2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، 9 - نۆۋەتلىك جۇڭگو مېيىپلەر قار - مۇز تەنھەرىكىتى پەسلى (شىنجاڭ بېكىتى) پائالىيىتى ۋە مېيىپلەر دالىدا قار تېيىلىش تەكلىپ مۇسابىقىسى ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ ئارشاڭ دالىدا قار تېيىلىش مەيدانىدا باشلاندى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى 500دىن ئارتۇق مېيىپ ھەم قار - مۇز ھەۋەسكارى قاتنىشىپ، قار - مۇز تەنھەرىكىتى ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقنى ھېس قىلدى.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى ۋە بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مېيىپلەر ئاممىۋى قار - مۇز تەنھەرىكىتىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئومۇملاشتۇرۇپ، مېيىپلەرنى قىش پەسىللىك سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، بەدەن چېنىقتۇرۇش تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە پائال قاتنىشىشقا يېتەكلەپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ، مېيىپلەر قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ ماھارەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مېيىپلەر قار - مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەقسەت قىلىنغان.
«ئۆيدىن <چىقىپ> قار - مۇز تەنھەرىكىتىنى ھېس قىلىپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم.» پۇت - قولى مېيىپ تەنھەرىكەتچى مىرئابۇل مەخمۇت مۇنداق دېدى: تەنتەربىيە مېيىپلەرنىڭ كەمتۈكلۈكتىن ھالقىپ مۇكەممەللىككە قۇچاق ئېچىشىدىكى كۆۋرۈك، تېخىمۇ كۆپ مېيىپ كىشىنىڭ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئۆيدىن چىقىپ، قار - مۇزدا ئويناش جەريانىدا تۇرمۇشقا قۇچاق ئېچىپ، تەنھەرىكەت ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقنى ھېس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى تەنتەربىيە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۇڭ جىجۈن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى مۇسابىقە پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ھەر مىللەت مېيىپلەرنى تەنھەرىكەتتىن بەھرىلىنىش، ئۆزىدىن ھالقىش، ئەتراپلىق يېتىلىشكە رىغبەتلەندۈرۈشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ مېيىپلەر ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مېيىپلەر تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
«قار - مۇزلۇقنىڭ چېكى بار، مېھىر - مۇھەببەتنىڭ چېكى يوق؛ ئارزۇ قاناتلىق، ھەرىكەت توسالغۇسىز.» ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، كېڭەش باشلىقى شيا جيەنشىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى تەنتەربىيە روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە جۇلالىق ئادىمىيەت مەنزىرىسىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىش ھېسابلىنىدۇ.
2016 - يىلىدىن بۇيان، جۇڭگو مېيىپلەر قار - مۇز تەنھەرىكىتى پەسلى ئۇدا سەككىز نۆۋەت ئۆتكۈزۈلۈپ، مېيىپلەرنىڭ قار - مۇزدىن ھۇزۇرلىنىشى، قىشلىق بەدەن چېنىقتۇرۇشىدىكى مۇھىم پائالىيەت بولۇپ قالدى. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە مېيىپ قار - مۇز تەنھەرىكىتى ھەۋەسكارلىرى دالىدا قار تېيىلىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپلا قالماي، يەنە قار ئۈستىدە چەمبىرەك ئېتىش، قار ئۈستىدە پۇتبول ئويناش، قار موتوسىكلىتى ھەيدەش قاتارلىق قىزىقارلىق كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنى ھېس قىلالايدۇ.