导航切换

بۈركۈت كۆندۈرگۈچى ئائىلىدىن چىققان ئاسىيا چېمپىيونى − بايان

日期:2025年02月11日
来源:天山网
【字体:

«بۈگۈنكى مۇسابىقىدە ھالىتىم ناھايىتى ياخشى بولدى، ئەمما يەنە بەزى تېخنىكىلىق نۇقتىلارنى تولۇقلىشىمغا توغرا كېلىدۇ، مەسىلەن، دۆڭدىن چۈشۈپ ئايلانغاندا سۈرئەتنى ئاشۇرالماسلىق سەۋەبىدىن بىر - ئىككى سېكۇنت ۋاقىت ئىسراپ بولۇشى مۇمكىن.» 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى يابۇلى قار تېيىلىش مەيدانىدا، چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن بايان جالىن بالدۇرلا ئىنچىكە ھالقىلاردا مۇكەممەللىككە ئىنتىلىشكە كۆنۈپ قالغانىدى. دەل مۇشۇنداق مۇكەممەللىككە بولغان بوشاشماي ئىنتىلىش ئۇنى قەدەممۇقەدەم ئاسىيا چېمپىيونلۇق مۇكاپات سەھنىسىگە چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغانىدى.

ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ دالىدا قار تېيىلىش بويىچە ئاياللار بەش كىلومېتىرغا تېيىلىش (ئەركىن ماھارەت) مۇسابىقىسىدە، بايان 12 مىنۇت 7 سېكۇنت 5 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن خېلىلا ئالدىدا تۇردى. ئۇنىڭ ئالتايلىق يۇرتدىشى دىلنىگار ئىلھامجان 3.6 سېكۇنت ئارقىدا قېلىپ 2 - لىككە ئېرىشتى. بۇ، جۇڭگو شىنجاڭ تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇق مۇكاپات سەھنىسىگە چىقىشى، شۇنداقلا جۇڭگو ئاياللار دالىدا قار تېيىلىش كوماندىسىنىڭ بۇ تۈردە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

ئۈچ يىل بۇرۇنقى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، 22 ياشلىق بايان تۇنجى قېتىم خەلقئارا سەھنىگە چىققانىدى. جاڭجياكوۋنىڭ چۇڭلىدىكى دۆلەت دالىدا قار تېيىلىش مەركىزىدە، ئۇ سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو كوماندىسىنىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ دالىدا قار تېيىلىش بويىچە ئاياللار 5×4 كىلومېتىرغا كۈچ ئۇلاپ تېيىلىش مۇسابىقىسىدىكى تارىختىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى − 10 - لىكنى قولغا كەلتۈردى. بۇ نەتىجە ياۋروپا ماھىرلىرىنىڭ بۇ تۈردىكى ئۇزاق مەزگىللىك مونوپوللۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭگو ئاياللار دالىدا قار تېيىلىش تۈرىنىڭ تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالدى.

باياننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كەچۈرمىشى دالىدا قار تېيىلىشتىن ئىبارەت بۇ تەنھەرىكەت تۈرى ئۈچۈنلا يارالغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. 1999 - يىلى 12 - ئايدا، بايان ئالتاي ۋىلايىتى جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ ساۋۇر تېغى ئېتىكىدىكى بىر چارۋىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بۇ جايدا قىش پەسلى ئۇزاق بولۇپ، ئاپئاق قار تۇپراقنى قاپلاپ تۇرىدۇ، بۇ ئۇنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە قار تېيىلىش تەنھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى ئەۋزەل تەبىئىي شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن.

