ، ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئاممىۋى بىخەتەرلىك بايلىقىنى ئورۇنسىز خورىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئۆزىنىڭ تەۋەككۈلچىلىك قىلمىشى ئۈچۈن ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك» دېدى لى جۈن.
«<قانۇن - بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا جەزمەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش> قانۇن يېپىق ھالقىسى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، قارىغۇلارچە ئېكسپېدىتسىيە قىلىشتەك تەلەي سىناش پىسخىكىسىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، بۇنداق خەتەرلىك ئەھۋاللارنىڭ يۈزبېرىشىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ.» لى جۈن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ خىل تۈزۈم لايىھەسى ھەم جەمئىيەت ئادىللىقىنى قوغدىدى، تېخىمۇ مۇھىمى دۆلەتنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش سىستېمىسىنىڭ ھەقىقىي تاسادىپىي ئاپەتلەردە ئەڭ زور ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، «ئاممىۋى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش»تىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.