باياننىڭ بوۋىسى شۇ جايدىكى داڭلىق بۈركۈت كۆندۈرگۈچى ئوۋچى. بۈركۈت كۆندۈرۈشكە ناھايىتى زور سەۋرچانلىق كېتىدۇ، بۇ تۈرلۈك ئەنئەنىۋى ماھارەت باياندا ئېگىلمەس - سۇنماس خاراكتېرنى يېتىلدۈرگەن. ئۇنىڭ دادىسى جالىن ئاۋباكىر جەمەتىنىڭ بۈركۈت كۆندۈرۈش ماھارىتىگە ۋارىسلىق قىلغۇچى بولۇپلا قالماي، يەنە ئەدەبىياتنى قىزغىن سۆيىدىغان شائىر ئىدى. ئۇنىڭ ئاپىسى كەشتىچىلىككە ماھىر بولۇپ، شۇ جايدا خېلى نامى بار ئىدى. مانا مۇشۇنداق شېئىرىي تۇيغۇ ۋە كۈچ - قۇۋۋەتكە تولغان ئائىلە مۇھىتىدا، بايان كىچىكىدىن تارتىپلا قالتىس تەنھەرىكەت تالانتىنى نامايان قىلدى.

بەش يېشىدىن باشلاپ، بايان ئاتا - ئانىسىغا ياردەملىشىپ ياشىنىپ قالغان بوۋىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا باشلىدى. بالىلىق چاغلىرىدا، ئۇ دائىم ئات مىنىپ ئاتا - ئانىسى بىلەن بىللە يايلاق كۆچۈپ مال باقاتتى. توققۇز يېشىدا، ئۇ ھەتتا ئۆزى يالغۇز چۇلۋۇرنى يېشىپ، كۆندۈرۈلمىگەن بىر توسۇن ئاتقا مىنىپ، بىپايان قارلىق دالىدا چاپقانىدى. بۇ كەچۈرمىشلەر ئۇنىڭ جاسارىتىنى تاۋلاپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە تەۋەككۈلچىلىك تەنھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا پۇختا ئاساس سالدى.

2017 - يىلى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو دالىدا قار تېيىلىش كوماندىسى پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە ساھە، تۈر ھالقىپ ماھىر تاللاشنى قانات يايدۇردى. بايان 800 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرىدىكى ئەلا ئىپادىسىگە تايىنىپ تاللاندى. قىزىنىڭ تاللىشى ئالدىدا، دادىسى جالىن گەرچە قىيالمىسىمۇ، لېكىن يەنىلا قەتئىي قوللاپ: «مەيلى قانداق ئىش قىلىڭ، قارار قىلغان ئىكەنسىز، پۇشايمان قىلماڭ، چوقۇم ئەڭ ياخشى قىلىڭ» دېدى.

قاتلاممۇقاتلام تاللاش ئارقىلىق، 2019 - يىلى، بايان نەچچە مىڭ زاپاس ئەزا ئىچىدىن ئۈزۈپ چىقىپ، دۆلەت كوماندىسىغا رەسمىي تاللاندى. 2022 - يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىنىڭ مۇھىم باشلىنىش نۇقتىسى بولدى، گەرچە ئەڭ ياخشى سەۋىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرالمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ مەيدان مۇسابىقە ئۇنى قىممەتلىك تەجرىبە توپلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە بايان يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا. 2 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئاياللار 5×4 كىلومېتىرلىق كۈچ ئۇلاپ تېيىلىش مۇسابىقىسى ئۇنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى ئاخىرقى جېڭى بولۇپ قالىدۇ. بۇ ياش ماھىر تېخىمۇ يۇقىرى نىشانغا 2026 - يىللىق مىلان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، يابۇلىدىكى چېمپىيونلۇق پەقەت بىر يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى.

«ئەنئەنىۋى ماھارىتىمنى يەنە كۈچەيتىشىمگە توغرا كېلىدۇ، بولۇپمۇ بىلەك كۈچۈمنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈرۈش بوشلۇقى بار.» بايان نەزەرىنى تېخىمۇ يىراق جايلارغا تىكتى. دالىدا قار تېيىلىشتىن ئىبارەت بۇ رىقابەت كەسكىن ساھەدە، ئۇنىڭ يەنە ناھايىتى ئۇزۇن يولنى بېسىشىغا توغرا كېلىدۇ. ئەمما دەل ئۇنىڭ يۇرتىدىكى ساۋۇر تېغىدىكى يىل بويى ئېرىمەيدىغان يىغىندى قارلارغا ئوخشاش، باياننىڭ قار تېيىلىشقا بولغان قىزغىنلىقى ۋە ئىنتىلىشى مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ.